كۆرۈش: 7956|ئىنكاس: 4

چەت ئەللەردە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
196
تۆھپە
92
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:27:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چەت ئەللەردە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى قانچە سائەت ئوقۇيدۇ


    ئەنگىلىيىدە: ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن بۇرۇن9:00 ئەتراپىدا مەكتەپكە بىرىپ،15:00 تىن ئاشقاندا مەكتەپتىن قايتىدۇ. يۇقىرى يىللىقلار بىلەن تۆۋەن يىللىقلارنىڭ مەكتەپكە بىرىش ۋاقتىدا يىرىم سائەت پەرق بار، يۇقىرى يىللىقتىكىلەر سائەت 8دىن 45مىنۇت ئۆتكەندە، تۆۋەن يىللىقتىكىلەر سائەت 9دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپكە بارىدۇ .بۇ دۆلەتتە بارلىق ئوتتۇرا– باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ سائەت 17دىن بۇرۇن مەكتەپتىن قويۇۋىتىلشى، بالىلارنىڭ كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ 6سائەتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى بەلگلەنگەن .
    ئامېرىكىدا: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپكە بىرىپ، سائەت 15دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن قايتىدۇ. دەرسلەر دەرس سائەتلىرگە ئىنىق ئايرىلمغان ، يەنى بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتى 45مىنۇت دەيدىغان تۈزۈم يوق، ئوقۇتقۇچى دەرس مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا ھاجەتكە چىقماقچى بولسا، ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ چىقسا بولىدۇ . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ سائەت 8دىن 45مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپكە بىرىپ، سائەت 15تىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن قايتىدۇ . ئۇلار ھەركۈنى 5.5 سائەت ئوقۇيدۇ،چۈشتە بىر سائەت تاماق ۋاقتى بار .
    مېكسىكىدا : ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سائەت 8دە دەرس باشلىنىپ ، سائەت 14تە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قويۋىتىلىدۇ .چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارغا تاماق بىرىلىدۇ. ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز سۈت، پىچىنە بېرىلدۇ خۇسۇسىيلار باشقۇرشىدىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز سۈت ، پىچىنە بىرىلىدۇ، خۇسۇسىيلار باشقۇرشىدىكى مەكتەپلەردە تاماقنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئېلېپ كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەكتەپلەردە ھەرسائەتلىك دەرس ۋاقتى 40 مىنۇت، بىر كۈندە جەمئىي ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ. ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە ئۆيى يىراق ئوقۇغۇچىلار نىڭ كىلىپ كېتىشگە ئاتا-ئانىلىرى مەسئۇل بولىدۇ، خۇسۇسىيلار باشقۇرشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەر مەخسۇس ماشىنا بىلەن توشۇيدۇ .
    ۋىېنسۇئلادا: ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە دەرسخانا يىتىشمەيدىغان بولغاچقا، چۈشتىن بۇرۇنلۇق ۋە چۈشتىن كىينلىك سىنىپ، دەپ ئايرىلغان.چۈشتىن بۇرۇنلۇق سىنىپلاردا سائەت 7دە دەرس باشلىنىدۇ، سائەت 11دە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشىدۇ، چۈشتىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۆيدە ئۆگنىدۇ. چۈشتىن كىيىنلىك سىنىپلاردا سائەت 13تە دەرس باشلىنىدۇ، سائەت 17دە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشىدۇ. بۇنداق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پىچىنە بىرىدۇ، ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا- ئانىسى ئۆزى توشۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئاپلېسىن ماركىلىق ماشىنىسى بىلەن كېلىپ –كىتىدۇ .
    گېرمانىيدە : باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى سائەت 8دە دەرس باشلايدۇ، تۆۋەن يىللىقتىكلەر ھەر كۈنى تۆت سائەت ئوقۇيدۇ ،يۇقىرى يىللقتىكىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا 6سائەت ئوقۇيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كىچىككەندىمۇ سائەت 13تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن قويۇۋىتىلدۇ. گىرمانىيە مەكتەپلىردە ئىزچىل ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىللىق ئۆگىتىلدۇ، ئوقۇغۇچىلاردى ئۆزى مەكتەپكە كىلىش تەلەپ قىلىندۇ، ئەمما نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار يەنىلا باللىرىنى ئۆزلىرى مەكتەپكە ئەكىلپ قويۇشنى خالايدۇ.
    رۇمىنيىدە: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سائەت 8دە مەكتەپكە كىلىپ بولىدۇ، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرى ئىلىپ كىلىدۇ، ئۇلار ھەركۈنى 4سائەت ئوقۇيدۇ، ھەر سائەتلىك دەرس ۋاقتى 50مىنۇت بولۇپ، ئادەتتە ھەر بىر سىنىپتا 30ئوقۇغۇچى بولىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 22:21:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تەرەپلەردە ھەي باللارغا بېسىم بەك يۇقۇرى جۇمۇ  كىچىك بالامنىڭ سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئاز قالدى دۇك بولۇپ قالىدىغانغا....


Rank: 4

تىللا
479
تۆھپە
119
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 01:12:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاراتقۇچىلارنىڭ مۇنداق بىر پارىڭىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئدىم.ئەينى يىلى بىر ئامرىكىلىق دۆلىتمىزنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداق ئۈگنىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ يەنە 20يىلدىن كىيىن جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئامرىكىدىن ئشىپ كىتىدىغانلىغىنى پەرەز قىلغان .لىكىن 20يىلدىن كىيىن تەرەققىيات يەنە ئامرىكىدىن تۆۋەن تۇرغان .بۇ نىمە ئۈچۈن؟


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
555
تۆھپە
192
UID
2744

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 17:46:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بالام  مەكتەپكە 7:30 دە بېرىشى  كېرەك ئىدى ،  ئادەتتە  8:00   گە ئۈلگىرىپ بارىدۇ.  بەزىدە ئېزىپ ۋاقتىدا بېرىپ قالىدىغان كۈنلىرىمۇ بار.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 14:11:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تېمىنى   ياخشى  بېرىپسىز،ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن،بىز  بۇ تېمانى ئۆزىمىزگە تەبلىغاندا  نىمە دەيدىغىنىمىز تولىمۇ مۈشكۈل،راس.ئەمما بىز بۇنى ھەلقىلىشمىز تولىمۇ زۈرۈر.ئەپسۇس ـــ بىز ئاۋال ھەل قىلىدىغان مۇنداق بىر چوڭ مەسىلە بار ،بەلكىم  تازا توغرا  پىكىر   بولماسلىقى  مۇمكىن ،شۇڭا  مەن ئۇچراتقان بىرقانچە مەسىلىنى بايان قىلاي :
     بىرسى ــــ مەن بىر جۇپ  ئاتا-ئانالارنىڭ  سۇبىكتىپ  دەردى  مۇنداقكەن:( مېنىڭ  بالام ناھىيىتى  دوۆت ،ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن )دەيدۇ؛مەن ئۇلاردىن  مەكتەپ  بىلەن ،مۇئالىمىسى  بىلەن  سۆھبەتلەشتىڭىزمۇ ؟دەپ سورۇدۇم؛ ئۇلار سوھبەتلەشتۇق ـــ مەكتەپ  مۇدىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىللىرى بالا  كۈندىن كۈنگە ئارقىغا چىكىنىپ  ، نەتىجىسى لاياقەتسىز ،ئۇرۇشقاق ....بۇلۇپ كەتتى  دەيدۇ؛ مەن يەنە ئۇلاردىن ـــ سىزلەر باللاڭلارغا  قانداق  مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر ؟دەپ سورۇدۇم ؛ئۇلار بىز بىر دېھقان  بالام نىمە ئېلىپ بەردىسە  ئويلۇشۇپ ،قۇربىتىمىز يەتكەنى  ئېلىپ  بەردۇق ،بىزنىڭ  خىراقىمىزمۇ چەكلىك،ھىچقانداق ئىشقا سالمايمىز،شۇنداقتىمۇ  ئاشۇنداق تۇردۇ،بەزىدە تىللاپ ،ئۇرۇپمۇ كەتتۇق،....دەيدۇ.سېلەر  بالاڭلارنى  چۈشۈنەمسىلەر ،ئۆزەڭلار  بالاڭلار  بىلەن كۈندە ياكا 2،3كۈندە  بىرەر  سائەت  كۈڭئۈللۈك  سۆھبەت  ئېلىپ  بارالامسىلەر؟نىمىگە  قىزىقىپ ،نىمىنى ياخشى كۈرۈدىغانلىقىنى  بىلەمسىلەر ؟ھېچ بولمىغاندا بىرگە  بالاڭلارنىڭ  ئوينىشىغا  ئارلىشىپ بىللە ئويناپ  باقتىڭلارمۇ؟دەرسلىكلىرىنى كۈرۈپ  ،ئۆزەڭلارنىڭ  بالىنى يىتەكلەشكە قۇربىتىڭلار يىتىدىغان -يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟دەپ  سورىغاندىم ،ئۇلار مەندىن رەنجىگەندەك قىلىپ  ،بىر نەرسە دىمەيلا كۇرۇشەرمىز دەپ  كىتىپ قالدى.
     يەنە بىرى ــــ بىر جۇپ  ئاتا-ئانالارنىڭ  سۇبىكتىپ  دەردى  مۇنداقكەن:مېنىڭ بالام  ھازىر  باشلانغۇچىڭ 5- يىللىقىدا  ئۇقۇيدۇ،پەننى دەرىسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمەيۋېتىپتۇ،پەقەت  تەنتەربىيە ،سەئنەت  دەرىسلىرىدە ياخشى ،ھەتتا  مەكتەپ ئارتىسى ،...دەپ  ،ئۆزىنىڭ  بالىسىنى  ،دوختۇرلۇق  كەسپىدە  ئۇقۇپ ،بىر دوختۇر   بولۇشىنى ئارزۇ  قىلدىغانلىقىنى  ئېيتىتى ؛مەن  ئۇلاردىن  سېلەر  نىمە ئىش قىلىسىلەر دەپ  سورۇغىنىمدا  مەن بىر يامان ئەمەس سودىگەر   ،ئىقتىسادىممۇ  خېلى  كوپ ،تىجارىتىممۇ  ياخشى  دەيدۇ؛لىكىن  بۇلارنىڭ  تولىمۇ ئالدىراش  ئىكەنلىگى  بىلىنىپلا تۇراتتى؛شۇنداق بولسىمۇ يەنە ئۇلاردىن ـــ سېلەر  بالاڭلارنى  چۈشۈنەمسىلەر ،ئۆزەڭلار  بالاڭلار  بىلەن كۈندە ياكا 2،3كۈندە  بىرەر  سائەت  كۈڭئۈللۈك  سۆھبەت  ئېلىپ  بارالامسىلەر؟نىمىگە  قىزىقىپ ،نىمىنى ياخشى كۈرۈدىغانلىقىنى  بىلەمسىلەر ؟ھېچ بولمىغاندا بىرگە  بالاڭلارنىڭ  ئوينىشىغا  ئارلىشىپ بىللە ئويناپ  باقتىڭلارمۇ؟دەرسلىكلىرىنى كۈرۈپ  ،ئۆزەڭلارنىڭ  بالىنى يىتەكلەشكە قۇربىتىڭلار يىتىدىغان -يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟دەپ  سورىغاندىم ،ئۇلار مەندىن رەنجىگەندەك قىلىپ  ،ۋاي  ئەپەندىم سىزمۇ مۇئالىممۇ  نىمە ؟  بىز بۇلارنى  ئويلاپ  يۈرسەك  سىلەر نىمە ئىش قىلىسىلەر ؟ ەوڭچەنداڭنىڭ مۇئاشىنى  بېكارغا ئالامسىزلەر؟دەپ  كايىۋېتىپ  ،ئاغىنە خەپ بولماڭ  !دىگىنىچە كۇرۇشەرمىز دەپ  كىتىپ قالدى.مەن شۇنىڭدىن باشلاپ  ئۇقۇتقۇچىلار  بىلەن يەنە باشقا مۇشۇنداق  ئۇقۇش  يېشىدا باللىرى  بارلار  بىلەن  پۇرسەت تاپساملا  پاراڭلىشىپ  كوردۇم.ئاخىرىدا  تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار :
     1.ئىنتاھان  مائارىپى بىلەن ساپا  مائارىپى  ئوتتۇرسىاىكى  ئۆتكۈنچى  دەۋىردە  يۈز بەرگەن  ئىشلارمۇ؟
    2.ھازىرقى  دەۋرىمىزدە  سىياسەت ،مەبلەغ،شارائىت  شۇنداق ياخشى تۇرسا،مەسىلە بالىلاردىمۇ؟ياكى مۇئالىمدىمۇ؟ۋە ياكى ئاتا- ئانىلاردىمۇ؟ئاتا- ئانىلارنىڭ مەدەنيەت ساپاسىقانچىلىك؟ ،مائارىپ  قارىشى  قانداق؟
    3.ئۆزۈمىزنى  دەۋىرنىڭ  خېلى يامان ئەمەس  بىلىملىك كىشىللىرى ،......دىگۈچى  بىزلەرنىڭ  مائارىپ،مەدەيەت قارىشىمىز ،ئۇنۋىرسال ساپايىمىز .....قانچىلىك؟
    4.ھەممىنى جەمىيەتكە  ئاتىپ قۇيۇپ ،جەمىيەتىن يامانلاپ  يۈرۈمىزمۇ؟ياكى  بىزمۇ  مۇشۇ جەمىيەتنى تەشكىلغۇچى بىر  ھۆجەيرە،بىر ئەزا ،بىر كۈچلۈك  ئەزا  دەپ قاراپ ،بىز قايسى مەسۇليەتنى ئۈستىمىزگە ئېىلىپ  ،قايسى  ئىشلارنى  قىلىشىمىز،نەدىن باشلىشىمىز كېرەك  ؟
    ئومۇمەن يۇقارقى  مەسىلە  ئۈستىدە ئىزلىنىشىمىز ،ئەمەلىي  ھەركەت  قىلىشمىز كېرەك،ئەلۋەتتە.شۇڭا  مەن ئويلايمەن،ـــــ 90-يىللاردا ياپۇنىيە كارتۇن فېلىمى ‹‹مىم›› ....دىگەندەك فېلىملار  بار ئىدى ،گەرچە ئۇ فېلىملار  باشقىلارنىڭ بولسىمۇ  ئىنسانلار  مەدەنيىتىڭ جەۋھەرلى  يەنى  پەنئى  بىلىملەرنىڭ ئەڭ  نادىر  ئاچقۇچى  ئىدى.ھازىر  شۇمۇ  يوق  بۇلۇپ  كەتتى.ئۆزىمىزگە كەلسەك  بۇنداق  فېلىملەر ،مۇنداق ھىچقانداق  سىنىپىلىققا تەۋە ئەمەس  بەلكى  جەمىئيەت  تەرەققىياتىنى ئالغا  سۈرۈشتە  ئكسمۈرلەر  ماس  كەلگۈدەك  ھىچ  نىمىز  يوقكەن؛يوق  دىيىش ،قاقاشاش  ئاسان ،قىلىش تەس ـــ ئەلۋەتتە.يەنە  بىزدە مىللەت  قارىشى  بىلەن  دىنىي  قاراش  گىرەلىشىپ كەتكەن  ، رىيالىستلىق  بىلەن  ئەسلىمىزنى  ئۈلۈك  تەكىتلەشكە  قىزىپكەتكەن ،؛مۇنداق شارائىتتا تېخىمۇ  قيىين بولىشى  تەبئى.بىراق  بۇنى  چۇقۇم تىرىشىپ قەتئى  يېڭىپ؛
،ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەڭ  مۇكەممەل ،ئەڭ  ياخشى  نەمۇنە بولغۇدەك  تۇرمۇش ئادىتى،مەدەنيەت خاسلىقىدىكى  نەمۇنىلەر  بىلەن  كەلگۈسى  تەرقىياتنى  ئۆزئارا  ىرلەشتۈرۈپ ،قوللۇنۇشچانلىقى  كۈچلۈك ،ئەمەلىي ئەزقاتىدىغان  ،پەن - تېخنىكىنى  ئاساس ،باشقا تەرەپلەرنى  شۇنىڭغا   ماسلاشتۇرغان  ھالدىكى  ‹‹مىم ››غا  ئوخشاش  كارتۇنلارنى ،نادىر  سەھنە  ،تېلۋىزىيە  ئەسەرلىرىنى ،كىتاپلارنى  بارلىققا  كەلتۈرۈپ ، خەلقىمىزگە  ،پەرزەنتلىرىمىزگە  سۇنۇپ  بىرەتلىسەك  بۇلاتتى .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 06:59, Processed in 0.074672 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991