روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1958|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

(شىئېر)مەن كۆيگەن قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن كۆيگەن قىز
قاپقارا چاچلىرى گۇيا مەجنۇنتال،
ھېدلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەس شامال.
خىجىللىق ئىلكىدە مارايدۇ كوكتىن،
ئۆزىنى دالدىغا ئالغانچە ھېلال؟

كىرپىگى گۇياكى قولدىكى ئوقيا،
گۈل چىراي رۇخسارى ئاسماندىكى ئاي.
كۆز نۇرى بەئەينى تاغدىكى ۋولقان،
كۆكسىدۇر دەريادەك مۇھاببەتكە باي.

لەۋلىرى لىق تولغان ئالتۇن شەربەتكە،
ئىچمەيلا مەس بۇلۇپ ئايلىنار دۇنيا.
ئورغۇتۇپ قەلبىمدە ئالەمچە سويگۈ،
بۇلاقتەك كۆزلىرى،نازلىرى ئارا.

قىپقىزىل چوغلۇقتەك تۇرار قىرغاقتا،
شەپەقمۇ باش قويغان تاشتىكى ئىزغا.
ئالتۇن رەڭ نۇر چاچقان دەريا ساھىلى،
تەلمۇرۇپ قارايدۇ مەن كويگەن قىزغا.

2016-1-6(سىرلىق-ئەر)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بەك ياخشى يېزىپسىز. شۇ تاپتا مېنىڭمۇ خىيال ئېكرانىمدا بىر قىزنىڭ سىماسى زاھىر بولىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2016-1-8 13:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە مۇبارەك بولسۇن!
بەك ياخشى چىقىپتۇ ………
ۋاقتى: 2016-1-9 11:50:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-1-15 14:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، قەلىمىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 21:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش