




ئېرتىش دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى كۆكتوقايدا ئىككى كۈنلۇك سۈرەتكە تارتىش پائالىيىتىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ ، يالغۇز ماشىنامنى ھەيدەپ سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم . غەرىپكە قاراپ دەريانى بويلاپ ، بېيتۇن شەھىرى ، بۇرچىن ناھىيەسىدىن ئۆتۇپ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۇشتىن كېيىن پىلانىمدىكى ئۈچىنچى نۇقتا گۈزەل ھەم سىرلىق بولغان « جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل ساھىل » دەپ ئاتالغان رەڭدار ساھىلغا يېتىپ باردىم . تەلىيىمگە ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ ، روھىممۇ بىراقلام كۆتۇرۇلۇپ ، بىر كۈنلۇك سەپەر ئازابىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ سۈرەت تارتىشقا كىرىشىپ كەتتىم . ئالدى بىلەن تەبىئىي نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ، تارتىش نۇقتىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەندىن كېيىن ، ئاپاراتنىڭ مۇناسىۋاتلىك پارامېتىرلىرىنى تەڭشىۋالدىم . يۇقۇرى سۈپەتلىك سېفىرلىق نىگاتىپقا ئېرىشىش ئۈچۇن RAW ھالەتتىكى خاتىرىلەشكە بېكىتىپ قويدۇم . قۇياش نۇرى كۈچلۇك بولغاچقا سۇ يۇزىدىن نۇر قايتىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى ، شۇڭا قۇتۇپلاشتۇرغۇچى ئەينەك تاقاش ئارقىلىق قايتقان نۇرنى يوقىتىپ ، رەڭنى سەل تويۇندۇرۇر مەقسىتىگە يەتتىم . بۇ يەرگە كەلگەن فوتوگرافلارمۇ ، ساياھەتچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئۇلار ساياھەت ئۆمىگى بىلەن كەلگەچكە قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئالدىراپ ، خۇددى تاپانچىنىڭ تەپكىسى ئارقا – ئارقىدىن بېسىلغاندەك ئاۋازلار قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي ئاڭلىناتتى . مېنىڭ كۆڭلۇمدىن ئۇلار ياخشى سۈرەت تارتالامدىغاندۇ دىگەن ئەندىشە پەيدا بولاتتى . قارىماققا سېفىرلىق ئاپارات نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغان بىلەن ئادەمدىن كۈتىدىغان تېخنىكىلىق تەلەپ يۇقۇرلاپ كەتكەن ئىدى . بىر پارچە سۈرەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىدىكى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىرى ئاپاراتنىڭ مۇقىملىغى بولغاچقا ، ئىمكان بار ئۈچ پۈتلۇق جازا ، ئاپتۇماتىك تارتىش ئىقتىدارى ، تەپكە سىمى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك . مەن ھەر قېتىم تەپكىنى باسقىنىمدا نەپەسلىرىممۇ ئىختىيارسىز توختايتتى . يېنىمدا بېيجىڭدىن كەلگەن بىر ھەربىي فوتوگراف بولۇپ ، ئىككىمىز تاكى كۈن پېتىپ بولغۇچە بىللە سۈرەتكە تارتتۇق . ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەر قاتلىمى ھەركىتىنىڭ تەسىرى تۇپەيلىدىن بۇ يەردىكى قېلىن كۆمۇر قاتلىمىنىڭ كۆيۇشى ھەم يەر يۇزىدىكى بوران چاپقۇنلارنىڭ يالىشى ، كۈچلۇك قۇياش نۇرىنىڭ چۇشىشى تۇپەيلىدىن مۇشۇنداق ئاجايىپ مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۇرگەن . تېنىچ ئاققان ئېرتىش دەرياسى شەرىقتىن غەرىپكە ئاقىدىغان ، ئېلىمىزدىكى بىردىن بىر شىمالىي مۇز ئوكيانغا قويۇلىدىغان دەريانىڭ بىرى . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4248 كىلومېتىر .، دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 546 كىلومېتىر بولۇپ ، بورچىن ئارقىلىق قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىپ ، روسىيەدىن شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ . بۇ دەريانىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ بولۇپ ، «تاغلىرى ئالتۇندەك ، سۇلىرى كۆمۇشتەك» دىگەن نام بىلەن تەرىپلىنىدۇ .
|