تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 3

لەڭچىلەر قوشىقى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
409
تۆھپە
103
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 18:49:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹لەڭچىلەر قوشىقى››ــــــ ئۆتمۈش كونا جەمىيەتتە، لوپنۇر-چاقىلىق ئوتتۇرىسىدا  ئاشلىق توشۇيدىعان  بىرقىسىم ئاق كۆڭۈل ياشلارنىڭ قىسمەتلىرى بايان قىلىنعان قوشاقلاردۇر. بۇ قوشاقلار تىل ۋە بەدئىيلىك  قۇرۇلمىسى جەھەتتىن  باشقا قوشاقلاردىن ئالاھىدە پەرىقىلىنىدۇ. مۇھىم پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە.

كالا باقىپ كەل دەيدۇ،
كالاباقاي كىم بىلەن.
[دورالدا①چاي تالىشىپ،
ئۇرۇشتۇم شىلدىر②بىلەن
ئىگەمنىڭ سھزى كەڭرى،
ناحشا ئيتاي  ئاعزىم بىلەن.

توپاق سويساق بىز سويدۇق،
ئارتىلىپ قالۇر كىمگە؟
ئوبدان قۇلاق سالىپ باق،
تالىش گوڭتۇ③سھزۇمگە.

يىتىۋىدى بىر توپاق،
ھەممەسى قىلىدۇ سوراق.
دورالدا بىركۇن ياتىپ،
سويۇپ يىدۇق بىر توپاق.
لەڭىمىزكامىپ چىقىپ،
مۇشكۇل بولدىعۇ بۈگۈن.
حۇدا نىسىپ قىلارمۇ ،
ئھيگە كىتىشكە بىركۇن.

حۇدا نىسىپ قىلارمۇ ،
ئوي تەرەپكە كىتىشكە.
بۇحەقلەر ئۇنىمايدۇ،
بۇعدايعا پۇل برىشكە.

چارىكى يىگىرمە كوي،
يۇزمىڭ بۇعداي دەيىشكەن
چارىكى يىگىرمە كوي،
زىيان زەھەردىن ئاچچىقكەن.

لەڭ سالىپ كەلگەن تاعارنى،
ئالپ كىتايلى باشلىق.
چارحالىق ④دېگەن يەرنىڭ،
ئۇزۇم قۇعۇنى تاتلىق.

بىز چارحالىققا بارىپ،
ئون ئۇچ كۇن بىكار ياتتۇق
لەڭىمىز كامىپ چىقىپ،
ئارعامچى، تاعار ساتتۇق.

كىشى يۇرتىدا مۇساپىر،
كوزىمىزدىن ئاقتى ياش.
شايارلىقنىڭ لەڭىدىن،
كەم چىقتى تۆت چارەك ئاش.

بىزنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ،
ئوز يۇرتىدا قالعان ئاداش؟
بىزنى ئەسكە ئالمامدۇ،
يۇرتتا قالعان قرى ياش.

يەنە تارتىپ ئالارمىز،
پۇتتىن سالامەت بارىپ.
پۇل حەجلىمەي كىلەرمىز،
ئەللەك كوي زىيان تارتىپ.

لەڭىمىز كامىپ چىقىپ،
ئون ئۇچكۇن بىكار ياتىپ.
ئاران يانىپ كەلدۇق بىز،
مىڭ جىڭ ئاش زىيان تارتىپ.
ئىزاھات:
①دورال-----يەر نامى
②شىلدىر---كىشى ئىسمى
③تالىش گوڭتۇ---- لەڭچىلەر باشلىقى  بولعان ئادەم
④چارحالىق---چاقىلىق
مەنبە:ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرىدىن نەمۇنىلەر
ناملىق كىتاپتىن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
2984
تۆھپە
867
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 23:29:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان-زامانلاردىن ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قوشاقلارنى رەتلەپ ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىۋاتقان كىشىلەرگە تەشەككۈر


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2590
تۆھپە
1438
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 11:52:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت. تارىخىي قۇشاقلارنى ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ قالساق قانداق بولغىنى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    قەدىمىي قوشاقلاركەن تىلىمۇ ئۆزگىچە .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 15:40, Processed in 0.069747 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش