روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 621|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار(تەڭگە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۆۋەتتە روھلان تور بېكىتىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە ، روھلان تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتى خېلى ياخشى بولىۋاتىدۇ .
بېكەت سىتاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە تور بېكىتىمىزگە ھەر قايسى ئۇلىنىش بېكەتلرى ۋە دوستانە ئۇلىنىشلاردىن كىرگەن ئادەمگە قارىغاندا روھلان تور بېكىتىنىڭ ئادرىسىنى بىۋاستە كىرىدىغانلار كۆپ سانلىق ئېگەللەيدۇ .
بېكەتلەر ئۇلىنىشىدىن كىرىدىغانلار ئومۇمى زىيارەتچىلەرنىڭ %48 تىنى، بىۋاستە www.rohlan.biz , ياكى  www.rohlan.cn نى بېسىپ كىرىدىغانلار %52 نى  ئېگەللەيدۇ ، بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئەھۋال، بۇ دېگەنلىك روھلان تور بېكىتى تورداشلارغا يادا بولۇپ كېتىشكە باشلىدى، ئۇلىنىش تورلىرىدىن كىرمەي بىۋاستە ئادرىسىمىزنى بېسىپ كېرىدۇ دېگەن گەپ .
بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقانلار يەنىلا باشقۇرغۇچىلاردۇر، چۈنكى ماتىرىيال يوللىغاندا ھۆججگتكە www.rohlan.biz نى مەخپى نۇمۇر قىلىپ بېكىتىش، ھۆججەت ئىچىگە www.rohlan.biz نى باش بەت قىلىش ھۆججىتى، روھلان تور بېكىتىگە بىۋاستە كىرىش ھۆججىتى قاتارلىقلارنى قوشۇپ يوللاش، قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار .
نەچچە ۋاقىتتىن بۇنى قوشمىغانلار بۇندىن كېيىن ماتىرىيال يولىغاندا قوشۇپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھۆججەت تۆۋەندە تەمىنلەندى .

ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك:
مەن ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كېلىۋاتقان بىر ئىش بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ روھلان تەڭگىسىنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى . بۇنىڭ ئۈچۈن مەن جۇغلانما تۈرىگە
« پۇلى: x سوم » دېگەن تۈرنىمۇ قوشۇپ قويغىلى خېلى بولدى .
ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى: مېنىڭ ئويلىغىنىم، ھەر 10 مۇنبەر تەڭگىسىنى 1 سوم خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويساق، ئەڭ تۆۋەن ئالماشتۇرۇش چېكى 100 تەڭگە بولسا ، يەنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 10 يۈەنگە ئالماشتۇرسا، ئالماشتۇرىدىغانلار ئاقسۇ رايۇنى ئىچىدە بولسا سودا-سانائەت كارتىسىغا بىۋاستە ئۇرۇپ بەرسەم، ئەگەر ئاقسۇدىن باشقا رايۇندا بولسا يانفۇنىغا قاچىلاپ بەرسەم قانداق بولار .
بۇ تور بېكىتىمىزگە ھەر ۋاقىت كىرىپ، تېما ئىكاس يوللاپ جاپا تارتىۋاتقان باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا قىلغان كۆڭۈل سوۋغىمىز بولسا، ھەم بۇ مۇلازىمەتنى مەڭگۈ (تور توختاپ قالمىسىلا) داۋاملاشتۇرساق .

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ ئەزا بولۇڭ

x
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-1-18 00:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ تازا ئاقىلانە چارە ئەمەس.
بۇنداق قىلساق ئەزالارنى كۈپەيتكىلى ۋە بىكەتنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلار.
بىراق ئەتراپتىكى باشقىلار بۇ ئىشقا قانداق قارار؟؟؟؟؟؟
مىنىڭچە يەنىلا ئىلگىركىدەك دەرسلىك ياكى باشقا ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلساق قانداق بۇلار؟
ۋاقتى: 2011-1-18 00:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىۋالا ياخشى تور بىكەتنى قورۇپ كەڭ مائارىپچىلار ھەم كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرىغا ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ ئەمدى بىر ئىككى يىلدىن بېرى تارتقان مۇشەققەتلىرىڭىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدىغان تەرەققىيات باسقۇچىغا كەلگەندە نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيدىغانسىز ئادىلجان؟!
ھازىرقى موشۇ روھلان تور بىكىتىنىڭ تىزىملىتىلغان ئىسىمنىڭ تەننەرخىمۇ بىرەر مىڭ يۈەنگە بارىدۇ(ئاز بولسا)،بىكەت بوشلۇقى،چۈشۈرۈش قانىلىنىڭ بوشلۇقى دىگەنلەرنىڭ ئىشلىتىش سېتىۋىلىش ھەققىنى ھېسابلاپ كەلگەندىمۇ بۇرمۇنچە پۇل بولىدۇ ئۇ...ئۇنىڭ ئۇستىگە بىكەتكە ئۇنچە كۆپ ئېلانمۇ قويۇپ كەتمىدىڭىز بىكەتنىڭ خاسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ.ئېلان كىرىمى يۇقارقىلارنى قامدىيالىسىلا چوڭ گەپ.موشۇ خىل ئەھۋالدا يەنە يېنىڭىزدىن نەق پۇل چىقىرىمەن دېسىڭىز راستىنلا خىجىل بولۇپ قالىمىز ئادىلجان،كۆڭلىڭىز تىگىل بولدى.بىزلەر ھەرگىزمۇ مەنپەئەت پۇل ئۈچۈن ئەمەس ئويغۇر كومپىيۇتىرچىلىقى ۋە مائارىپىنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس قىلىۋاتىمىز.بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ بولدى.
ۋاقتى: 2011-1-18 00:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان بۇ مۇلازىمەت ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ،بىكەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئىش بولاتتى. ئەمما بىكەتنىڭ ئېلانىدىن قىلىنغان كىرىم بىكەت چىقىمى شۇنداقلا بۇ مۇلازىمەتكە يىتەرمۇ؟
بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلغىلى، ماتىريال چۈشۈرگىلى كەلگەنلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن، بىر مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ بېكەتتىكى ئېلانلارنى بىر قېتىم چېكىپ قويماي چىقىپ كېتىدىغانلارمۇ بار.
ۋاقتى: 2011-1-18 00:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن، ئەمما بۇنداق قىلساق تەڭگىنى نەخ پۇلغا ئالماشتۇرىدىكەنمىز دەپ مۇنبەرگە بۇرۇن يوللىنىپ بولۇنغان تېمىنى تەكرارلاپ يوللاۋەرسە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن، بۇنداق دىسەم مىنى قورۇقتى، تەڭگىسى ئاز بولغاندىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ھەممە ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى، مۇنبەرگە كىرىش بىراۋنىڭ پۇل تېپىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىم بىلىم ئېلىش ئۈچۈن... پۇلنى پۇل تاپىدىغان بەتلەردىن تاپسا.. تېپىشنى بىلىدىغانلار، مەندەك بىلمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى جىم ئولتۇرۇپ تېما كۆرۈپ تېما يوللىساق، ناۋادا قارشى تۇرىدىغانلار قوللايدىغانلاردىن كۆپ بولۇپ قالسا مەن يۇقارقىلارنى دىمىگەن بولاي!
ۋاقتى: 2011-1-18 00:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ يۇقارقى ھۈججەتنى يوللىغان ماتىرىياللار بىلەن قوشۇپ www.rohlan.biz نى مەخپى نومۇر قىلىپ پىرىسلاپ يوللاشنى مەن تولۇق قوللايمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن شۇ بويىچە ئىش كۆرىمەن.روھلاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىقلا بولسا چوقۇم قىلغۇلۇق.
ۋاقتى: 2011-1-18 00:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقىلارنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.
ھازىرقى خاسلىق ئاساسىدا،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن.ئەگەر روھلاننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ۋە پايدىلىنىش قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرمىز دېگىنىمىزدە ‹‹روھلان مۇكاپاتلىق ئەسەر›› قوبۇل قىلىش پائالىيتىنى ئويۇشتۇرساق.ھەقىقىي قەلەم قۇۋىتى بارلار ئۆزىنىڭ ئەجىرگە لايىق قىممەتكە ئېرىشسە.مەندەكلەر نادىر تېمىلاردىن ھۇزۇر ئالغاچ‹‹كۈندە بىلىملىك يۈرەتتۇق››. ئەگەر قوللايدىغانلار بولسا قول كۈتەرسەڭلار...بۇ پائالىيەت روياپقا چىقىپ قالسا ئاز بولسىمۇ 100 يۈەنلىك كۆڭلۈم بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Shungqar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-18 00:55  

ۋاقتى: 2011-1-18 00:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭقارنىڭ پىكىرىنى مەنمۇ قوللايمەن، ئىقتىزادى جەھەتتىن قوللىيالمىساممۇ ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشقا كۈچ چىقىرىمەن، ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوقۇيمەن دەپ ئىقتىزادى جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۈچ كىلىپ قالدىم!
ۋاقتى: 2011-1-18 13:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ياخشى ئۇيلاپسىز ،لېكىن باشقا ئۇستازلار دىگەندەك تەڭگىنى نەخ پۇلغا ئايلاندۇرىدىغان ئىشنى قىلمايلى !
بۇنىڭغا بىر قانچە ماددى بۇيۇملارنىڭ (بىلىم ئۈگۈنۈش تىپىدىكى ) ئىسمىنى ئاتاپ باھاسى مانچە تەڭگىگە يەتسە چۈشۈرۋالسا بۇلىدۇ  .دىسەك قانداق بۇلار ؟؟؟؟مېنىڭ ئويلىغىنىم شۇ .
ياكى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بىرەر ئامال تاپارمىز !
ۋاقتى: 2011-1-18 19:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ بەك ياخشى پىلان بوپتىكەن،،لېكىن يوقاردا دوسلار ئېتقاندەك روھلان مۇنبىرى ئەزەلدىنلا مائارىپچلارنى ئاساس قىلغان ھەمدە نورغۇنلىغان ماتىرياللاربىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ كەلگەن بىر تور بەت ،ئەمدىلىكتە مۇنبەر تەڭگىسىنى نەق پولغا ئايلاندۇرۇشقا كەلسەك،بومۇ بولدىغان چارە،،لېكىن بۇنۇڭلۇق بىلەن بەزىبىر مەقسەتلەرگە يەتكەن بىلەن يەنە بۇنۇڭغا ئەگشىپ ئاۋارچىلىقلارمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن،شۇڭا مېنڭ تەكلىپم،ئەگەر شۇنداق بىر نىيەت بولسا ئايرىم ھەقلىق رايوندىن بىرنى تەسىس قىللى،بۇ رايوندا مەيلى لاھىيلەش بولسۇن،مەيىلى باشقىلار سورىغان سوئال بولسۇن ھەل قىلىپ بەرسەك،بۇنى ھەل قىلغۇچىغا مۇئاپىق ھەق بەرسەك بولدۇ ئەمەسمۇ،،ھازىر خەنزو يولداشلارنىڭ مۇشۇنداق نورغۇنلغان تور بەتلىرى بار،ئونىڭ ئۈستىگە بەزى خەنزو تورداشلار مۇشۇنداق تورلاردامەسلەن威客网دېگەندەك،ئادىرىسى:  3000http://www.bangzhuzhe.com/index.aspx -دىن 5000گىىچە پول تېپىۋاتىدۇ ئايدا،شۇڭلاشقا باش قاتتۇرۇش بولسا مۇشۇنىڭغا باش قاتتۇرۇپ،بىزمۇ باشقىلارنىڭ ھەرخىل جەھەتتىكى زاكاسلىرىنى قوبول قىلىپ ،بىيپايان تور دونياسىدىكى كۈمۈلۈپ قالغان ئىقتىدارلىقلارنى قېزىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئىقتىسادى مەنپەت يەتكۈزۈپ بەرسەك ئەلۋەتتە بولدۇ،مەسلەن،،مېنىڭ بىر ئاغىينەم توي فىلىمى ئىشلەش رەسىمگە تارتىش ئورنىدىن بىرنى ئاچقان بولۇپ ئۆزى بىلەن قوشۇپ ئىككى ئادەم ئشىلەيدۇ،ئاغىينەمنىڭ مۇقۇم خىزمىتى بولغانلىقتىن ھازىر قەتئى يېتىشەلمەي قالدى،ئۇنىڭ دېيشچە رەسىم ئىشلەش ئۇستىسىدىن بىرنى تاپساق ئايلىقغا1000 يۈەن بەرسەم دەيدۇ،مەن دېمەكچى مۇشۇنداق ئادەملەرگە دەل مەن دېگەندەك سەھيپە بولسا بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان بولاتتۇق،،،،
مەن پەقەت شەخسى كۆز قارىشمنى سۆزلەپ قويدۇم ،لايىق تاپساڭلار مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقايلى!!!!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 21:31

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش