روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12207|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى

(ئەنگەر)


نامى باردۇر بەك ئۇلۇغ سەبىلەرنىڭ «قۇياشى»،
قۇياش بولماق ئاسانمۇ باردۇر ئاڭا جاپاسى.
شامدەك ئېرىپ تۇگەيدۇ مۇئەللىمنىڭ ھاياتى،
شۇ ھاياتقا بېرىلگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

ئورىناركەن بەزىلەر تاۋار دۇردۇن- كىمخاپقا،
ئوبىرنىغا بارسىمۇ چۇشەر ئىكەن پىكاپقا.
غەمگە چۆكەر مۇئەللىم:-نىمە يەرمەن قوساققا،
ئاچقان يەرگە تەگمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

ھەممە چاپار بەس-بەستە قىزىپ كەتتى رېستۇران،
قاتار چايدا بەسلىشەر بارچە خانىم،قىز-چوكان.
-تىكلەنسۇن ،دەپ ئىناۋەت چوڭلاپ كەتتى داستىخان،
داستىخانغا يەتمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

بىر بويرۇقتا ئاتلىنار پارنىك،ئۆستەڭ ھاشارغا،
دەم ئېلىشقا يوق ئىمكان،ئۇھھ!دەپ بىردەم ياتارغا.
تۇرار ئەنە ئۆچرەتتە ئىشلەتمەكچۇن بىكارغا،
بىكارغىلا تۈگۈگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

سۇنار ياردەم قۇلىنى كۆيسىمۇ گەر مەيخانە،
بېرەر ھەتتا بارىنى ئۆرىلسىمۇ چايخانە.
شەكلى ھەرخىل سېلىقنىڭ ئۈزۈلمەيدۇ ئىئانە،
ئىئانىگە يەتمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

دېھقان دەيدۇ:-مالىمنىڭ خام چىقمايدۇ تاۋۇزى،
بوران ئالماس مۇئاشىنى،چىقىپ تۇرار قىش-يېزى.
باشلىق دەيدۇ؛-مائارىپقا كەتتى ھۆكمەت كۆپ پۇلى،
ئەنە شۇنداق گەپ تەككەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

تۈزۈم ،چارە -تەدبىرلەر دېرەك بېرەر خەتەردىن،
جەرىيمانە تۆلەيدۇ كام چىقسا گەر مولچەردىن.
قاچالمايدۇ ھەرگىزمۇ نازارەتلىك كۆزلەردىن،
ئەنە شۇنداق كۆز تەككەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

يىلدا بىركۇن بايرىمى شۇ جاپاكەش مۇئەللىمنىڭ،
گېزىت -ژۇرنال يۈزىدە ئۇستازى ئۇ ئالىمنىڭ.
لېكىن سانى ئاشمايدۇ ئاران ئالغان ماشىنىڭ،
يىللاپ- يىللاپ ئۆسمىگەن مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +17 ئىناۋەت +17 تەڭگە +1 بايلىق +3 يىغىش سەۋەبى
火心0995 + 2 + 2 + 1
مۇرادىل + 2 + 2 + 1 ياخشى تېما
Tursun007 + 10 + 10 + 1 يارايسىز
ئابلىمىت + 3 + 3 + 1

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: كەلدىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-1-30 17:02:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەن يوللغاندەك قىلىمەن .
ۋاقتى: 2011-1-30 20:50:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بۇئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ،كېلىش مەنبەسى توغرىسدا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىز!
ۋاقتى: 2011-1-31 01:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا ياخشى يېزىپسىز. ھەممە يەردە ئوخشاش ئوخشىمامدۇ بۇ كۈنلىرىمىز؟
ۋاقتى: 2011-1-31 02:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل ماس كەپتۇغۇ !
ۋاقتى: 2011-1-31 12:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ مائاشى(شېئىر)
________________________________________
ۋاقتى :2010-3-7 16:12:43 مەنبەسى :روھلان تور بېكىتى ئاۋاتلىقى :563 خەتكۈچ :
[خەت شەكلى: چوڭايتىش كىچىكلىتىش] [پىرىنتلاش] [ساقلىۋېلىش] [كۆزنەكنى ئىتىش]

زىرىككەننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئۇيغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
بەزىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ ئىچكۈزۈپ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

مۇئەللىمگە پۇل قىل دەپ زۇرلاپ بەرگەن كىتاپنى،
سېتىلمىسا مائاشتىن ئۇدۇللىغان ھىساپنى.
پۇل يېغىلسا ساندۇقلاپ  ئېلىپ پىيۋا شاراپنى،
تۈزۈپ سورۇن يېيىشىپ تۇخۇ، تۇشقان كاۋاپنى

تۇتىدىغان پۇللارنىڭ ئېتى شۇنداق چىرايلىق
كاتىكى جىق دەپتەرنىڭ رېتى شۇنداق چىرايلىق .
سەۋەبىگە باشلىقنىڭ گىپى شۇنداق چىرايلىق ،
تۇتقان پۇللار كىمنىڭدۇ خەيجىشىگە قۇلايلىق
لۇق گوش بۇلدى كىملەرگە مۇئەللىمنىڭ مائاشى،

مۇئەللىمنى يۇنىسا سىنىپ چۈشكەن بالىمۇ ،
مۇئەللىمنى يۇنىسا خەت ساۋادى چالىمۇ.
ساقايمىسا گەدەندىن قەرىز مەرزەر يارىمۇ،
ئاھ مۇئەللىم ھەر ياندىن ساغىدىغان كالىمۇ.
ئارام بەرمەي قاتتىراتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

ئىمزا قويسا نەچچىسى قەرز-قىزىل رەقەمگە،
تىتىرەپ قۇلى نائىلاچ يۈك ئاتقاندەك قەلەمگە .
يازسا ھۆججەت قەرىزگە تۇيۇپ ئىزا ئەلەمگە.
يۈرسە كىملەر بىيغەملا دەسسەپ مۇغۇر سەنەمگە.
تۇلۇقلىغاچ خەجىنى مۇئەللىمنىڭ مائاشى .

ماختاپ ئۇنى ئەتتىگەن تىللاپ ئۇنى كەشلىكى،
كىم ياۋاش دەپ يۇقىدۇ خللاپ شۇنى كەشلىكى
تاك -تاك چىنى سورۇنغا چىللاپ بىللە كەشلىكى ،
نىمىشقا ؟ئاھ مەنسەپنى ساقلاش غېمى تەسلىكى.
مەي زاكۇسكا جەرمانە مۇئەللىمنىڭ مائاشى .

شۇنداق كەتسە كىم ئىگە تەقدىرىگە ئەۋلاتنىڭ ،
گۈللەتكۈچى ۋەتەننى ، ئىقبالىنى مىللەتنىڭ .
قارغىمامدۇ ئۇرمامدۇ روھى بىزنىڭ ئەجداتنىڭ ،
تۇسالمىساق يۇلىنى جەرمانە شۇ سالداتنىڭ
ئىگىسىنى تەلمۇرۇيتتى ، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

ئىلمۇ ئىرپان ئەھلى بىز ، بۇلغانمايلى پۇلنى دەپ ،
قايسى سېسىق ئارقانغا باغلانمايلى پۇلنى دەپ .
كىچىللىرى ئۇيقىسىز تۇلغانمايلى پۇلنى دەپ .
ئۇخلىمايلا چۈش كۈرۈپ ئايلانمايلى پۇلنى دەپ ،
گۈل - غۇنچىنى ئاينىتسۇن ، مۇئەللىمنىڭ مائاشى .

مەنبەسى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ 2005- يىللىق 1-2 سانىدىن  ئېلىندى

http://www.rohlan.biz/article/481.aspx


   مەن ئىلگىرى بىر قېتىم « مۇئەللىمنىڭ مائاشى » دېگەن تېمىدا مەزكۇر مۇنبەرگە يوللانغان بىر پارچە شېئىرنى  ئادرېسى بىلەن قوشۇپ ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن ، ھازىر ئىچىپ باقسام ئىچىلمىدى . گەرچە باشقىلارنىڭ شېئىرى بولسىمۇ ، لېكىن كۆپچىلىكنى ئوقۇپ باقسۇن ، دېگەن مەقسەتتە قانداق ساقلىۋالغان بولسام ، شۇ ھالەتتە يوللاپ قويدۇم . باشقا ھېچقانداق مەقستىم يوق ، پەقەت كۆپچىلىكنى كۆرۈپ باقارمىكى ، دېدىم .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-31 20:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nureli010 يوللانغان ۋاقتى  2011-1-30 20:50
بولسا بۇئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ،كېلىش مەنبەسى توغرىسدا تەپس ...


مەن بۇ بېكەتكە يوللىغان تېمىلرىمننىڭ ھەممىسىنى ئوزۇم يازغان.بۇ تېمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.«ئەنگەر»نىڭ تۇلۇق يېزىلىشى «ئەنگىنئەر».«كۇچ قۇۋۋەت،ئەقىل -پاراسەتكە تولغان تولغان كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئەركەك »دىگەن مەنىدە.


ئەگەر مېنىڭ باشقا يازمىلىرىمغا قىززىقسىڭىز قېنى [url]بۇ يەرگە [url=http://angar0995.blogbus.com/]بۇ يەرگە[/url][/url]مەرھەممەت قىلىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anginar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-31 20:09  

ۋاقتى: 2011-2-15 15:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەلەن يېزىلغان شىئېرلاركەن بۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق يۇرۇتۇپ بەرگەن.ئەمما ھازىر شىئېردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك ئىشلار ۋە جەرىمىلەر يوقتۇ؟
ۋاقتى: 2011-2-15 22:50:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئردا ھەققەت ئەمليەتتىن ئىزدىلپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-23 01:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرادىل يوللانغان ۋاقتى  2011-2-15 15:36
ھەقىقەتەن بەلەن يېزىلغان شىئېرلاركەن بۇ،ئوقۇتقۇچىلار ...

گەرچە ھۆكىمىتىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىر قىسىم ئورۇنلاردىكى مۇتەسسىپ باشلىقلارنىڭ يەرلىك سىياسەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋىپلەرنى يەتكۈزىۋاتقان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت ،بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنلىرى بەك تەس.ئۆزۈممۇ  ئاشۇ يېزىدىكى ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى،بايان قىلغانلىرىم بىز دائىم يولىقىدىغان مەسىلىلەر.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-29 03:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش