تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 3

خېتىمىزنىڭ توغرا ۋە كۆركەملىكى يېزىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
847
تۆھپە
251
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:00:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

$ G- j- w/ l1 R. _" A: p6 S! E! n
1 _$ m1 `- d5 M$ ~

خېتىمىزنىڭ توغرا ۋە كۆركەملىكى يېزىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسى

ئاپتورى: شۆھرەت پازىل

( w: I( s8 _8 f/ X2 j
    چىرايلىق يېزىلغان خەت، جايىغا قويۇلغان چېكىتلەر گۈزەلنىڭ يۈزىدىكى خالدەك كىتاب بەتلىرىگە گۈزەللىك بېرىدۇ. خېتىمۇ ناچار، خاتالىرىمۇ كۆپ خەتنى يازغۇچى خۇددى ساقىلىنى بويىۋالغان كىشىگە ئوخشاش مەسخىرىگە قالىدۇ، مۇنداق ساقالنى قىرقىپ تاشلىغان تۈزۈك.% Y5 `  M: ?7 \+ `9 p+ D% z
−− ئەلشىر نەۋائىي       # s; y3 c. Y5 h2 z+ Z/ p
بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىسى تىل-يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مىللەتلەر ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆتۈشىشمۇ تىل-يېزىق ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. قىسقىسى، يېزىق كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئالاقە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئايرىلماس قىسمى. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئالىم ۋە دانالار پۈتۈك يېزىپ قويمىغان بولسا، بىزگە ئۆتكەن ئىشلارنى كىممۇ ئېيتىپ بېرەلەيتتى» دەپ توغرا ئېيتقان.1 e; @& f/ W" z5 z% s. r
ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈردى. بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ئۇ قايتىدىن گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئارتۇقچىلىق بار يەردە كەمچىلىكمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە كومپيۇتېر مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ قەلەم بىلەن خەت-ئالاقە قىلىش، خاتىرە قالدۇرۇش، كۈندىلىك خىزمەتلەردىكى قول يازما ئىشلىرى بارا-بارا ئازىيىۋاتقاچقا، خەتلىرىمىزنىڭ رەتسىز، كۆرۈمسىز، ئۆلچەمسىزلىكى كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا.; K$ [* [* }* G# ]: ]
ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ خەت ساۋاتى مائارىپ ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: ئۆگەتكۈچىنىڭ بىپەرۋالىقى، ئۆگەنگۈچىنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى ياكى ساۋاتسىزلىقى سەۋەبلىك ئۆز يېزىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەسلىك، ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلما سىزىق، بەلگىلىرىنى ۋە يېزىلىش تەرتىپىنى، خەتلەرنىڭ پەرقىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىدىندۇر.- V- Q1 }# u! |! [# d+ w/ b
خەنزۇ يېزىقىدا خەتنىڭ يېزىلىش تەرتىپى، قۇرۇلما سىزىقلىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ شەكىللىرىدە ئۆز ئارا ئوخشاشلىققا، مەلۇم ئۆلچەمگە ئىگە بولغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرپ شەكلى بولالايدىغان ياكى مۇستەقىل ھەرپ شەكلى بولالمايدىغان ھەرپ ياسىغۇچى سىزىقلارنى، ئوخشاش ھەرپ قۇرۇلما سىزىقلىرىدىن پەرقلىق ھەرپلەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىگە قويۇلغان چېكىت، پەش، ھەزمىلەرنى ھەرپ قۇرۇلما بەلگىسى دەپ قوللىنىپ كەلدۇق. مەسىلەن: كىرتىك، ئوڭ تىك، سول تىك، قاش ئەگمە، يا ئەگمە، سەچۈك، چىغىر، تاقا، تاق شاخ، جۈپ شاخ، ھەمزە، چېكىت، قوش چېكىت ... دېگەندەك.
$ f  {+ x( s5 `5 t& tيېزىلىش تەرتىپىگە كەلسەك، «ش» ھەرپى-ئۈچ ھەرپ قۇرۇلما سىزىقى بىر ھەرپ بەلگىسىدىن يەنى «باش كىرتىك + كىرتىك + تاقا + ئۈچ چېكىت» تىن تۈزۈلگەن. «ك،گ،ڭ» ھەرپلىرىنىڭ باش، ئوتتۇرا ھەرپلىرىدە ئالدى بىلەن سەچۈك يېزىلىپ، ئاندىن شاخلىرى قوندۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «تۈگۈن، قىر تۈگۈن، تۈز سەرمە ۋە تاقا»لارنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تۈگۈن «ف، ق» ھەرپلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەكلىدە، قىر تۈگۈن «غ» نىڭ ئوتتۇرا، ئاخىر ھەرپلىرىدە قوللىنىلىدۇ. تۈز سەرمە بولسا «ب، پ، ت» ھەرپلىرىدە، تاقا «ن، ف، ق، س، ش» ھەرپلىرىنىڭ ئاخىر، يالغۇز شەكىللىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
) S3 _/ a( [( e! hھەرپ قۇرۇلما سىزىقلىرىنى ۋە خەتنىڭ يېزىلىش تەرتىپىنى توغرا، تولۇق چۈشەنمىگەندە خېتىمىزنىڭ رەتلىك، توغرا، تېز، توسالغۇسىز يېزىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. مەيلى قايسى مىللەتنىڭ يېزىقىدا بولسۇن، بەدىئىي يېزىلغان بىر پارچە خەت ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇنى بىلەن كىشىلەرنى غايىۋى جەھەتتىن تەربىيەلىسە، كۆركەملىكى بىلەن قەلبلەرگە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. بىر شەيئىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن شەرھلەش مۇمكىن ئەمەس. يېزىقمۇ شۇنداق. يېزىقنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىمەي، قۇرۇلما سىزىقلىرى، قۇرۇلما بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى بىلمەي تۇرۇپ خەت شەكلىنىڭ يېزىلىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەۋلادلىرىمىزنى بۇ جەھەتتە ئوبدان تەربىيەلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىزنى ياخشى تەربىيەلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. چۈنكى ئۇلار بالىلارنىڭ خەت ساۋاتىنى چىقارغۇچىلار، بالىلارنىڭ خېتىنىڭ رەتلىك، چىرايلىق، ئىملاسىنىڭ توغرا، جانلىق بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلاردۇر. ئوقۇتقۇچى خېتىنىڭ رەتلىك، كۆركەم، توغرا بولۇشى-بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا سۈپەتلىك ھەزىم قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسىدۇر.; O5 C! T" q7 R$ j4 e
يېڭى تۈزۈلگەن «ئېلىپبە» نىڭ باش تەرىپىدىكى قول كۆندۈرۈش مەشىقلىرىگە ھەرپ قۇرۇلما سىزىقلىرى ۋە قۇرۇلما بەلگىلىرى، يېزىلىش تەرتىپى، ناملىرى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا (قەلەم خېتىنى ئوڭشاشنى خالىغۇچىلارمۇ شۇنداق) مەلۇم ۋاقىت مەشىق قىلدۇرۇلسا، ھەم ھەرپلەر بىلەن تونۇشۇش باسقۇچىدا ھەرپلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق، رەتلىك، توغرا چىقىشىغا تولىمۇ پايدىلىق، دەپ قارايمەن.: p$ Z  y- O% A8 a$ {
- D/ V8 ]4 {% S& Z/ X1 e- R9 m

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6 r  y1 U3 e/ D2 ^/ ]( e8 U! P; T- X1 W$ t


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2628
تۆھپە
562
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:09:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ۋە توغرا تەھلىل قىلىنغان...


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
1594
تۆھپە
636
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى  ئۇنتۇپ قالمايلى! تېمىڭىزدىن تۇلىمۇ سۆيۈندۇم.


Rank: 4

تىللا
282
تۆھپە
135
UID
264
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 01:59:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە. بۇ ھەقتە تەجرىبىلىك دوستلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرشى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بىزمۇ بۇ باھانىدا بىلىشكە تىگىشلىك زورۇل بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالايلى. ئىتراپ قىلىمەن. خىلىدىن بىرى ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتىن (قەلەم بىلەن يېزىشنى دىمەكچى) ئۆزۈمنى قاچۇردىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. بەلكىم بۇخىل ھىسىيات باشقىلاردىمۇ بولغان بولۇشى مومكىن. سىلەر قانداق قىلىۋاتىسىلەر ئاڭلاپ باقسام دەيمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:45, Processed in 0.058624 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش