تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 3

قىزىقارلىق نوبېل مۇكاپاتلىرىنىڭ تۈرلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2628
تۆھپە
562
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:55:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزىقارلىق نوبېل مۇكاپاتلىرىنىڭ تۈرلىرى

2 v9 K( k* H7 U, }* {

7 q) }9 E; Q2 {0 B$ S

«قىزىقارلىق» نوبېل مۇكاپاتى ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىنىشتىن بىر، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تارقىتىلىدۇ. ئۇنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مۇمكىن بولمايدىغان تەتقىقات خاتىرىسى» ناملىق يۇمۇر ژورنىلى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. بۇ مۇكاپات تۈرى 1991-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى بىلەن ئىجادچانلىق كۈچىگە ئىلھام بېرىپ، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن، قارىماققا كىشىلەرنى كۈلكىگە قىستايدىغان، ئامما كېيىن كشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىگە تۈرتكە قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان مۇكاپات تۈرىدىن ئىبارەت. ھەر يىلى 10 خىل ساھەدىكى تەتقىقات تۈرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

, V/ A3 |1 T5 M6 a6 U2 ]
$ Z# R0 \3 ]& A8 I6 j

; _) h& Q. p; n, {. i/ f4 ~. u& U+ K

بىرقانچە «قىزىقارلىق» نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى


9 ^# v$ \. ^3 G4 l: p1 K, I, r) Y# x! ^& R4 W, z9 Z

▲ بىيولوگىيە مۇكاپاتى:

ياپونىيە كىتازاتو ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى تانوكۇچى بىلەن ئىلگىرى كىتازاتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ئىككى نەپەر جۇڭگۇلۇق تەتقىقاتچى مۈشۈكئېيىقنىڭ گەندىسىدىن ئائىلىدىكى ئەخلەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا پارچىلىيالايدىغان ۋىرۇسنى ئاجرىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

8 }- I0 B& U2 V1 y: u/ Y) a

4 b: r6 `; T% e  D8 H) v
6 |0 d+ e6 h# u

▲ فىزىكا مۇكاپاتى:

ئامېرىكا تىكساس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئائۇستىن شۆبە مەكتىپىدىن ئىنسانشۇناس لىزاشاپېرو بىلەن ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ھەمراھى ھامىلدار ئاياللارنىڭ يىقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شاپېرو بىلەن ھەمراھلىرى 19 نەپەر ھامىلدار ئايالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاياللارنىڭ بەل ۋە بەل ئومۇرتقىسىدىكى ئومۇرتقا ھالىتىنىڭ ئۈچ يۆنىلىشكە قاراپ سۈمۈرۈلىدىغانلىقىنى؛ ھالبۇكى، ئەرلەرنىڭ ئىككىلا يۆنىلىشكە قاراپ سوزىلىدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىكى يېپىشىش كۈچى ئەرلەرنىڭكىدىن مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىكىش بۇلۇڭىنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاياللارنىڭ بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساسقا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.


& X* P/ q5 n+ ?, d! `7 ^3 J
$ ?% q& y' Q, P8 a7 M2 \, ^5 F  a) N& T- u

▲ مال دوختۇرلۇقى مۇكاپاتى:

ئەنگىلىيە نېۋكاسكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوگلاس بىلەن لاۋرىنسون نامى بار سىيىرنىڭ سۈت مىقدارىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


4 U  z$ W( G# I$ O! L8 h" @/ ~- c% D, G$ T
3 t, [8 D& D% w) ?4 V

▲ تېنچلىق مۇكاپاتى:

شىۋېتسارىيە بېرن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بورىنگ ۋە ئۇنىڭ تۆت نەپەر خىزمەتدىشى قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ لىق پىۋا توشقۇزۇلغان بوتۇلكىدىن تېخىمۇ ئېغىر يارىدار قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

* X% z* @* @* ~" b2 N8 F
" Q, }5 J1 s- N) s
2 ~' U; w# I6 D1 g

▲ مېدىتسىنا مۇكاپاتى:

بۇ مۇكاپات ئامېرىكا كالىفۇرنىيە ئىشتاتىدىكى دوختۇر ئونگېرغا بېرىلگەن. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى، كۈندە سول قول بارمىقىنىڭ بوغۇمىنى چېكىپ، ئوڭ قولى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانىسى ئېيتقاندەك، بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قالىدىغان- قالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئۇ بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن بولۇپ، «ئىككى قولۇمنىڭ بارمىقىنىڭ بوغۇملىرىدا ھېچقانداق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى. جەننەتتىكى ئانامغا : ئانا سەن خاتالىشىپسەن، دېيەلەيدىغان بولدۇم»دېگەن.

- {+ G/ k" F, X* `5 S
# R6 ^, U! D' l& v# I# e; _

8 k' ^8 x1 v( m

▲ ئاممىۋىي سەھىيە مۇكاپاتى:

   ئامېرىكا چىكاگودىكى بودنار ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر خىزمەتدىشى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇلار بىر خىل ئىچ كىيىم لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، جىددىي ھادىسىلەرگە يولۇققاندا، بۇ خىل ئىچ كىيىم ئىس- تۈتەكتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ قۇتقۇزۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.


( L! V1 m; R1 K7 R' z5 g0 P5 P
( I- ]' p+ L( \/ C/ L" W/ f, ]" q1 I; B

▲ماتىماتېكا مۇكاپاتى:

زىمبابىۋى زاپاس بانكىسى بىلەن بانكا باشلىقى باسقان پۇلنىڭ قىممىتى بىر سېنتتىن بىر مىليون زىمبابىۋى دوللارغىچە ئوخشاش بولمايدىغان قىلىپ قويۇلغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى نۇرغۇن سانلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىكەن.
* T/ \7 A& N2 q& p4 ~, u0 ^! F. C7 f  b9 u0 h
  a: v* \2 @. ]
8 u6 N0 K& _# D& X6 Y0 e

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwanim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-30 22:57  1 e6 E- a6 @' @( E
. \( g: [1 \  E6 s" r6 N

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
1594
تۆھپە
636
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:03:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تۈرلىرىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا ئاپىرىن!


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
186
تۆھپە
105
UID
123
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 02:12:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىسام نوبىل مۇكاپاتىنى ماتىماتىكا ساھەسىگە بەرمەيدىكەن ؟ ھەر خىل گەپلەر بارمىش ؟ زادى قانداقتۇ ؟


Rank: 2

ئىسمى
مەردان
تىللا
61
تۆھپە
21
UID
366
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 05:55:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ساھەسىگە بىرىلمەيدىغۇ دەيمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:39, Processed in 0.064163 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش