روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3284|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تەسىرات ماقالىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەنۇبى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى روھىيىنى ئەمىللەشتۇرۇپ قانداق قىلغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقۇملۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بۇلىدۇ ؟دىگەن تېمىدىكى لېكسىيىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم
9 j8 _! ]9 j  j% S- f2016- يىلى 1-ئاينىڭ  9–كۈنى كۇچا ناھىيىلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا ،يولداش گۇلباھار بارات جەنۇبى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى روھىيىنى ئەمىللەشتۇرۇپ قانداق قىلغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقۇملۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بۇلىدۇ تېمىدا مەخسۇس لىكسىيە سۆزلىدى لىكسىيىدە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە مەملىكەت بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق-ئىتتىپاقلاشقان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.1 J' {; i5 J+ B- q  e, m8 R( Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە ۋە رېئال ئاساسقا ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەر مىللەت خەلقى بۇ زېمىندا بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، تاجاۋۇزچىلىق، بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىننى بىرلىكتە ئېچىپ ھەم گۈللەندۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ كاتتا سەھىپىسىنى بىرلىكتە ياراتقان. ھەر مىللەت خەلقى بىللە ياشاش جەريانىدا ‹‹ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقنى ئاپەت›› دەپ بىلىپ كەلدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتمەي، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتسە، ئىناقلىق، مۇقىملىق، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، تەرەققىي قىلىش دېگەنلەرنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.
1 a  ~7 m: _4 F( D4 c8 T+ T+ I  Nئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىر قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربنى ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپكە ، مەملىكەت بويىچە تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تېرەككە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھى قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ سىياسەت، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىشقا، يېتىشىۋېلىشقا، ئېشىپ كېتىشكە يېتەكلەپ، ‹‹پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشسىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ›› دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، ئىتتىپاقلىشىشتەك قىزغىن كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مۇقىملاشتۇرۇش داۋامىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۆزگەرتىش››تىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپ بويىچە، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە بولغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. داۋالىنىش تەس بولۇش، بالىلارنى ئوقۇتۇش تەس بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەم – ئەندىشىسىنى تۈگەتتى؛ نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى؛ ياشانغانلارغا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ ئولتۇراق ئۆي، يول قاتناش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلققە ئەمەلىي ئىشلانى قىلىپ بەردى.مەن بۇ لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئۆزۇمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قۇشۇشنىڭ زۈرۇرلىگىنى تۇنۇپ يەتتىم
8 [5 M# c% |2 |% x# K$ ^$ W  }9 L% }1 b$ hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش
2 r/ N7 c9 r* m( Hگوروپپىسىدىن :ئالىم زارى6 Y% h( ^- x% l2 U$ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' N% z9 a3 R' G7 n[
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-13 23:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بولسا مۇشۇنداق تىمىدىكى ماتىرياللارنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئىلان قىلىنىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2016-1-15 19:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بولسا مۇشۇنداق تىمىدىكى ماتىرياللارنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئىلان قىلىنىشىنى ئۇمىت قىلىمەن
ۋاقتى: 2016-1-15 19:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ كۆپلەپ ئىلان قىلىنىشىنى ئۇمىت قىلىمەن
ۋاقتى: 2016-5-2 08:42:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ياخشى يىزىپسىز ،دىنى ئەسەبىلىكنى چەكلەش توغرىسىدا ئانالىز ماتىرىيالى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 07:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش