روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2262|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 12:58  
: `- G5 G; L% i( r! _8 u# x/ O3 [, O' eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گرامماتىكا دېگەن نېمە؟ ! c+ e& D' \* p6 m  a& Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گرامماتىكا تىل ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تىل تاۋۇشلىرىنى، سۆز - جۈملىلەرنىڭ شەكلى ، تۈزۈلىشى، مەنىسى ۋە تۈرلىرىنى، سۆزلەرنىڭ جۈملىلەردىكى رولى ۋە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. گرامماتىكا يەنە تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مورفولوگىيە بىلەن سىنتاكىسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. , i# u8 V5 P! k  v. W; sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
فونېتىكا دىگەن نىمە؟ فونېتىكا بولسا تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.   
5 c/ h' S# U& a" z2 qلېكسىكا دېگەن نېمە؟ سۆزلۈكلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن لېكسىكا دەپ ئاتىلىدۇ.  / y7 R, q# G( R& Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىم دېگەن نېمە؟ ئادەم ۋە شەيئىلەرنى بىلدۇردىغان سۆزلەر ئىسىم دەپ ئاتىلىدۇ.   + x' L; ?0 w! zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنسى ۋە گرامماتىكىلىق مەنىسى دېگەن نېمە؟ : M$ d4 A, U0 y1 Y( L3 d% E8 }9 _" kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنسى بولسا ئايرىم تۇرغاندىكى خاس مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ.  
: z+ @. i, \$ g6 hسۆزنىڭ گىرامماتىكىلىق مەنىسى بولسا باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن چاغدا ئىپادىلەيدىغان مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. / R% \2 N2 U. C' ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆز دېگەن نېمە؟ تاۋۇش جەھەتتىن ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن، ئايرىم تۇرغاندا مۇستەققىل بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ كىچىك تىل بىرلىگى سۆز دىيىلىدۇ.   9 T; Z/ f; C7 n  wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جۈملە دېگەن نېمە؟ سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەلۇم گرامماتىكىلىق قائىدىلەر بويىىچە بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان ، نىسپىي ئاياقلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان ئالاقە بىرلىكى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.   
9 P5 J7 d8 F' `. @0 X* h; Qسان دېگەن نېمە؟
, b6 {) z: @% ?5 eئادەم ۋەنەرسىلەرنىڭ سانىنى،سان جەھەتتىكى مىقدارىنى ۋە دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر سان دەپ ئاتىلىدۇ.سان ئاساسلىقى:قانچە،نەچچە،قانچىنچى،نەچچىنچى دىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بۇلۇپ كىلىدۇ.   
2 r; X9 Y/ a( j, R2 }* z8 F) f تىلىمىزدىكى سۆزلەر بىلدۈرىدىغان مەنىسىگە قاراپ قايسى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟ 0 E$ r, u9 a: _; B+ K, yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزلەر خاس مەنىسىگە قاراپ بىر مەنىلىك سۆز، كۆپ مەنىلىك سۆز دەپ ئايرىلىدۇ. سۆزلەرنى تۈزۈلىشىگە قاراپ تۈپ سۆز، ياسالما سۆز، بىرىكمە سۆز، جۈپلەنمە سۆز، تەكرارلانما سۆز، قىسقارتىلما سۆز ۋە قاتما سۆز دېگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سۆزلەرنى مەنىسى ۋە تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ يەنە ئىسىم، سۈپەت، پېئىل، ئالماش، رەۋىش...قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.  4 L; G1 ]6 I2 `5 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈپ سۆز دېگەن نېمە، ياسالما سۆز دېگەنچۇ؟ $ H$ U+ R" i' u( z. X0 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر تۈپ سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىش ، ئۈن ، خىزمەت ، ساندۇق ، ئەمگەك . .   
/ D- A8 N- X3 s- {/ c7 [تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر ياسالما سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىشچى ، توپچى، خىزمەتچى، ئەمگەكچى،....    $ d3 y1 ]& n" Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ & n/ E, r: S1 j# vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوغەت تەركىۋى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈكى ئاساسىي سۆزلۈك ۋە ئومۇمىي سۆزلۈك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئومۇمىي سۆزلۈك ئۆز ئىچىدىن يەنە كونا سۆزلەر، يېڭى سۆزلەر، كەسپىي سۆزلەر، دېئالېكىت سۆزلىرى، ئەدەبىي سۆزلەر، چەت تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر دېگەندەك بىرقانچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.    E$ Q7 S! u% l. `# M% F$ T$ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرىكمە سۆز دېگەن نېمە، جۈپلەنمە سۆز دېگەنچۇ؟  " N( T5 C: @, x/ x( m* G$ d: Z4 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق باش مورفېمىنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر بىرىكمە سۆز ياكى بىرىككەن سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.   
5 u9 {) C, Y9 F0 Yئىككى سۆزنىڭ ياكى بىر سۆز بىلەن ئادەتتە مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان باشقا بىر تەركىبنىڭ ۋەياكى مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان ئىككى تەكىبنىڭ جۈپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر جۈپلەنمە ياكى جۈپ سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.   9 {3 S  F+ t6 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنىداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ قارشى مەنىلىك سۆزلەر دېگەنچۇ؟
& c- F0 ^# N( ~2 B( @9 Eبىلدۈرىدىغان مەنىلىرى ئوخشاش ياكى ئوخشاپراق كېتىدىغان، تەڭ ياكى يېقىن بولغان سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:   چىرايلىق،ئۇز،سېتەڭ  ياخشى، بېلەن، ئوبدان،  تۈن، كېچە، تاڭ، سەھەر، سۈبھى   6 X  J+ ~& O& uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان سۆزلەر  قارشى مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:  
1 Q; M. K9 X2 n+ r) t/ Dمەينەت، پاكىزە؛  چىرايلىق، سەت؛ ئىگىز، پەس  ...دېگەنگە ئوخشاش.  
% r# W2 c2 G/ ~! o تەكرارلانما سۆز دېگەن نېمە؟ قىسقارتىلما سۆز دېگەنچۇ؟ ' X) D4 [4 r* S- `$ Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىم بىلەن تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق تۈزۈلگەن تاۋۇش بىرىكمىسىنى تەكرارلاش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر تەكرارلانما سۆز دېيىلىدۇ. مەسىلەن : كىيىم- كېچەك، جان-جەھلى.....قاتارلىقلار.   % a+ Q9 o; w4 e4 ?2 s( Y6 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئىچىدىكى سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرىپىنى ياكى بىر بوغۇمىنى قايتا بىرىكتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرقىسقارتىلما سۆز دېيىلىدۇ. مەسىلەن:  ب د ت ، ش ئۇ ئا ر ،پارتكوم ، تىلكوم ......قاتارلىقلار.   
- ~, L9 ]) f& q- i; _, h قاتما سۆز دېگەن نېمە؟ : J) G1 e3 Y# j1 _" I" P- uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستىمال جەريانىدا خاس بولغان تىل ئادىتى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بەلگىلىك گىراماتىكىلىق شەكىلدە تۇراقلىشىپ قالىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى قاتما سۆز دەيمىز.    |: C9 g6 u7 @/ E: y1 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ھاجىم، بېگىم، قاقتى-سوقتى، توغرىسىدا،باشتا...دېگەندەك مۇئەييەن شەكىلدە قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر.  
; v: s# t9 `, w# x3 [  ^ سۈپەت دېگەن نېمە؟
- d) t+ x: l, b; b% A3 ?# O2 U6 Wشەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ،خاراكتېرى قاتارلىق بەلگىلىرىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ.   
/ e  V. i) H* a, Y5 ~$ hمەسىلەن:  بىر جۈپ يوغان قىزىل شام ئاددىي، لىكىن رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان ئۆينىڭ ئىچىنى يۇپيۇرۇق قىلىۋەتتى.   7 [/ V) ^5 g( ?; t. kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. بۇ جۈملىدىكى "يوغان، قىزىل" دېگەن سۆزلەر "شام" دېگەن سۆزنىڭ خاراكتېرىنى بىلدۇرگەن سۈپەت سۆزلىرىدۇر.   6 |- X% U% Y" _& t" }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈپ سۈپەت ۋە ياسالما سۈپەت دېگەن نېمە؟ # {0 G. n+ r3 u+ V7 Z) ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈپ سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۈپەت تۈپ سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ، ياخشى، يامان، ئېگىز، پاكار...  
' y5 W; x) i+ ~/ g- C9 ~& G4 Mتۈپ سۈپەتكە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان سۈپەتلەر ياسالما سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ياخشىچاق، يامانراق، ئېگىزرەك، پاكارراق...  
2 ~2 F3 ]" E5 V% {8 x4 E7 N; E  H7 N پېئىل دېگەن نېمە؟  " k( P) {& ?7 c! y  _( Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىش -ھەرىكەت، پىسخىكىلىق پائالىيەت ۋە ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى بىلدۇردىغان سۆزلەر پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ .   2 o* ^9 Q( N0 n0 U+ t" m- \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ئوقۇ -  ،  سۆزلە -  ، سۆي-  ، خۇشاللان-  ، قىزار-  ، ئۆل- ، ...... ۋە باشقىلار.   7 ~* _% g, W0 p& ]3 _7 W5 k+ Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تاق پېئىل ۋە بىرىككەن پېئىل دېگەن نېمە؟   U, ^+ g- V5 I( Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىرلا سۆز تومۇرىدىن تۈزۈلگەن پېئىل تاق پېئىل دېيىلىدۇ. م : ماڭ،تۇر، ئال...  , n0 D; c; b8 g0 v" ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېئىلنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن پېئىل بىرىككەن پېئىل دېيىلىدۇ. - V4 N, w1 o- L( oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆز تۈركۈمى
: J' H2 x$ y/ T" O, z/ bتىلىمىزدىكى سۆزلەر مۇئەييەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، بەزى سۆزلەر يەككە ھالدا مەلۇم مەنىنى ئىپادىلىسە، بەزى سۆزلەر جۈملىدە باشقا سۆزلەرگە قۇشۇلۇپ قۇشۇمچە مەنىلەرنى بىلدۈرۈىدۇ. سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىركىش ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىلدۈرگەن مەنىلىرى ۋە تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى –سۆز تۈركۈملىرى دېيىلىدۇ.  
- b" L( T* i4 U' Z تىلىمىزدىكى سۆزلەر ئالدى بىلەن، ئايرىم تۇرغاندا، لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىشى ياكى ئىپادىلىمەسلىكى، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالىشى ياكى بولالماسلىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل سۆزلەر ياكى ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ.  
9 j& `- V+ \; i* u8 q: F مۇستەقىل سۆزلەر – ئايرىم تۇرغاندا لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان، جۈملىنىڭ مەلۇم بۆلىكى بولالايدىغان سۆزلەر بۇلۇپ، تىلىمىزدىكى مۇستەقىل سۆزلەر : ئىسىم، سۈپەت، سان، مىقدار سۆز، ئالماش،پېئىل،رەۋىش ۋە تەقلىد سۆزلەرگە بۆلۈنىدۇ.  
5 v5 \: i3 `3 f3 p1 [ ياردەمچى سۆزلەر – ئايرىم تۇرغاندا، لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان ، پەقەت مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلەرگە قۇشۇلۇپ، قۇشۇمچە مەنە بىلدۈرىدىغان ، سۆز-جۈملىلەرنى باغلاش رولىنى ئوينايدىغان سۆزلەر بۇلۇپ، تىلىمىزدىكى ياردەمچى سۆزلەر : باغلىغۇچىلار، ئۇلانمىلار (يۈكلىمىلەر) ۋە تىركەلمىلەر (سۆز ئارقا ياردەمچىلىرى) دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلۈنىدۇ.  1 U  ?; G% B  O# u, f8 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىم & ]; L3 o& K  L) m# h- z, nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ، ۋەقە ھەم تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى ئىسىم دېيىلدۇ. مەسىلەن: مەھمۇد، كىتاپ، يامغۇر ئىسىملارغا ئادەملەر ئۈچۈن «كىم،كىملەر» ، نەرسىلەر ئۈچۈن «نېمە، نېمىلەر» دېگەن سۇئال ېرىلدۇ. ئىسىملار مەنە دائىرىسى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەردە بولىدۇ.  2 b# B$ |; s- g" S. r3 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) ئادەم ئىسىملىرى 2) كەسىپ ئىسىملىرى 3) جۈنلىق نەرسىلەر ئىسىملىرى (قوي) 4) جانسىز نەرسىلەر ئىسىملىرى (قەلەم) 5) تەبىئى ھادىسىلەر ئىسىملىرى (يامغۇر) 6) ئىجتىمائى ھادىسىلەر ئىسىملىرى (زىياپەت) 7) ئابىستىراكىت ئىسىملار (تەشكىلات) 8) نەسەپ، تۇققانچىلىق ئىسىملىرى (بوۋا ) 9) جۇغراپىيەلىك ئىسىملار (دەريا، قىتئە)؛ 10) مەمۇرى بۆلۈنمە ئىسىملىرى (دۆلەت، ۋېلايەت) 11) بەلگە-ھالەت ئىسىملىرى (خوشاللىق، نامراتلىق ) 12) ئورۇن-جاي ئىسىملىرى (قەشقەر) 13) مىللەت، قەبىلە ئىسىملىرى 14) پەسىل، ۋاقىت ئىسىملىرى . p5 Q2 o7 O+ a) O! X3 j+ x9 G5 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۈپەت ; b( m4 i5 y8 Q% b9 p; o8 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم ۋە نەسىلەرنىڭ بەلگىسىنى (رەڭگى،تەمى،ھەجمى،خۇسۇسىيىتى،خۇلقى،پۇرىقى) بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سۈپەت دېيىلدۇ. مەسىلەن: قىزىل،تاتلىق،كەڭ،ھورۇن،يېڭى،خۇشبۇي،سىلىق،رەتلىك،مۇستەھكەم،ئازادە  
. e0 ^3 ~: W% H! @سان
& _! z4 o& [  W2 W& e, R+ ~& Nئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ سانىنى، ھېسابىنى ۋە رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سان دېيىلدۇ. مەسىلەن: ئۈچ، مىليۇن، بىرىنچى ، بەشەيلەن  + V/ G# X0 h6 {. G- nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىقدار
3 M" n6 q0 ]% Bئادەم ۋە نەرسە ۋە ئىش – ھەركەتنىڭ ھېساپلاش بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – مىقدار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: كىلوگىرام، مېتىر، دانە، نەپەر ،توننا ! ^" Y* A6 l8 o" x* b% P' M* Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالماش  
$ K# a: }5 d7 K4 mئىسىم، سۈپەت، سان، سان-مىقدار بىرىكمىسى، تەقلىدى ۋە بىر قىسىم رەۋىشلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ شۇ سۆز تۈركۈملىرىنىڭ رولىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى – ئالماش دېيىلدۇ. مەسىلەن: مەن، سەن، ئۇلار،قەيەر،قانچە،قايسى،قېنى،كىم،ئۆز،ھېچكىم،بارلىق،ھەرقاچان
( I) N9 d7 Y! l/ W) i/ Q پېئىل  & u& |% t0 z7 z/ I; m" yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى پېئىل دېيىلدۇ. مەسىلەن: ماڭ، ئولتۇر، سۆزلە،ئۆگىنىش،كەلدى،يازما،پاراڭلاشقاچ ) Y1 Y) V5 _) z9 \% i- hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەۋىش  
/ e1 @) g+ g, Q, S( r8 W8 cئىش – ھەركەتنىڭ ۋاقتى، ئورنى، ھالىتى، سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – رەۋىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئەتىگەن، ئاۋال ،يۇقىرى،كەينى،تويۇقسىز،ئىنتايىن
7 @1 Z! S& v( O1 [9 B تەقلىد سۆز : m3 G8 [7 G6 e$ b% H" V2 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەم تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەر خىل ئاۋاز ۋە ھالەتلىرىگە تەقلىد قىلىپ ئېيتىلغان سۆز تۈركۈمى تەقلىدى سۆز دېيىلدۇ. مەسىلەن: جاراڭ-جۇرۇڭ پال-پۇل 6 n/ q. J0 F: h3 b! C' mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باغلىغۇچىلار 9 l. F7 U2 @' G6 G' }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ھەم قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەرنى ئۆز ئارا باغلاش رولىنى ئوينايدىغان ياردەمچى سۆزلەر باغلىغۇچى دېيىلدۇ مەسىلەن: بىلەن، ۋە، ھەم ئەمما،بىراق،شۇڭا،يەنە،ھەتتا،بەلكى،ياكى،چۈنكى
$ I/ Z5 _/ O1 L. L0 D7 Gتېركەلمىلەر  
  E  n; }3 J6 f- T: H! o# N" lئىسىم ياكى ئىسىم خارەكتىرىدىكى سۆزلەرگە قۇشۇلۇپ، شۇ سۆزنىڭ جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر تېركەلمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇچۇن، دائىر، ئائىت، قەدەر ،قارىتا،نىسپەتەن،ئىبارەت،ئارقىلىق،ھەققىدە،توغرۇلۇق، - p2 O3 O) c. W3 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈكلىمىلەر
% r  Z2 F2 I" l. Z. T8 D4 o) Hسۆز، سۆز بېرىكمىسى ۋە جۈملىلەرگە قۇشۇلۇپ، قۇشۇمچە مەنە بېرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر يۈكلىمىلەر (ئۇلانمىلار) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: دۇ، غۇ، چۇ ، لا ،زە،دە،ھە
) E$ Y  m( O4 h! [6 Y ئىملىق سۆز  2 W3 b- T4 @+ Q& ?/ Q0 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھېس تۇيغۇلىرىنى (خوشاللىنىش، زوقلىنىش، ھەيران بولۇش، پۇشايمان قىلىش ) ۋە بۇيرۇق چاقىرىقلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – ئىملىق سۆز دېيىلدۇ. مەسىلەن: ھوي، ۋايجان، پاھ ،ھەي،ۋاي-ۋۇي،خوش،ئاپلا،ئىست 7 k% w6 {: r8 R8 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇستەقىل سۆزلەر: ئىسىم، سۈپەت،سان،مىقدار،ئالماش،پېئىل رەۋىش،تەقلىد سۆز  0 V' ~# D% F0 @7 C/ ?: ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياردەمچى سۆزلەر: باغلىغۇچىلار،تىركەلمىلەر(سۆز ئارقا ياردەمچىلىرى)،يۈكلىمىلەر(ئۇلانمىلار) ) R! [7 y/ `4 Q3 H3 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملارنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك تۈرى . k3 n0 k1 Y4 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملار جۈملىدە بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىدە كېلىپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ سان جەھەتتىن بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.  " p  e; c. H, k* Z: W/ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1)بىرلىك ساندىكى ئىسىم : بىرلا ئادەم ياكى بىرلا نەرسىنى بىلدۈرىدىغان ئسىملاردۇر؛ مەسىلەن: تاغ، قوغۇن، مەكتەپ،
7 U) r5 E9 n% ~1 A6 x/ [9 d2) كۆپلۈك ساندىكى ئىسىملار : بىردىن ئۇشۇق ئادەم ياكى بىردىن ئارتۇق نەرسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردۇر؛ مەسىلەن: بالىلار، گۈللەر  
4 R( e# F8 Y2 G4 A- P3) ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى ئادەتتە بىرلىك شەكلىنىڭ ئاخىرىغا «لار، لەر»نىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىشى قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:  4 g3 B0 H! x: _2 k+ r$ Q5 M& Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) ئاخىرى تىل ئارقا سۇزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇغۇن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «لار»، تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇغۇم بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «لەر» ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: بالا+لار مەكتەپ + لەر  
0 m& q' f9 c. m% W3 F; r, K# g, w(2) ئىسىملارغا كۆپلۈك قۇشۇمچىلىرىدىن باشقا يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قۇشۇمچىلارمۇ ئۇلىنىپ كېلىدۇ. بۇنداق چاغدا سۆزلەرنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىغا، ئوقۇغۇچىلارغا  / @* n* Z% R$ t5 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى  
$ \- K9 F+ a0 Q5 _, o- L! aئىسىم ئىپادىلىگەن ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ قايسى شەخىسكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قۇشۇمچىلار تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى دېيىلدۇ. تىلىمىزدىكى ئسىملارنىڭ تەۋەلىك شەكىللىرى ئۈچ شەخىسكە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى شەخىس سۆزلىگۈچى بۇلۇپ، بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككىنچى شەخىس تىڭشىغۇچى بۇلۇپ، ئاددى تۈر، سىپايە تۈر، ھۆرمەت تۈر بويىچە بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكىلدە بولىدۇ. ئۈچىنچى شەخىس ئۆزگە بۇلۇپ، سان جەھەتتىن پەرىقلەنمەيدۇ.  
( _. }0 K9 B0 M. ]; \1) بىرنچى شەخىس: بىرلىك تۈرى: م، ئىم، ئۇم، ئۈم ئانام  كۆپلۈك تۈرى: مىز ئىمىز ئانىمىز
/ f& ^$ @+ W, m' P1 D4 m0 n# P1 \2) ئىككىنچى شەخىس: بىرلىك ئاددى تۈرى: ڭ، ئىڭ،ئۇڭ،ئۈڭ ئاناڭ
0 _  c2 B0 _" x# _, n& F$ _كۆپلۈك تۈرى: ڭلار،ئىڭلار،ئۈڭلار،ئۇڭلار ئاناڭلار  بىرلىك سىپايە تۈرى: ڭىز،ئىڭىز ئانىڭىز
" L7 O/ R! b: o/ P" mكۆپلۈك سىپايە تۈرى: ڭىزلەر،ئىڭىزلەر ئانىڭىزلەر  ھۆرمەت تۈرى: لىرى ئانىلىرى  
+ [7 z" ?0 W6 S! h  b3) ئۈچىنچى شەخىس: سى ئى ئانىسى،كۆزى  
5 B2 q5 f# c# A2 I تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئىسىملارنىڭ ئىملاسى  + \2 P; x1 j- Z- l5 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) «ئا،ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بۇغۇملۇق ئىسىملارغا تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، شۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا،ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى «ئې» سۇزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن؛ ئاش + ئىم = ئېشىم  + p9 a' D6 h: d0 o' ^  Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) «ئا،ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بۇغۇملۇق ئىسىمغا ياكى ئاخىرقى بۇغۇمىغا «ئا،ئە» بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بۇغۇملۇق ئىسىملارغا تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، شۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمدىكى «ئا،ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى «ئى»سۇزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئانا+سى=ئانىسى  
& @$ u- U! W" s2 w0 E1 ?' i" R3) بەزى سۆزلەر تۇراقلىق ئورغۇغا ئىگە بولغاچقا، ئۇ سۆزلەر سۇزۇپراق ئوقۇلغاندا، سۇزۇپراق تەلەپپۇز قىلىندۇ. ئۇنداق سۆزلەرگە تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆزلەردىكى «ئا،ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشماي، يەنىلا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىندۇ. مەسىلەن: نام+ئى= نامى  0 T5 S9 X5 \" [7 B6 y' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملارنىڭ كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى  # q0 i4 D7 U: eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىلارنى جۈملىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن باغلايدىغان ، ئىسىملارنىڭ سۆز بېرىكمىسى ياكى جۈملىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدىغان قۇشۇمچىلار كېلىش قۇشۇمچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسىملارغا كېلىش قۇشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىپ يېزىلىشى ، ئىسىملارنىڭ كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى دەيمىز.  - M  `/ R0 o; r  Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملارنىڭ كېلىش قۇشۇمچىلىرى ئىسىملارنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىگە ئۇلىنىدۇ. بەزىدە ئىسىملارغا ئاۋال كۆپلۈك قۇشۇمچىلىرى ئاندىن تەۋەلىك قۇشۇمچىسى، ئاخىرىدا كېلىش قۇشۇمچىلىرى قۇشۇلۇلىدۇ. ئومۇمەن كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۇلىندۇ.  ئىسىم + سان (كۆپلۈك) + تەۋەلىك + كېلىش  
" ~( E# j0 |: dمەسىلەن : قەلەم (بىرلىك ئىسىم) + لەر (كۆپلۈك) – ئىم (تەۋەلىك) + نى (كېلىش)  
1 |2 l2 }- F6 p) uئۇيغۇر تىلىدا تۆۋەندىكىدەك ئالتە كېلىش بار.  
# p; ]6 r/ K* }0 H2 D& R$ }كېلىش نامى قۇشۇمچىسى مىسال باش كېلىش يوق قەلەم  ئىگىلىك كېلىش نىڭ قەلەمنىڭ چۈشۈم كېلىش نى قەلەمنى  يۆنىلىش كېلىش غا،قا،گە،كە،قە قەلەمگە چىقىش كېلىش دىن تىن قەلەمدىن , ئورۇن كېلىش دا،تا،دە،تە قەلەمدە     باش كېلىش  
5 i0 o3 ]5 P+ s4 k4 gئىسىملارنىڭ كېلىش قۇشۇمچىلىرى قۇشۇلمىغان شەكلى ئارقىلىق جۈملىدىكى بايان قىلىنغۇچىنى (ئادەم ياكى نەرسىلەرنى) بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، ئۇنىڭ قۇشۇمچىسى يوق. باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملارغا «كىم، نېمە، كىملەر، نېمىلەر، كېمىسى، نېمىسى» دېگەندەك سۇئاللار بېرىلدۇ.  
0 X( m' m3 b4 q4 V7 P  g ئىگىلىك كېلىش
+ G6 b1 s% Z7 c0 [ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىگىلىگۈچى شەيئىنى (ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ كىمگە، نېمىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى) بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بولۇپ، قۇشۇمچىسى «نىڭ» ؛ ئۇنىڭغا «كىمنىڭ ، نېمىنىڭ »دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە دائىم تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن باغلىنىپ، شۇ ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىدۇ. مەسىلەن: بۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈزۈك  # D* o! }) D* y3 s9 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جۈملىدە بەزىدە ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان ئىگىلىك كېلىش قۇشۇمچىسى «نىڭ» چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى شۇ ئىسىملا باغلىنىپ كەلگەن سۆزلەرگە ئۇلانغان تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىلى ئالمىسى – ئىلنىڭ ئالمىسى & s3 K+ `6 A. D# }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىگىلىك كېلىش قۇشۇمچىسى «نىڭ» چۈشۈپ قالغان ئىسىملار كۆرۈنۈشتە باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ھېساپلانمايدۇ. بەلكى ئىگىلىك قۇشۇمچىسىز ئېيتىلغان ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ھېساپلىنىدۇ.  
6 B% B6 o) ]5 x+ R5 V3 V/ uچۈشۈم كېلىش  
1 d& Y0 }) ]$ b) |ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش ھەرىكەتنى قۇبۇل قىلغۇچى شەيئىنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «نى»، چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ئىش ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. چۈشۈم كېلىشتىكى ئىسىملارغا «كىمنى، نېمىنى، كىملەرنى، نېمىلەرنى» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملاردىكى چۈشۈم كېلىش قۇشۇمچىسى «نى» چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملارغا «نېمە» دېگەن سۇئال بېرىلدۇ. مەسىلەن: ئەكبەر كىتاپنى ئوقۇۋاتىدۇ.    C6 x4 y/ z, l7 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈشۈم كېلىش قۇشۇمچىسى چۈشۈپ قېلىپ ئېيتىلغان ئىسىملارنى باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار دەپ قاراشقا بولمايدۇ.  ; {+ A2 f: u8 _  C' yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۆنىلىش كېلىش  
) C" s' Q2 {9 k! z  [ئىسملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش ھەركىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «غا، قا، گە، كە، قە» بۇ خىلدىكى ئىسىملارغا «كىمگە، نېمىگە، كىملەرگە، نېمىلەرگە ، قەيەرگە، نەگە» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە ئىش-ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ.  
& a/ E2 s: r9 \مەسىلەن: رەنا، گۈللەرگە (نېمىلەرگە) سۇ قۇۋەتكىن.،  4 \3 O( j2 W. C9 w9 p% b; p! U. ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۆنىلىش كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ.  3 c3 l" Y( K2 s' m: }7 B; {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدا تىل كەينى سۇزۇق تاۋۇشى كېلىپ، جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «غا» قۇشۇمچىسى، جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشسا، «قا» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ مەسىلەن: ھاۋا + غا = ھاۋاغا ياتاق + قا = ياتاققا  .  / S3 s: }$ ~( M. R+ O/ M- G& d- \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدا تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇش كېلپ، جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «گە» قۇشۇمچىسى، جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «كە، قە» قۇشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ.  7 J' `4 R5 s0 k' D* Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ۋەتەن – ۋەتەنگە، مەكتەپ – مەكتەپكە  7 c( V9 e6 Q# [9 Q8 E2 B6 C- Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چىقىش كېلىش  ! d2 g$ N$ \/ N" uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش –ھەركىتىنىڭ چىقىش ئورنى، سەۋەبى، ھەرىكەت مەزمۇن قىلىنغان ساھەنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «دىن، تىن»، بېرىلدىغان سۇئاللار «كىمدىن، نېمىدىن، كىملەردىن، نېمىلەردىن، قەيەردىن، نەدىن» قاتارلىقلار؛  " Z# Q7 S: Y3 A' f& a- Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چىقىش كېلىش قۇشۇمچىسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىدۇ.  4 ^: g7 F, t: M# u3 ^6 p% K5 F9 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرى جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «دىن» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. ئاخىرى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «تىن» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.  6 b9 b7 V% Z9 Y* [8 h* ?4 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئورۇن كېلىش  
7 b8 h6 F* u, w. Q( _( Vئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش –ھەركىتىنىڭ ئورنى، ۋاقتى، شارائىتى، ۋاستىسى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى – ئورۇن كېلىش دېيىلىدۇ. قۇشۇمچىسى «دا، تا، دە، تە» ، بېرىلدىغان سۇئاللار: «كىمدە، نېمىدە، قەيەردە، نەدە، قاچان» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ.  6 V1 ~/ ^7 g' G% gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇرۇن كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىدۇ.  
. K  R/ G! z0 W# d5 Tئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمى تىل كەينى سۇزۇق تاۋۇش بىلەن كېلىپ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «دا»،جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «تا» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: باھار- باھاردا، ياز-يازدا بۇلاق- بۇلاقتا، ئاش- ئاشتا  
  R! c1 L' Y: G5 qئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمى تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇش بىلەن كېلىپ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «دە، « جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاسا، «تە» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: قەلەم-قەلەمدە، يۈرەك-يۈرەكتە ئۈستەل-ئۈستەلدە كۈچ – كۈچتە
, p9 S+ }* ^0 G; | جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر دېگەن نېمە ؟   
. C8 v. h. H2 [9 Oجۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدىغان جۈملە بۆلەكلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيە ۋە تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان تەركىبلەر جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ .   4 H- g& G; J2 b. K4 i/ [+ ^  l% |5 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خۇسۇسىيەتلىرى :   
# ^  r6 \" i% b* N+ l1.جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر جۈملىدە بىرەر سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ ، ئۇلار جۈملە تەركىبىدىن چىقىرۋېتىلسىمۇ ، جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە تۈزۈلۈشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .   6 W& L9 E- B; s9 G% X* Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر ئەدەبىي ئېغىز تىلىدا ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق ، ئەدەبىي يېزىق تىلىدا تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئۆزى تۇرىۋاتقان جۈملىدىكى بۆلەكلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ .   & i+ m) f8 V% d# u/ o2 t, ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىسىگە ئاساسەن قاراتما سۆز ، قىستۇرما سۆز ، ئىملىق سۆز ۋە ئىزاھلىغۇچى سۆز دېگەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ .   , D* S/ a& O- D( [# pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1.      قاراتما سۆز   
, h, L  I% l# E1 N' tجۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرنىڭ كىمگە ، نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز قاراتما سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .   6 ?0 d7 m1 C3 J8 N, \$ a, N/ A: qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملار قاراتما سۆز بولۇپ كېلىدۇ ، قاراتما سۆزلەر بەزىدە سۆز،  بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكىلدە كېلىدۇ .   
2 T  A0 L+ p  P0 {& ?7 r* lقاراتما سۆزلەر كۆپ ھاللاردا جۈملىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا  كېلىدۇ . قىسمەن ھالدا جۈملىنىڭ ئوتتۇرسىدىمۇ كېلىدۇ .    قاراتما سۆزلەر جۈملىدىكى باشقا سۆزلەردىن پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ .   
5 i2 j5 U4 L  W. W2 e2.قىستۇرما سۆزلەر   
  f$ d9 B8 b$ oجۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ پوزۇتسىيىسىنى بىلدۈرىدىغان ، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر قىستۇرما سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .   
6 |  Z7 s0 A! @% \قىستۇرما سۆزلەر بەزىدە بىر سۆز شەكلىدە بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ، ئايرىم ئەھۋالدا جۈملە شەكىلدە قوللىنىلىدۇ . قىستۇرما سۆزمۇ جۈملىدىكى باشقا سۆزلەردىن پەش ئارقىلىق ئايرىلىدۇ .   0 ?6 X' U) V3 C# w8 t% X8 L: t  _3 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  3. ئىملىق سۆزلەر     C: i0 k! H- R9 T$ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جۈملىدىكى پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدىغان ، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ئىملىق سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .   + M- _7 b' n8 q. B) W  e% z% [$ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىملىق سۆزلەر جۈملىگە خوشاللىق ، ئەجەپلىنىش ، زوقلىنىش ،ماختاش ...تۇيغۇلىرىنى قوشۇپ ، پىكىرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .   6 o) x9 l/ a8 I; }; Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4.ئىزاھلىغۇچى سۆز   
0 |6 M5 f3 A. E% }جۈملىدىكى مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش ، روشەنلەشتۈرۈش رولىدا كېلىدىغان ، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان سۆز ئىزاھلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .   4 Z5 z" h9 T7 l) ]* e2 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلايدۇ. ئىزاھلىغۇچى سۆزدىن كېيىن كېلىدۇ . ئىزاھلىغۇچى سۆز ئەدەبىي ئېغىز تىلىدا باشقا بۆلەكلەردىن ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق پەرىقلىنىدۇ ، ئەدەبىي يېزىق تىلىدا تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ ، ياكى سىزىق ئارقىلىق ئايرىلىدۇ .   پېئېل دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق شەكىللەرگە ئىگە؟ مىسال كەلتۈرۈڭ؟
6 Q; ]) {& M6 Eپېئېل-شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى.   مەسىلەن: ماڭ، ياز، ئىشلە، ئوقۇدى، ئولتۇردى، يىغلىدى، سالدى...   % ^1 b0 I& O( I, Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پېئېللار تۆۋەندىكىدەك شەكىللەرگە ئىگە:   
" v4 j9 x3 L  i/ |9 E9 S. V( J! A1› پېئېللار بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكىلگە ئىگە.   ; H$ `4 A6 O; w3 w5 W- pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەرىكەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردىغان پېئېل بولۇشلۇق پېئېل.   & C* \$ \6 o  i# `* O/ X5 f5 k2 ^0 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ئوقۇدى، يازدى، ئوينىدى، كۈلدى...   4 Z& ~4 B! A8 ^/ Z, Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەرىكەتنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئېل بولۇشسىز پېئېل.   
3 ?& ~4 n* U; t) Y- zمەسىلەن: ئوقۇمىدى، يازمىدى، ئوينىمىدى، كۈلمىدى...     B2 z/ u( b+ U( W- S3 n; X# `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2› پېئېللار زامان شەكىللىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلىدىغان زامان شەكلىدە كېلىدۇ.   
' x7 L  N& e/ b7 bھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولغانلىقىنى ياكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى دېيىلىدۇ.   
8 V( u& i( {% lمەسىلەن: ئوقۇدى، ئوقۇمىدى، ئوقۇپتۇ، ئوقۇماپتۇ، ئوقۇدىڭلار، ئوقۇمىدىڭلار، يازدۇق، يازمىدۇق...   : r% V7 d7 j4 [5 }* V' I5 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بولىۋاتقانلىقىنى ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ ھازىرقى زامان شەكلى دېيىلىدۇ.   
5 d6 |, h, o& g: G# T8 {مەسىلەن: ئوقۇۋاتىدۇ، ئوقۇمايۋاتىدۇ، يېزىۋاتىدۇ، يازمايۋاتىدۇ...   
2 q# y8 {5 ~7 iھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ كېلىدىغان زامان شەكلى دېيىلىدۇ.   
8 _4 B2 \4 A8 [3 _+ ^6 `( }مەسىلەن: ئىشلەيدۇ، ئىشلىمەيدۇ، قايتىدۇ، قايتمايدۇ...   
: u6 k0 W+ a) u. C5 O3 T3.› پېئېللار راي شەكىللىرىگە ئىگە بولۇپ، بايان راي، بۇيرۇق راي ۋە شەرت رايدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكلى بار.   
2 d: Y* ]1 [0 C. L8 yسۆزلىگۈچىنىڭ جۈملدىكى ھەرىكەت توغرىسىدىكى بايانىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى بايان راي دېيىلىدۇ.   " V$ K$ x4 ?9 W( i" ~$ `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: بۈگۈن چوڭ يىغىن ئېچىلدى. ئەخمەت مەكتەپكە كەتتى. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا چىقتى...   ' P* l9 X; ^# N0 R0 `% uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەلۇم بىر ھەرىكەتكە قارىتا ئىككىنچى بىر ھەرىكەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى پېئېلنىڭ شەرت رايى دەپ ئاتىلىدۇ.   5 ~* J  O: {- F8 _% P4 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پېئېلنىڭ شەرت رايى مۇرەككەپ جۈملىلەردە قوللۇنىلىدۇ ھەم تۈپ پېئېلللارغا «-سا، -سە» قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.   ) H, h8 o4 |1 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: شامال چىقمىسا، توپ ئوينايمىز. ئوقۇغۇچىلار تولوق كەلمىسە، دەرس باشلىغىلى بولمايدۇ...   6 ?6 L( L. Q1 ^  H3 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدىكى ھەرىكەتكە قارىتا بۇيرۇق، تەلىپىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى پېئېلنىڭ بۇيرۇق رايى دېيىلىدۇ.   
1 S& M& t/ p( s/ U% n5 t( v+ Lپېئېلنىڭ بۇيرۇق راي شەكىللىرى پېئېل تۇمۇرىغا «-ئاي، -ئەي، -ي، -ئايلى، -ئەيلى، -يىلى، -غىن، -قىن، -گىن، -كىن، -ڭ، -ئىڭ، -ئۇڭ، -ئۈڭ، -ڭلار، -ئىڭلار، -ئۇڭلار، -ئۈڭلار، -سىلا، -سىلە، -سۇن، -غاي، -قاي، -گەي، -كەي» قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.   
) S# Y/ I* O# Lمەسىلەن: كۆرەي، ئوينايلى، ماڭغىن، تۇرۇڭ، بارسىلا، كەلگەي...   7 L# x& W$ e4 M  }/ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4› مۇستەقىل ۋە ياردەمچى پېئېللار   1 P. @7 o2 U% Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇستەقىل پېئېللار-ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۈملە بۆلىكى بولالايدىغان پېئېللار.   
* R3 m$ B- T# @6 l# A% kمەسىلەن: تۇرسۇن ئۆيىگە كەتتى. سەن جايىڭدا جىم تۇر...   
$ l+ M& V9 q1 ?; Q* T. `ياردەمچى پېئېللار-ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان، سۆزلەرگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە مەنا ئىپادىلەيدىغان پېئېللار.   
/ ?1 |8 `, H# l' dتىلىمىزدىكى ياردەمچى پېئېللار «ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا بەزى مۇستەقىل پېئېللار ئۆز مەنىسىدىن باشقا قوشۇمچە مەنا بىلدۈرگەندە ياردەمچى پېئېل بولۇپ كېلىدۇ.   + l2 t1 j' n( E/ h  m7 I2 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ۋاقىت توشۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار كەتتكەن ئىكەن. مەھەللىدە تۈنۆگۈن يامغۇر يېغىپتىمىش. تۇرسۇن ئۇخلاپ كەتتى. سەن جايىڭدا ئويناپ تۇر...   
5 q7 [+ o! F9 {. c" g, ]5 V+ zيۇقارقىلاردىن باشقا پېئېللار يەنە دەرىجە ۋە شەخىسلىك ھەم شەخىسسىز شەكىللەرگىمۇ ئىگە.  . ^$ ^  V" c  z* M( Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر ئالدى بىلەن  مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن پەقەت مۇستەقىل سۆزلەرلا ھەم لېكسىكىلىق ھەم گرامماتىكىلىق مەنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. مەسىلەن: 8 c/ E1 D, B/ n& ?1 ~! fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«ئوقۇغۇچىلا كەلدى»دېگەن جۈملىدىكى «ئوقۇغۇچىلار»ئوقۇش كەسپى  بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى بىلدۈرىدۇ.«كەلدى» كېلىش ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «ئوقۇغۇچىلار»—  ئىسىم، كۆپلۈك سان، باش كېلىش، ئىگە قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرسە، «كەلدى»— پېئىل ئەسلىي  دەرىجىسى، بولۇشلۇق، ئاددىي ئۆتكەن زامان، ئۈچىنچى شەخس، خەۋەر قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق مەنىلىرىدۇر.
; V+ E9 x' y- L* I' i  ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى سۆزلەر لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى، جۈملە ئىچىدە مۇستەقىل ۋە ئاددىي جۈملىلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ،  ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى تولۇقلاش ۋە روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،  قوشۇمچە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدۇ. ياردەمچى سۆزلەر ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە ئەمەس، باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى بىلەنمۇ تۈرلەنمەيدۇ، ياسىغۇچى، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بولمايدۇ، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى  بولمايدۇ، مەسىلەن:/ J/ E* v3 S) q1 t7 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  مەملىكىتىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.ھاۋا تۇتۇلدى، بىراق يامغۇر ياغمىدى. سىلەر تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇ مېنى كۆردى - دە، خۇشاللىقىدىن تۇرۇپلا قالدى. بۈگۈنكى يىغىندا ئۆگىنىشكە دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. مەن بۇ يەرگە ئايروپىلان بىلەن كەلدىم.& _4 h; ]$ b0 M$ E0 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  يۇقىرىقى مىساللاردىكى«ۋە، ھەمدە، بىراق، مۇ، دە، دائىر، بىلەن» قاتارلىقلار لېكسىكىلىق مەنا ئىپادىلىمەي، پەقەت تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆزلەردىن ئىبارەت4 v! `5 V4 I" j3 @  i+ o, g4 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى بىلىملەركەن رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2016-2-13 12:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «شاھدىيار46» ئەپەندىم، بۇ تېمىنى يوللاپ مېنىڭچە تولىمۇ ياخشى قىلىپسىز.
( ~- N# a9 i. A6 kبۇرۇنلاردا باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەخسۇس «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى بار ئىدى، ھازىرقى دەرسلىك ئىسلاھاتى بىلەن بۇنى مەخسۇس دەرس قىلىپ ئۆتمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. يېقىندا يەنە بۇ دەرسلىكنى مەخسۇس قىلىپ ئۆتىدىغان قىلىش ئەسلىگە كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ قالدىم، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
* k+ j& D9 ~) B. z& hبۇنداق دېيىشىمنىڭ ئاساسى: بىرىنچىدىن: مەن ئەسلىدىنلا بىر مائارىپچى ئىدىم، يەنە كېلىپ مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان؛ كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ تەبئىيلا ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۆزۈم ئارزۇ قىلىپ، قىسقا مۇددەت مەخسۇس مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغان ئىدىم. ئىككىنچىدىن: ئۇيغۇر تىلى بولسا دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت تىل- يېزىقى ئىچىدە بىرقەدەر سىستېمىلاشقان، مۇكەممەل تىل بولۇپلا قالماي يەنە، دۇنيا تىل- يېزىق ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە، تەتقىق قىلىنىۋاتقان، ئۆگىنىلىۋاتقان تىل- يېزىقلارنىڭ بىرى. شۇنداق ئىكەن، بىز مۇشۇ تىل- يېزىقنىڭ ئىگىلىرى ئىكەنمىز چوقۇم مۇشۇ تىلنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىگە پۇختا بولۇشىمىز، ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلەتكەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بويىچە ئىش تۇتۇشىمىز زۆرۈر. ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش 32 ھەرپنى مۇنداقلا قۇراشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىۋىرىدىغان يېزىق ئەمەس. ئۇ مۇئەييەن قانۇنىيەت- پرىنسىپلار ئاساسىدا ئۆزىگە خاس سورۇن- ئورۇندا مۇۋاپىق ئىشلىتىلىدۇ.
) u) K  y) K5 W% L«ئۇيغۇر تىلى» مەخسۇس بىر پەن سۈپىتىدە يەنىمۇ بەكرەك قەدىرلىنىشى، ئەھمىيەتكە ئېرىشىشى، ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇشۇ پەننىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا قوللىنىشى كېرەك؛ ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا پۇختا بولماي تۇرۇپ تىل ئىشلەتسىڭىز، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، خەنزۇ، ئېنگلىز تىللىرىنى ھەرقانچە پۇختا ئىگىلەپ كەتسىڭىز بەرىبىر ئۆز مىللىي تىل- يېزىقىڭىز ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىدىگە يېتەلمەيسىز. شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تىل- يېزىق ئىشلىتىش قانۇنىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
ۋاقتى: 2016-2-13 12:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،ناھايىتى ياخشى بىلىملەركەن
ۋاقتى: 2016-2-14 01:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققەتەن مۇھىم بۇلغان  ساقلاپ قۇيغىدەك بىلم ئىكەن ~~ رەھىمەت سىزگە ~~!
باشلانغۇچتا ئوقۇغان ئىدۇق بۇ گرامماتىكىنى،رەھمەت سىزگە بالىلىقتىكى ئوقۇشنى ئىسىمگە سالدىڭىز.
ۋاقتى: 2016-2-16 19:39:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،ناھايىتى ياخشى بىلىملەركەن
ۋاقتى: 2016-3-6 14:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ، قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ...........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 06:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش