ئېينىشتېيىننىڭ لەقەملىرى
ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئېينىشتېيىن ناھايىتى ساددا، ئىنكاس قىلىشى ئاستا، ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدىغان بولغاچقا ئۇ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىناتتى.كىچىك دوستلىرى ئۇنىڭغا «ياۋاش قېرى» دېگەن لەقەمنى تېپىشقان.
ئۇنۋېرسىتېتتىكى مەزگىلدە، ئېينىشتېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن رازى بولمىغاچقا، كىتاب، تېئورما، فورمىلالارنى يادلاشنى خالىمايدىغان بولۇپ، ناچار ئوقۇغۇچى دېگەن نامى بار ئىدى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى دائىم «ھورۇن ئىت» دەپ تىللايتتى. دۇنياغا داڭلىق بولغان پىروفېسسور پىرنى ئېينىشتېيىندا ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساپا كەمچىل دەپ، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىشكە نەسىھەت قىلغان. ئۇنداقتا ياش ۋاقىتلىرىدا ئىستىقبالى يوق ئېينىشتېيىن قانداق قىلىپ بىر داڭلىق ئالىم بولۇپ چىققان، بۇ كىشىلەرنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
شۇڭلاشقا ئېينىشتېيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلىپ بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدىمەكچى بولۇشقان.
(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 6-سانىدىن ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت تەۋسىيەسى)