تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 4

بالاڭغا نان بەرگۈچە نان تېپىشنى ئۆگەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
847
تۆھپە
251
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:59:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4 o2 _; s( _" o8 t' X. ~2 Y; R% v/ _

بالاڭغا نان بەرگۈچە نان تېپىشنى ئۆگەت+ D! k  B+ d5 s4 _  V* @. h* j

5 x7 Y5 O4 o# h/ A! p$ l- r. {% P! ~7 V
ئانا قاغا ئۇۋا ياساپ، تۇخۇم باسماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ئاتا قاغا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ «ئەڭ ياخشىسى ئۇۋىنى ئېگىزرەك يەرگە ياسايلى، بولمىسا كەپسىز بالىلار تۇخۇمىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ» دەپ پۈتۈشۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئورمانلىقتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرۈپ، ئۇۋا ياساشقا باب ئېگىز بىر دەرەخنى تېپىپتۇ - دە، چاۋا-چاتقال، قۇش پەيلىرىنى تۇمشۇقىدا توشۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈندىلا ئۇۋىسىنى ياسىۋاپتۇ.! f/ X( i/ K, `
ئانا قاغا ئۇۋا پۈتكەندىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇپ بېسىپ يېتىپتۇ. ۋاقتى-سائىتى توشقاندا قاغا بالىلىرى تۇخۇمنى يېرىپ چىقىپتۇ. ئانا قاغا بالىلىرىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىشقا باشلاپتۇ. قاغا بالىلىرى ھەممە نەرسىگە ھەۋەس قىلغاچقا، دائىم بېشىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىۋېلىپ، ئۇياق-بۇياقلارغا ھەيرانلىقتا قارىشىدىكەن. ئانا قاغا بۇنداق ۋاقىتتا بالىلىرىنى جىملەپ، قانىتى ئاستىغا ئېلىۋالىدىكەن. ئەمما قاغا بالىلىرى چوڭ بولغانسېرى گەپ ئاڭلىماي ئوغرىلىقچە ئۇۋىسىدىن چىقىۋالىدىكەن. ئانا قاغا بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئاتا قاغىغا:
; A! s/ a& ]4 F/ c  Z, V2 k  - بالىلىرىمىز مۇشۇنداق كەپسىزلىك قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، بىرەر پېشكەللىك تاپسا قانداق قىلىمىز؟ شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، پەسرەك جايغا يېڭى بىر ئۇۋا ياساپ يۆتكەلسەك قانداق؟ - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ ۋە بىرلىككە كېلىپ بىر تۈپ پاكار دەرەخنىڭ ئاچىسىغا ئۇۋا ياساپتۇ.* V" Y; V- z0 @" c9 W
  قاغا بالىلىرى يېڭى ئۇۋىسىدا كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپتۇ. ئاتا-ئانا قاغىلار كۈنبويى ئالدىراشلىق بىلەن باچكىلىرىغا ئوزۇق ئىزدەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۇلارغا ئۇچۇش ماھارىتى ئۆگىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇچۇشنى بىلمىگەن قاغا بالىلىرى ئۇۋىسىدا يېتىپ يەپ، سەمىرىپ كېتىپتۇ.
4 X% W% P* U0 G3 Q0 K  بىر كۈنى، ئاتا قاغا بىلەن ئانا قاغا ئوزۇق ئىزدەپ كەتكەندە، ئىككى بالا ئورمانلىقتا كېتىپ بېرىپ، ئۇچالماي يۈرگەن قاغا بالىلىرىنى قىينالمايلا تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئاتا-ئانا قاغا قايتىپ كەلسە، بالىلىرى ئۇۋىسىدا يوق. دەل شۇ چاغدا بىر تۆمۈر تۇمشۇق ئۇچۇپ كېلىپ، بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانا قاغىلار ھەسرىتىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قار-يامغۇر يىغلاپتۇ.
7 ~4 r& D9 |: g" f. F3 i" P* Q$ s9 Q  تۆمۈر تۇمشۇق ئۇلارغا:
8 J  Q! L$ v0 |' S9 U  - ئەي ئاتا-ئانا قاغىلار، سىلەر بالىلىرىڭلارنى ئوبدان باققان بىلەن، ھە دېسە ئەنسىرەپ، ئۇچۇشنى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى، جاپالىق مۇھىتقا ماسلىشىشنى ئۆگەتمىدىڭلار. شۇڭا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. دەيدىغىنىم، ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماي، بېقىشنىمۇ بىلىڭلار، ئۆگىتىشنىمۇ بىلىڭلار، - دەپتۇ.; g- Y7 @' K+ ?7 ?" N& u8 L5 O2 y

" r- }: m4 r7 N/ \7 uمەنبە: ئۇيغۇرچە خەلق گېزىتى تورى.$ Q$ X0 W  f' ^# e

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
1594
تۆھپە
636
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:07:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەمىلى رىئاللىقتىن چىقىش قىلغان تېمىكەن. بالىلىرىمىز تەييارتاپ بولۇپ قالمىسۇن؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2628
تۆھپە
562
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:46:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
186
تۆھپە
105
UID
123
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 02:12:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا گەپ . پۇل بەرگىچە پۇل تىپىشنى ئۈگەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
457
تۆھپە
234
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەمىلى رىئاللىقتىن چىقىش قىلغان تېمىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:48, Processed in 0.057676 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش