تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 510|ئىنكاس: 8

ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېگەن 79 ياشلىق ئەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
75
تۆھپە
31
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1333965085_80048.jpg




ئەنگىلىيە« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىدا ئاز ئۇچرايدىغان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. 79 ياشلىق جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بىر ئەر توي قىلغىنىغا 50 يىل بولغان ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېگەن.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى لىيۇ جېمىن بولۇپ، تېخى 2011-يىلى يېڭىلا جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىن ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىغا كۆچمەن بولۇپ بارغان.

ساقچى تەرەپ 5-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 4:30 ئەتراپىدا دېلو مەلۇم قىلغان خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن لىيۇ جېمىننىڭ ئۆيىگە يىتىپ بارغان. لىيۇ جېمىن شۇ چاغدا تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. كىيىملىرى، قوللىرى، يۈزلىرى، ھەتتا ئېغىزىدىمۇ قان ئىزلىرى بار ئىدى، ئەتراپىدا تېخى گۆش پارچىلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ 73 ياشلىق ئايالى جۇيۆئېنىڭ جەسىتى بولسا ياتاق ئۆيدە يانچە ياتقۇزۇلغان ئىدى. سول بىلىكىدىكى گۆشلەر يوقاپ كەتكەن ئىدى، نەچچە بارمىقى يەردە چېچىلىپ تۇرغان.

لىيۇ جېمىننىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ ئۆزىگە سادىر بولغان ۋەقەگە نىسبەتەن ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمىگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ توختىماي:« بۇ سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئېيىتقان.

شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ لىيۇ جېمىن ئايالىنىڭ گۆشىنى يېگەن بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا، لىيۇ جېمىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن. بىراق لىيۇ جېمىننىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنىمۇ بىلمىگەنلىكىنى ئېيىتقان. لىيۇ جېمىن ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ نېرۋا كېسىلى تەكشۈرتىشىنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ. كېلەر قېتىملىق سوت 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېچىلىدىكەن.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، لىيۇ جېمىن بىلەن جۇيۆ ئې ئىككىيلەننىڭ توي قىلغىنىغا 50 يىل بولغان، ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئامېرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلارنىڭ 51 ياشلىق ئوغلى ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەر كۈنى خەۋەر ئېلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
202
تۆھپە
99
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قورقۇنۇچلۇق     ئالۋاستى دىسەك بولدىكەن   


Rank: 2

تىللا
44
تۆھپە
29
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(نىمانداق قورقۇنۇچلۇق  ،   ئالۋاستى دىسەك بولدىكەن )  دىمىسىمۇ قېرېغاندا   ادەمدەك  تۇرىدىغىنى بەكلا ازغۇ   بۇلارنىڭ ىچىدە   ،،تۇلىسى   قېرېغانسىرى  جىنغا  ايلىنىپ   كىتەرمىش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1036
تۆھپە
649
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى شۈركەندۇردىغان ئىش بوپتۇ. دىسە..


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
645
تۆھپە
478
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەپ چىشلىگەن ياقام ئۈزۈلۈپ كېتەرمۇ يا؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
645
تۆھپە
478
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەپ چىشلىگەن ياقام ئۈزۈلۈپ كېتەرمۇ يا؟


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
125
تۆھپە
89
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
水晶叶子(维) يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 18:36
(نىمانداق قورقۇنۇچلۇق  ،   ئالۋاستى دىسەك بولدىكەن )  دى ...

ۋاي بىر ئىملاغا دىققەت قىلىپراق يېزىڭە ئىنكاسنى . نىمە ھىچ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن ئالجوقا خەت يازسىڭىز ، سىز ئۇيغۇر تىلىنى ، يېزىقىنى بۈلمەمسىز يا ........................


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
125
تۆھپە
89
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق ئىش بوپتۇ . توۋا


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
13099
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇلان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 15:36
ۋاي بىر ئىملاغا دىققەت قىلىپراق يېزىڭە ئىنكاسنى . نىم ...

باشقلارغا ئىملا توغۇرلۇق نەسىھەت قىلىشتىن بۇرۇن ، ئۆزىڭىزنڭ ئىملاسىغىمۇ دىققەت قىلشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 02:10, Processed in 0.080220 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991