روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: ADiL
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار(تەڭگە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-1-18 20:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پىكىرغۇ بولدىكەن ئاداش . بىراق بىزلەر بۇ يەرگە كىرىپ بىلىم ئۆگۈنىمىز . مىنىڭچە مۇنبەرگە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلارنىڭمۇ يەنىلا مۇنبەردىن ئۆگەنگەنلىرى بولغان بولىشى مۇمكىن ، شۇنداق بولغانكەن مۇنبەردىن ھەممە ئادەم نەپ ئالدى دىگەن گەپ ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا نەق پۇلغا ئالماشتۇرىمىز ؟  مىنىىڭچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇنچىۋالا زۆرۈريىتى يوق دەپ قارايمەن ، بۇيەرگە كىرىپ بىلىم ئۆگۈنۈپ تۇرۇپ يەنە پۇل ئالىدىغانغا بىزنىڭ يۈزىمىز قىزىدىغاندۇ ؟ شۇڭا مۇمكىن بولسا تەڭگىنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇشقا كەتكەن خىراجەتنى ئالدىنقى روھلاننىڭ قۇتلۇق كۈنىدىكى پائالىيىتىدەك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك تەشكىللىسەك ، مەسلەن نۇرۇزلۇق ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق ، ھېيىتلىق ، ۋە مۇشۇنداق ھەر خىل خاتىرە كۈنلەرگە ئاتاپ پائالىيەت تەشكىللەپ باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ ئەمما خاتىرە قىممىتىگە ئىگە بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىساق ئوخشاشلا ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز دىگەن قاراشتىمەن .
ۋاقتى: 2011-7-27 11:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ ئۇسۇل سەل بولمىغىدەك :
نەخ پۇلغا ئايلاندۇرساق مۇنبەردە قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ ، سىز ئويلاپ بىقىڭ باشقىلار شۇ تەڭگىنى دەپ زورلاپ ئىنكاس يازىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ پۈتۈن تىمىلىرىنى تىما سېتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق يوللاپ مۇنبەردە ھەممە تىمىلار سىتىلىپ كىتىدۇ ، ئۇنداق بولغاندا روھلان ھەقسىز مائارىپ تورى دىگەن نام بارا بارا ئۆچىدۇ دىگەن گەپ ھەم زورلاپ تىما يىزىش دىگەندەك ئەھۋاللار بارغانسىرى كۆپىيىدۇ ، بۇنداق قىلماي نادىرلانغان تىمسىغا قارىساقمۇ بولىدىغۇ ، تىما نادىرلىغاندا چوقۇم ئالدى بىلەن روھلاندا ئېلان قىلىشى شەرىت قىلىنىدۇ ، ئاندىن تىمىنىڭ ئىملا خاتالىقى ھەم تەپسىلىكلىكىگە قاراپ نادىرلىساقمۇ بولىدۇ . يەنە بىر ئىش ئايدا باشقۇرغۇچىلارنى باھالاش ئىلىپ بارساق ، ئايدا جىق ئەمەس 3 نامزات تاللاپ چىقساق شۇلارنى مۇكاپاتلىساقمۇ بولىدۇ ، سىزچە قانداق .
ۋاقتى: 2011-7-27 14:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئويلاپ باقسام كۆپچىكىنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ. نەق پۇل تارقاتقاندا تەسىرى ۋە ۋاقىتلىق ئۈنۈمى ياخشى بولغاندەك قىلغان بىلەن، كېيىنچە ياخشى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھەر كاللىدا ھەر خىيال ئەمەسمۇ؟ جەمىيىتىمىزدە ياخشى ئادەملەر كۆپ، لېكىن، ياخشى بولمىغان ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس.
مېنىڭچە بولغاندا، نەق پۇل تارقىتىشنىڭ ئورنىغا، مۇنبەر تەڭگىسىگە بېكىتىمىز بېكىتكەن مەلۇم سان بويىچە، ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ(بېكىتىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ) ۋە باشقىلارنىڭ دېتال، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، روھلان ئىللىقلىق پائالىيىتى ئىئانە بويۇملىرى(پۇل، دېتال، ماتىرىيال) سېتىۋېلىش، مەلۇم جايلاردىكى ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش، ... دېگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلساق قانداق بولار؟
ئىزدەنسەك يەنە نۇرغۇن چارە-ئۇسۇللار تېپىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Perzent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-27 14:16  

ۋاقتى: 2011-7-27 14:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاماننىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىشكە ھوقۇقۇم يەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ
ۋاقتى: 2014-6-19 06:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارانچىنىڭ دېگىنىمۇ يوللۇق.
بىراق بۇ تەكلىپمۇ بوپ قويىدۇ..ھازىر باشقۇرغۇچى كۆپ بولغانكى قالايمىقان بولماس
ۋاقتى: 2014-6-19 10:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاماننىڭ بۇ پىكرى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. ھەمدە ئىنتايىن ياخشى بولغانقىزغىنلىقنى ئاشۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسولى بوپتۇ.  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-7 05:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش