روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5374|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزىلاردا ئېلىپ قېلىشتا نېمىگە تاينىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزىلاردا ئېلىپ قېلىشتا نېمىگە تاينىمىز؟
8 r# g/ ?9 x( x/ g  Kچېڭ فاڭپىڭ

" i* _( S( Y, j+ j# K" v, @( r' k% {- ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىۋىدى، كىشىنى غەمگە سالىدىغان كونا مەسىلىلەر يەنە پەيدا بولدى. يېزىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى تاراتقۇلارغا يازغان خېتىدە خۇرسىنغان ھالدا ‹‹يېزا – قىشلاقلاردا نېمە ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تۇرالمايدۇ؟›› دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى ئۇ ئىشلەۋاتقان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارانلا 30 نەچچە ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتىھان ئېلىپ مۇنەۋۋەر، ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن توققۇزىنى تاللاپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ مەۋسۇمدە تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، فىزىكا قاتارلىق دەرسلىرىنىئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بار ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش تەستە ئەمەلىيلىشىدىغان بولغاچقا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىردىنلا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. بۇ ئوقۇتقۇچى ‹‹يېزىلاردىكى بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەر شەھەردىكى مەكتەپلەرنىڭ <ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش بازىسى> بولۇپ قالسا بولامدۇ؟›› دېدى.
6 B& m4 [% E/ {* ~5 g% ]9 b) f0 d' h: g9 F) w" c$ Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق مەسىلىلەر ئاز ئەمەس ھەم بىرلا رايون بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. دۆلىتىمىز يېزىلىرىدا، بولۇپمۇ چەت، نامرات رايونلاردا بۇنداق ئەھۋاللار نىسبەتەن ئېغىر. مۇئەللىپ بۇ يىل ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى ۋە جەنۇبتىكى بىر نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولغاندا مەكتەپ ياتىقىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ يېڭىدىن سېلىنغانلىقىنى، ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدى. مەكتەپ مۇدىرى ۋە باشقا بىر نەچچە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئاز ساندىكى ‹‹ئالاھىدە ئىشتاتلىق›› ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلىرىنىڭ شەھەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەرنى ئۆتۈشكە سەۋىيەسى يەتمەيدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، مۇئەللىپ كۆپ قېتىم مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلغان ھەم مائارىپ تەپتىش سىستېمىسىغا يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بولغان قوللاش ۋە كاپالەتنى نورمال يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي مەسئۇل بولۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.0 p' }: y4 G4 z; m+ {) Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

0 `" d; G& ]: X+ G$ c3 u* J/ K* i- y2000 – يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىمەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇۋاپىق يۆتكەپ، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئەمما ھازىر ئېقىمغا قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەرنى توسۇپ قېلىش تەسكە توختايدىغاندەك قىلىدۇ. ‹‹كىشىنىڭ يۇقىرىغا ئىنتىلىشى، سۇنىڭ تۆۋەنگە ئېقىشى›› ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش، شۇڭا قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەردىن يۆتكىلىپ كېتىشىنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.# ^" {5 h/ B' m- Q# tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! _& G2 f: r( i& S0 F" T, ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى ‹‹ئىشىك›› ئېچىۋېتىلدى، ھازىرغىچە مۇۋاپىق تولۇقلىما ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلمىغاچقا، يېزىلاردىكى ۋە چەت – ياقا، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆپلەپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن يېزا – قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەردە چۆلدەرەپ قېلىش ھادىسىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
0 ~9 D4 D( N" v2 l- o# s# N
0 {; f; M9 y2 pشەھەرلەردىكى مەكتەپلەر، داڭلىق مەكتەپلەر ئالاھىدە شارائىتلىرى ۋە ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ ھەر تەرەپكە دوقۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئاز ساندىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ شان – شەرىپى تەرەققىي قىلمىغان رايونلار مائارىپىنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭ ھالەتتە تەرەققىي قىلالامدۇ؟ يېزا – قىشلاقتىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟- v* I% K5 n' b, S7 g3 l4 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) ~( E5 z5 j, n1 E4 Z) Q* mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، چوقۇم مۇۋاپىق تۈزۈم لايىھەسى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇرۇن، چەت ئەللەر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ناھايىتى مول ۋە ئۈنۈملۈك ئىدى. چەت – ياقا، نامرات رايونلارغا بېرىپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ كىرىمى شەھەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى ھەم ئۇنۋان باھالاش، ئۇنۋان ئېلىش، مائاش قوشۇش، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولاتتى. بۇنداق ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى تۈزۈم لايىھەسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېزا – قىشلاقتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى تېگىشلىك تولۇقلىمىغا ئېرىشتۈرگەنىدى. ۋاھالەنكى، ھازىر يېزا – قىشلاقتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن بولۇش، تۇرمۇش، تۇرالغۇ شارائىتى ناچار بولۇش، پەرزەنتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنىشكە ئېرىشەلمەسلىك، تەرەققىيات پۇرسىتى ئاز بولۇش، ئوقۇتۇشتىكى راسخوت ۋە شارائىت ياردىمى ئاز بولۇش ئەھۋالى ئۇلارنىڭ يېزىلاردا قېپ قېلىشىنى تەسلەشتۈردى.9 S0 A5 p9 ]/ y+ w6 G' wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

5 E0 s5 i: Q: a" d* z( }مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەمۇرلۇق ياكى مائارىپ مەمۇرىلىق خاراكتېرىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ سالاھىيەت مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن ياخشى سىياسەتنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنسىلا، تولۇق تولۇقلىمىغا ۋە قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى قالايمىقان تاللاپ، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىۋېتىشتەك ناچار ھادىسىلەرنى چەكلىگىلى بولىدۇ.
" {4 i# I* ?% l* \3 Kئەگەر بىر تۈزۈم بىر تۈركۈم ئادەمنى پەقەت ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى، يەنە بىر تۈركۈم ئادەمنى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشكۈچى قىلىپ قويسا، بۇ ئېنىقكى، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شەھەر بىلەن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم ھەرىكەتكە كېلىپ، توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل ئىشلىشى لازىم ھەم ‹‹مەكتەپ قانۇنى›› تۈزۈش، ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشى لازىم. مۇئەللىپنىڭ تەكلىپى شۇكى، ئەينى يىللىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغاندىكىدەك، يېزا – قىشلاقتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات، كۈتۈنۈش، ھەر تەرەپلىمە كاپالەت، سەپلىنىش ئەھۋالىنى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى باھالايدىغان مۇھىم شەرت قىلىپ، ‹‹بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش لازىم. شۇندىلا ھازىرقى يېزا – قىشلاقلاردىكى، چەت – ياقا رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈگىتىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولى ۋە ئۇسۇلىنى تاپقىلى بولىدۇ.
* R9 i" U! M& H
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-2 13:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مۇنەۋۋەر مۇئەللىملەر مائارىپتىن چېكىنىپ كېتىپ بارمامدۇ؟+ P8 K# W# x, _+ K# ~6 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2015-5-27 00:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.....!!!!!! بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ . بىزگىمۇ مائارىپ مۇپەتىشلىرى كەلسە ھەرقانداق بىر مائارىپ بۇسۇغىسىغا
, a/ x. ]" O8 o( a$ p1 {3 M3 D. Xقەدەم قويغان يېڭى ئوقۇتقۇچى يېزا كەنت مەكتەپلىرىدە 3يىل ئىشلەپ چېنىققاندىن كىيىن ئاندىن يۈتكەشكە تىگىشلىك بولسا يۆتكەيمىز
+ y5 Q+ m+ k3 |; h( h0 i8 {9 Jبۇنى ئامال قىلىىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز دىگەن بىراق بەزىلەرنىڭ ئۇقۇرى بەك ئىگىزمۇ ياكى ئۇلار بۇ چېنىقىشنى مەكتەپتىلا تۈگەتكەنمۇ بۇنى 7 {% t: @) _0 b5 a8 `. Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىلمەيمىز....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش