تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 1

‹‹لەيلى - مەجنۇن›› ۋە ‹‹رومىئو - ژۇلىتتا››[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2628
تۆھپە
562
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 19:07:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹لەيلى - مەجنۇن›› ۋە ‹‹رومىئو - ژۇلىتتا››

, C; D; Q* L. t. v) \- p; \
$ ]5 P3 ~0 Z' j3 N
! t/ B, Y1 g, L5 K) a' w

ـــــ شەرق ۋە غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئىككى تىراگېدىيەلىك ئەسەر ھەققىدە

+ a/ Z5 t: ~1 K: `2 m; O6 o

- n& R- F" K  ~$ y% I5 A1 `, n. H0 I; n, V% j5 m
" M9 P* Y( b. L0 `2 [1 Q9 @  w  ?. Q
15 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋائىي قەلىمىدە دۇنياغا كەلگەن مەشھۇر مۇھەببەت تىراگېدىيەسى ‹‹لەيلى – مەجنۇن›› كېيىنكى كۈنلەردە شەرقنىڭ ‹‹رومېئو – ژۇلىتتا››سى دەپ ئاتالدى. ‹‹رومېئو – ژۇلىتتا›› ياۋروپا ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئەنگلىيە دىراماتورىگى شېكسپىرنىڭ مەشھۇر مۇھەببەت تىراگېدىيەسىدۇر. بۇ ئىككى ئەسەردە قىز – يىگىت باش قەھرىماننىڭ چىن، سەمىمىي مۇھەببىتى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ چىرىك، قاتمال قائىدە – يوسۇن، ئەدەپ – ئەخلاقىنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانى بولغانلاردۇر.
% u& o1 o; m1 t5 I8 w: P( P: P
9 _4 i7 ^- `. q' ] بۇ ئىككى تىراگېدىيەنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوخشاشمىغان زامان ۋە دەۋردە يېزىلغان بۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن خاھىشنى، شۇنداقلا شەرق، غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقنى بىلىش، ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.
/ |" a5 ~& Z; H) t3 O' d$ K
3 \6 G$ n9 I, S  p9 @: [
0 U) X. a9 z+ n& Y4 _+ u' A9 A" J! R4 W. R  v8 d
نەۋائىي ‹‹لەيلى – مەجنۇن›› تىراگېدىيەسىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كىچىك بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى قەيىس بىلەن باي ۋە ئابرۇيلۇق چوڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ قىزى لەيلى ئوتتۇرىسىدىكى پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلغان. ئۇلار فېئوداللىق ئەخلاق، ئۆلۈك دەرىجە ۋە سالاھىيەت پەرقى قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە مۇراد – مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ. قەيىس جۇدالىق ۋە مۇھەببەت ئازابىدىن چۆل – باياۋانلاردا سەرسان بولىدۇ، ئۇنىڭ دادىسى لەيلىنىڭ ئۆيىگە كاتتا سوۋغا – سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ لەيلىنى سوراتقۇزىدۇ، ئەمما لەيلىنىڭ دادىسى ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.% \8 o8 p6 o0 g4 E! O, k% X' r
& E7 y! b; u" h
قەيىس ھەمىشە: ‹‹ئاھ، لەيلى، ئاھ، لەيلى›› دەپ لەيلى قەبىلىسى تەرەپكە قاچىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ‹‹تەلۋە – ساراڭ›› دەپ چاقىرىدۇ، ئاخىرى ئۇنىڭغا ‹‹مەجنۇن›› دېگەن نام سىڭىدۇ. لەيلىنىڭ ئەھۋالىمۇ نەزەربەند قىلىنىش، ھەتتا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىش(لەيلى ياتلىق بولغان بايۋەچچىنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى رەت قىلىدۇ) تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ تولا يىغلاپ دەرد – ئەلەم دەستىدىن قىزىل گۈلدەك رۇخسارى زەپىرەڭدەك سارغىيىپ، گاھى ھوشىغا كېلىپ، گاھى ھوشىدىن كېتىپ ئۆلۈكتەك ياتىدۇ.) X. O/ x" a1 R# f6 c

# u" y! [0 E. Y6 G  y ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەملەپ، ئانىسىغا: ‹‹ئەي مېھرىبان ئانا، مېنىڭ ئىشقىمدا خانىمانىدىن ئايرىلغان، جېنىدىن كەچكەن بىچارەم مەن جان تەسلىم قىلغان كۈنى كېلىپ جېنىنى قۇربان قىلىپ روھىنى روھىمغا قوشىدۇ. شۇ چاغدا ئىككىمىزنى بىر كېپەنگە ئېلىپ، بىر تاۋۇتقا سېلىپ، بىر يەرلىككە قويغايسىلەر...›› دەپ جان ئۈزىدۇ. خالايىق لەيلىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئۇلارنى بىر قەبرىگە قويىدۇ." L: c( v2 Z- I6 E5 D) ?
9 Q/ o5 }* f) o, w8 x
9 J4 m$ Q  a! ]* i% Y  D

6 U% _7 l0 s  M# |‹‹رومېئو – ژۇلىتتا›› تىراگېدىيەسىدىكى باش قەھرىمان قىز – يىگىت ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر شەھىرى ۋېرونادىكى ئىككى دۆلەتمەن ئاق سۆڭەكنىڭ ئەۋلادى. بۇ ئىككى جەمەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دۈشمەنلىشىپ كەلگەچكە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت تولىمۇ چوڭقۇر ئىدى. تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى رومېئو بىلەن ژۇلىتتا تانسىدا ئۇچرىشىپ بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىشىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بۇ ئىككىسىنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئامالسىز قالغان ئىككى ياش پوپ لاۋرېنىستىن ياردەم سورايدۇ، پوپ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنى يوشۇرۇنچە نىكاھلاپ قويىدۇ.
1 v" H6 F: y2 l+ F0 L' v9 P9 _0 p( ]- x, s; d. {" r
كېيىن بىر قېتىملىق ياشلار توقۇنۇشىدا رومېئو ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ژۇلىتتانىڭ جىيەن تۇغقىنى تىبولتىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ۋېرونا شەھىرىدىن يىراق بولغان مەندىياغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ژۇلىتتانىڭ دادىسى قىزىغا لايىق تاپىدۇ. نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ژۇلىتتا يەنە ھېلىقى پوپتىن ياردەم سورايدۇ. ئەھۋالنى چۈشەنگەن پوپ ژۇلىتتاغا بىر دورا بېرىپ: ‹‹كۆرۈنۈشتە دادىڭىز تاپقان لايىقنى قوبۇل قىلغان بولۇۋېلىپ، توي ھارپىسى ئاخشىمى بۇ دورىنى ئىچىۋېتىڭ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 42 سائەتتە خۇددى ئۆلۈكتەك ياتىسىز، ئەتىسى يىگىت سىزنى ئالغىلى كەلگەندە <ئۆلۈك> ژۇلىتتانى كۆرىدۇ.
8 t+ R- }- @$ t
9 g1 c7 n. p  G3 m! s' y7 v8 R ئاتا – ئانىڭىز قايغۇ – ھەسرەتتە سىزنى دەپنە قىلىدۇ، 42 سائەتتىن كېيىن ھوشىڭىزغا كېلىسىز. ھوشىڭىزغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن رومېئوغا: <ژۇلىتتانىڭ ئۆلگىنى يالغان، دەپنە مۇراسىمىمۇ يالغان، سۆيۈملۈك ئايالىڭىز گۆردە بىر ئاز ھايال بولۇپ قالىدۇ، دەرھال كېلىپ ئۇنى سۈرلۈك گۆردىن ئېلىپ كېتىڭ> دەپ خەۋەر يەتكۈزىمەن›› دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ژۇلىتتا دورىنى ئىچىۋېتىدۇ. ئەمما پوپ ئەۋەتكەن ئادەم مەندىياغا بارماي تۇرۇپلا رومېئو ژۇلىتتانىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ – دە، زەھەر سېتىۋېلىپ ۋېروناغا كېچىلەپ كېلىپ ژۇلىتتانىڭ قەبرىسىنى ئاچىدۇ.3 E( c. u# \# Z. _

  f* W! M2 L: R8 v+ h سۆيگۈنىنىڭ نازاكەتلىك ھالدا ئۇخلاۋاتقاندەك ياتقانلىقىنى كۆرگەن رومېئو زەھەرنى ئىچىپ ژۇلىتتانىڭ باغرىغا ئۆزىنى تاشلايدۇ، ھايال ئۆتمەي ھوشىغا كەلگەن ژۇلىتتا يېنىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن رومېئونى كۆرۈپ، ھەسرەتتە ئۆزىگە خەنجەر ئۇرۇپ رومېئونىڭ باغرىدا ئۆلىدۇ.: T4 [( l- r1 ]2 e. E

6 }4 o- R6 P0 s  i
, V! m* f3 S% R% u6 _1 w4 X# u
+ Z2 `0 U. o0 ?+ d+ g: V$ v: Z+ gبۇ ئىككى مۇھەببەت تىراگېدىيەسى زامان، ماكان جەھەتتە ئوبدانلا پەرقلەنسىمۇ، تېما، ۋەقەلىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىدىيەۋى مەزمۇنى جەھەتلەردە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. تېما مەنبەسىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرلەر قەدىمكى خەلق رىۋايەتلىرى ئاساسىدا يارىتىلغان بولۇپ، قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. لەيلى – مەجنۇن ھېكايىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تارقالغان قەدىمكى رىۋايەت بولۇپ، نەۋائىيغىچە بولغان بىر قانچە ئەسىردە بۇ تېمىغا مەشھۇر شائىر نىزامى گەنجەۋى، ئەمىر خىسراۋ دىھلەۋى، ھاپىز شىرازى، سۇھەيلى قاتارلىق 30غا يېقىن ئەدىب قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسى نەۋائىيدەك بەدىئىي يۈكسەكلىككە ئېرىشەلمىگەنىدى.
$ h6 N  B5 u  [$ H7 L' k/ y( p( q% {% V" m( h( I0 l7 b; P( N
ئىتالىيەنىڭ قەدىمكى خەلق رىۋايىتى ‹‹رومېئو – ژۇلىتتا›› ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، شېكىسپىرگە كەلگەندىلا رومېئو – ژۇلىتتادەك پارلاق ئوبرازلار ۋاسىتىسىدە ھەقىقىي ئاشىق – مەشۇقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
  R. E) J- H5 ?: |% f# R. a
# v6 |) s) R  M3 y( F. }6 K. T; A2 b7 A3 l

, o0 B4 y( C; ?4 Bھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى تىراگېدىيەدە قىز – يىگىت باش قەھرىماننىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنغان. قىز – يىگىت باش قەھرىماننىڭ تونۇشۇشى، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشى، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى، مۇھەببەت يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلىشى قاتارلىقلار ئوخشاش ۋەقەلىكلەردىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى تىراگېدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي مۇھىت دەل نەۋائىي بىلەن شېكىسپىر ياشىغان زامان ۋە ماكان بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. بۇ ئىككى ئەدىب ئەسەرلىرىدە مۇھەببەت پاجىئەسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆزلىرى ياشىغان دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى، قاتمال فېئوداللىق دىنى – تەبىقىۋى ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.
5 c* S: q1 S9 C! r  y
: Z( y1 S/ ^2 Z4 |2 r2 ^3 L+ {1 H2 ^/ s' R
نەۋائىيشۇناسلار نەۋائىي ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىن، ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ياۋروپا ئەدەبىي گۈللىنىش دەۋردىكى گۇمانىزم روھىغا ئىگە سەنئەتكارلارغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھنى ئىپادە قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. نەۋائىينىڭ قارىشىچە، مۇھەببەت ھەقىقىي ئىنسانغا خاس ھادىسە بولۇپ، ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇھەببەت قەھرىمانلىرى ھەقىقىي ئىنسان سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ساپ مۇھەببەتنى تەقىب ئاستىغا ئېلىۋالغان رەزىل كۈچلەر بىلەن كەسكىن سېلىشتۇرماقىلىنىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئادىمىي خىسلەتتىن خالىي بولغان رەزىل كۈچلەرنىڭ ئەپت – بەشىرىسى ئاشكارىلىنىدۇ، مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ئالىيجانابلىقى، ئۇلۇغلۇقى نامايان بولىدۇ.. o5 F2 u" V0 C9 E; l( K
2 i; N* m& @- j) j6 ^: v; x9 ^' d

" F# D% l$ H+ T3 U6 R, }شېكىسپىر ياۋروپا ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن دەۋردە ياشىغاچقا، ئەسەرلىرىدە يېڭى بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئىپادىلەنگەن. زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىردە ياشلارنىڭ مۇھەببىتى تەبىئىيلا دىنى – تەبىقىۋى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە بوغۇشىغا ئۇچرىغانىدى. گەرچە نەۋائىينىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى بىلەن شېكىسپىرنىڭ يېڭى ئىزدىنىشى ئارىسىدا يۈز نەچچە يىللىق پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاش، مەدھىيەلەش ئۇسۇلىدا ئوخشاش ئېستېتىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. 0 A( Q" p% a" {( P4 a
3 R2 d/ W$ h" I( w. x! g+ `
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى ئەسەردە ئوخشاشلا ئادەمنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيە ئوبدانلا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئاپتورلار ياشىغان ئوتتۇرا ئەسىردە فېئوداللىق تەرەققىيات گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن، شەھەر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى گۈللەنگەن، شەھەر پۇقرالىرىدا دەرىجە – قاتلام شەكىللىنىشكە باشلىغان، پۇقرالارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى تەدرىجىي ئۆسۈۋاتقان، جەمئىيەتتە ئادەم مەركەز دېگەن ئاڭ ئويغىنىشقا باشلىغان دەۋر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئاپتورلار ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قىممەتكە ئىگە، ئەڭ ئالىيجاناب مەۋجۇدىيەت دەپ قارىغان. گەرچە ئىككى شائىر تەسۋىرلىگەن پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى رېئال تۇرمۇشتا ئاز ئۇچرىسىمۇ، ئەمما كىشىلەر بۇنداق سەمىمىي، سادىق مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ ۋە بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈزەللىك ھېس قىلىدۇ.
9 @; b; U, X7 M* O/ o  I' b/ Y" x) s( Q! D
) N6 W/ e1 g% S- j9 H9 Z! w" Q' H! K1 J
; Y) |+ F. ]9 |
بۇ ئىككى تىراگېدىيەدە مۇھەببەتنى ئادىمىيلىكنىڭ يادروسى قىلىش نۇقتىسىدىن ياكى مۇھەببەتنىڭ ئادەم ماھىيىتىدىكى غايەت زور كۈچى نۇقتىسىدىن تەسۋىرلەشتە بولسۇن، روشەن پەرق بار. ئالايلۇق، ‹‹لەيلى – مەجنۇن›› تىراگېدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى چۈشكۈن، مۇڭلۇق بولۇپ، قايغۇ – ھەسرەت، بېسىم، بىئاراملىق ۋە گاڭگىراش بىلەن تولغان. لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ مۇھەببىتى باشلىنىش بىلەنلا جۇدالىققا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتتە ھېچقانچە خۇشاللىق كۆرمەيلا ئازاب دېڭىزىغا تاشلىنىدۇ، كۈچلۈك دىنى – تەبىقىۋى ئادەت كۈچلىرى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىغا قىستايدۇ، بۇ قانلىق كۆز يېشى بىلەن تولغان مۇھەببەت تىراگېدىيەسى بولۇپ، نەۋائىي بۇنى ‹‹ماتەمنامە›› دەپ ئاتىغان.
# j0 _: Q& R# _% ^: L. K
5 s1 O& J$ w/ @5 D( n
6 D. T5 S2 ^1 ^" f‹‹رومېئو – ژۇلىتتا››دا يورۇقلۇق، ئۈمىدۋارلىق، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببىتى ئەنسىزلىك بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشتىن – ئاخىر ياشلىق باھارىنىڭ كۈچى ۋە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، بىر جۈپ ياش ئۆز بەختى ئۈچۈن بىر يۈرۈش باتۇرانە ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، ئۇلار قوللانغان ھەرىكەتلەر قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا قىلچە قورقۇش، ئىككىلىنىش، كۆز يېشى قىلىش بولمايدۇ، ھەممىگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىدۇ.
) h6 ^, Q" h/ Q$ m" {ئىككى ياش جىسمانىي جەھەتتىن ھالاك بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن غەلىبە قىلىپ،كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل باھارىنى روشەنلەشتۈرىدۇ.4 e" V( k+ @) |8 a8 W

' o9 }) w; A7 s3 @; g: J
8 R' j% }1 ]) [9 ^5 cدېمەك، نەۋائىي بىلەن شېكىسپىرنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قاراشلىرىدا ھەم ئوخشاشلىق ھەم پەرق بار، پەرقتىن ئېيتقاندا، نەۋائىينىڭ مۇھەببەت تېما قىلىنغان ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە، مۇھەببەت چوقۇم ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان مېھىر – شەپقەتكە ئېرىشەلمەسلىكتەك ھالەت ئىپادىلىنىپ، شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى دولقۇنلاپ تۇرغان بىئاراملىق، تىنچسىزلىق روشەنلەشتۈرۈلىدۇ.
" V; G5 Q, L, P5 w( F2 v1 c5 `; c8 B" ?$ u* \* }% r
شېكىسپىرنىڭ مۇھەببەت تېما قىلىنغان ئەسەرلىرىدە مۇھەببەتنىڭ بارلىق قاتمال فېئوداللىق دىنى – تەبىقىۋى رەزىل كۈچلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشتەك كۈچى ئىپادىلىنىپ، گۈزەل غايىلەرنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ روشەنلەشتۈرۈلىدۇ. شۇڭا ‹‹لەيلى – مەجنۇن›› تىراگېدىيەسىدىن مۇڭ، ئېچىنىشنى ھېس قىلساق، ‹‹رومېئو – ژۇلىتتا›› تراگېدىيەسىدىن ئىنتىلىش ۋە قەھرىمانانە ئىلگىرىلەشنى ھېس قىلىمىز.
7 ?" f5 g# P* i) d, n9 X
* H( D' \4 V, U' |( h; ~3 [5 l8 I! G! S5 Z2 M' B

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى


Rank: 2

ئىسمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
36
تۆھپە
32
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 22:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېلىشتۇرما ئەدەبىياتچىلىقىمىز خېلى جانلىنىپ قاپتۇ، مەن ئىلگىرى زۇنۇن قادىرى بىلەن روسسىيەلىك بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى ئوقۇغان ھەمدە بۇ ئۇستاز يازغۇچىمىزنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەن، ئەمدى دۇنيا ئەللىرى ئېتىرىپ قىلغان رومىئو - ژۇلىتتا بىلەن لەيلى مەجنۇننىڭ تەڭ ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ياق ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈنرەك ئورۇنغا قويۇلغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:48, Processed in 0.060605 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش