روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7166|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىليارت كىشىلىك ئىش ئورنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 60 يىللىق تويىغا سوۋغا)
& ]( J0 r2 O' I- L2 C+ g' \- v7 [; Yتارىم ئويمانلىقىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا دۇنياغا داڭلىق ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا
1 E1 n3 Z3 y+ C% u! |' bتەشەببۇسنامە9 U& H$ n2 y3 A/ Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەكلىماكان ئىكولوگىيە مۇھىت ئونۋېرسىتېتى ۋە مىليارد كىشلىك ئىش ئورنى
) W3 ?* D; q$ M" `3 j1 tباتۇر دانا (لازىم)
% |4 w) ?: @) H( N(2015- يىلى 18- مارت تارىم تەكلىماكان). b2 q+ r* N: p. f9 h) ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىنىڭ ئىگىرلىشى، بوستانلىق، يېرىم بوستانلىق رايونلاردىكى نوپۇس زىچىلىقىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، سانائەت تەرەققىيات قەدىمىنىڭ يەككە لىنىيەلىك رىقابەتلىشش سۈرئىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىشى، ئاتموسفىرا، سۇ، تۇپراقتىكى ئاپەت خاراكتېرلىك بۇلغىمىلارنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە ئېغىرلىششىغا قوشۇلۇپ، خىمىيۋى ئوغۇت، زەھەرلىك خىمىيۋىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت زەربىدارلىق بىلەن ئىشلىتىلىشى، سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ دائىملىق يېپىلىشى بىلەن تۇپراقنىڭ قۇياش نۇرىدا تەبئى تازلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۈنۈمدارلىقىنى يوقۇتۇشى، تۈرلۈك ئامىللار سەۋەپلىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى، تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ كەمىيىشى، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى، تەبئىي ئورمان، تەبئىي ئوتلاقلارنىڭ كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە چېكىنىشى، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ ئازىيىشى، جانلىقلار مۇھىتىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان سان- سېفىرلار بىلەن كۈنسايىن ئېغىرلىشىشى دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلىنىپ، كەڭ پەن- تېخنىكا خادىملىرىدىن، بولۇپمۇ ئىكومۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىلىم- پەن خادىملىرىدىن ئىكومۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىيات تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ ئەڭ نورمال ياشىشىدىكى ئەسلىدىكى تەڭپۇڭ مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنى ساغلام تەن ساپاغا ئىگە قىلىش بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يارىتىشنىڭ ئوبىكتىپ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشنى تەخىرسىز تەلەپ قىلماقتا. 5 O4 L# j0 Q; Z- yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسانلار ئوتتۇرا ئەسىردىكى سانائەت ئىنقىلابىدىن، بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆزلىرى قوزغىغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەت، رايونلار سانائەت تەرەققىياتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بەستلىشش، رىقابەتلىشش مىخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت ۋە سىجىل تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتلىك باغلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، ھە دېگەندە تاق پۇتلۇق سانائەت تەرەققىياتىنى قوغلىشىپ، جانلىقلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ئاتموسفىرا، سۇ ۋە تۇپراق مۇھىتىدىكى بىرلەمچى بۇلغىما دەرىجىسىنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈزۈپ قويۇپ، بۇنىڭ يامان تەسىرى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات (ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تېنىدە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا ئاشكارە كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىغا قىلچە پىسەنت قىلماي، يەنە 21- ئەسىر كىرگەندىن كېيىنمۇ نۇرغۇنلىغان تېخنىكا كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددى كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئۆزلىرى مەبلەغ سېلىپ ئىككىلەمچى مۇھىت ئاپىتىنى ياساپ چىقىپ كوللىكتىپ ئۆلۈۋېلىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ.
. S0 ]7 N/ ~! O  g: ~  Cئىككىلەمچى مۇھىت ئاپىتى- گېنى ئۆزگەرتىلگەن، ھازىرقى كېسلاتالىق مۇھىتتا ئۈسەلەيدىغان ئۆسۈملۈك بىلەن ھازىرقى مۇشۇ مۇھىتقا ماسلىشىپ ئۆسەلەيدىغان ئۈسۈملۈكلەرگە چاڭلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى سورتلار بولۇپ، بۇلاردىن ھەر ئىككىلىسىلا ھازىرقى بۇلغانغان، كېسلاتالىق مۇھىتتىلا ھوسۇل ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، ئادەملەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخى داۋامىدا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن تەبئىي يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، گېنى ئۆزگەرمىگەن (تەبئىي ھەزىم قىلىش ئەزاسى)نى ساقلاپ قالغان ئادەملەر ۋە باشقا جانلىقلار يىگەندە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ياكى كېلىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىۋاتقان، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشكە قاراپ تېز ئېغىرلىشىۋاتقان بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئىنسانلار ئۆزى ئىككىلەمچى مۇھىت ئاپىتىنى ياساپ چىقىپ، بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى مۇھىت ئاپىتىنىڭ يىغىندىسىنى بىرلا ۋاقىتتا پارتىلاش خاراكتىرلىك سۈپەت ئۆزگىرىشگە سۆرەپ كىرىپ، يامان سۈپەتلىك مۇھىت ئاپىتىنىڭ بارلىق تەييارلىقىنى كەم- كۈتسىز ھازىرلاپ  قويۇشى كىشىنى تېخىمۇ چۆچىتىدۇ. 3 g* L% F# ^  o' L, M4 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ نوقتىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىكومۇھىت چۈشەنچىسى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلار خەلقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلاملار دەرىجىسى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەخسۇس ئىكولوگىيە مۇھىت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن- تەتقىقات خادىملىرى، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئاز بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مۇھىت چۈشەنچىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئومۇمى خەلقنىڭ ئىكومۇھىت چۈشەنچىسى يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ھادىسە بۇلۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ھازىرغىچە «مۇھىت-بايلىق ئىنىستىتوت» لىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، «ئىكولوگىيە-مۇھىت ئىنىستىتوت»لىرى كەم بولغانلىقىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى زەربىدارلىق بىلەن بۇلغاۋاتقىنىغا 100يىلدىن 300يىلغىچە بولغان بولسىمۇ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يۈزەكى بىلىشى ۋە ئەمىلى تەدبىر قوللۇنۇۋاتقىنىغا نەچچە 10يىل، ھەتتا بەزى دۆلەت رايونلاردا تېخى نەچچە يىللا بولغاچقا، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي كۈچ ئىسراپچىلىقى (تېخنىكا كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددى كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كوچىسىدا تېڭىرقاپ قېلىۋاتقانلىقىدا كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ھۇجۇتقا كېلىپ تاكى ھازىرغىچە زەھەرلىك خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشنى ئاساسى كەسىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى «ئۈسۈملۈك ئاسراش ئورنى» دەپ ئاتالغانلىقىدا كۆرۈلىۋاتىدۇ. يېقىنقى ۋاقىتتا «تۆۋەن زەھەر» ئاتالغۇسى مەيدانغا كەلگەن بىلەن، شۇ كۈنى ئىشلىتىۋاتقىنى تۆۋەن زەھەردەك قىلسىمۇ، نەچچە كۈندىكى يىغىندىسى يۇقىرى زەھەر توپلىمى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمەسكە سېۋالغانلىقىدا كۆرۈلىۋاتىدۇ. «تۆۋەن كاربون» ئاتالغۇسى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن دۆلەت رايونلار شۇكۈندىكى تۆۋەن كاربوننىڭ نەچچە كۈنلۈك يىغىندىسى «يۇقىرى كاربون» توپلىمى بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپۈيلى تۆۋەننىڭ يۇقىرىنى ئالداۋاتقانلىقىدا ياكى بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بۇ خىل بولغىمىلارنى تىزگىنلەشكە ئۈلگۈرمەيۋاتقانلىقىدا، بۇلغۇمىلارنى يۇقىتىش سەۋىيىسىنىڭ، بۇلغاش سەۋىيىسىگە يەتمەيۋاتقانلىقىدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يەنە نۇرغۇن دۆلەت رايونلار خىمىيىلىك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ پۇلى بولسىمۇ ناھايىتى تېز تاپقىلى بولىىغان «پۇل» بولغاچقا كۆز ئالدىدىكى ئانچىكى «پۇل» نىڭ ئېزىقتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئەۋلاتلىرىنىڭ ھايات-ماماتى قانداق بولىشى بىلەن قىلچە ھېساپلاشمىغانلىقىدا كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئۈزى ۋە باشقا بارلىق جانلىقلارنىڭ ئەسلىدىكى ئەڭ نورمال ياشاش مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدىغان سېلىنمىنى ھەر خىل يىمەگلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈسۈملۈك ھايۋاناتلارنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش، سورتىنى ئۆزگەرتىش، مۇشۇ خىل ناچار مۇھىت شارائىتىدا راۋاجلىنىپ يامراپ كېتەلەيدىغان كېسەل-ھاشاراتلەرنى زەھەر چېچىپ يۇقىتىشقا سەرىپ قىلغانلىق تۈپەيلى، يېزا-ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ئىككىلەمچى مۇھىت ئاپەتلىرىنىڭ بىرلەمچى مۇھىت ئاپىتى بىلەن بىرلىشىپ يۇقىتىش خارەكتىرلىك ئاپەت ۋاقتىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلىتىپ مۇھىت كىرزىسىنى شامال تىزلىكىدە چىللاپ كېلىش بىلەن بىرگە، يېزائىگىلىكىدە تەنھەرقى ئېشىپ كېتىپ سېلىنما بىلەن ھاسىلاتنىڭ نىسپىتى 1:1 گىمۇ (بىرنىڭ بىرگە نىسپىتىگىمۇ) يەتمەسلىكىدە كۆرۈلىۋاتىدۇ. ) M3 R0 L( R! Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇھىت بىلەن سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى بىر- بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان، خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىدىن قايسى بىر كەم بولسا ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى مۇمكىن بولمىغانغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە، بولۇپمۇ ئىكومۇھىتى ئاجىز، بۇلغۇنىشى ئېغىر، ئورمان  بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى تۆۋەن، قورغاق رايونلار مۇھىتىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئىكولوگىيە مۇھىت قۇرۇلۇشى ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئەمىلىي تېخنىكا ئاساسلىرىنى بىلىشكە يىتەكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىز خەلقىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىت چۈشەنچىسىنى بەلگىلىك سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېكۇموھىت تېخنىكا تەرەقىيات ئىختىدارىنى ياخشىلاشقا  كەڭ دائىرىلىك مۇھىت مۇلازىمىتى قىلالايدىغان زور بىر تۈركۈم كەسپى تېخنىكا خادىملىرى، مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىنى يىتىلدۈرۈش يولى بىلەن ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئەسلدىكى تەبئىي تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىۋاستە قاتنىشالايدىغان زىيالىلار قوشۇنىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ تەكلىماكان چۆلىدە دۇنياغا داڭلىق ئىكولوگىيلىك مۇھىت ئونۋېرسىتېتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش، دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئېكۇمۇھىت باسقۇچىدىكى ئورۇنلاش ئىنتايىن زۈرۈر بولغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ مۇھىمى ئىكەنلىكىنى تەبىئى پەن نوقتىسىدىن كۆرسىتىپ بەردى.* i+ C8 k+ B7 ?2 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ئونۋېرسىتتىتنى قۇرۇشنىڭ مەقسىدى ھىچ بولمىغاندا ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئادەم بەدىنىدە تاكى مىلادىيە 1990- يىللىرىغچە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ھەم ئادەم بەدىنىدە تەبئىي كۆپىيەلەيدىغان «پىت- سىركە» مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىسىمۇ، بۇ دۇنيادا، بۇ ئونۋېرستېتنىڭ غايەت زور ئىقتىدار ساپاسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. (بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يىتەرلىك ئىلمى ئاساسى  2012 -يىلى 10-ئايدا مېنىڭ قۇلۇمدا مەيدانغا كەلدى).
4 s9 e; p- x8 y/ e4 ]! J/ v5 zبۇ ئونۋېرسىتېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى «جۇڭگو ئارزۇسى»، «شىنجاڭ ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، «ئىكولوگىيە مەدەنىيىتى» يارىتىشنىڭ تەبئىي پەن ئاساسنى تۇرغۇزۇشتا، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىكومۇھىت ئوبرازىنى تىكلەشتە، ئىكومۇھىت پەن- مائارىپ سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىشتا، دۆلىتىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» سىتىراتىگىيىسى، شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈن ئۆتىڭى» بولۇشى، دۆلەت سىرتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «سانائەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشى»، شىنجاڭ « ئىكولوگىيسى ئاجىز، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى تۆۋەن، بۇلغىمىلارنى تەبىئى بىر تەرەپ قىلىشى ئاجىز ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى» بولۇش، شىنجاڭدا «قورغاق، قاقاس رايونلار كۆپ بولۇش»، شىنجاڭنىڭ ئىشسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجدىمائى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 4 _$ Y- I+ f' k0 n2 {" @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنىڭ ھۇجۇتقا كېلىشى تۆۋەندىكى تەرتىپلەر ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
. ^8 p: g, x1 c7 i1.        ئونۋېرستېتنىڭ نامى: 5 O8 a  O2 V9 I! k/ u) h5 z0 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1›توللۇق نامى: شىنجاڭ تەكلىماكان ئىكولوگىيە مۇھىت ئونۋېرسىتېتى
8 n& F# f# G8 O1 F2›قولاي نامى: شىنجاڭ ئىكۇمۇھىت ئونۋېرىستېتى2 a* h% E" W7 p! ~" t( s$ zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. ئورنى: شىمالدىن جەنۇبقا خوتەن شەھرى بىلەن ئارال شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا؛ شەرىقتىن غەرىبكە بۈگۈر- نىيە قۇملۇق 1-تاشيولى بىلەن ئارال- خوتەن قۇملۇق 2- تاشيولىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان قۇملۇق قاقاسلىق رايوندا، دۇنيا بويىچە 2- چوڭ قۇملۇق، دۇنيا بويىچە دېڭىزدىن ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى مەركىزىدە.
5 P+ H+ X4 U) @; k- k3. ئونۋېرسىتېت ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى: 1 I  r0 T" j7 ~1 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1› ئونۋېرسىتېت ئىگىلەيدىغان ئومۇمى يەر كۆلەم ئەسلىدىكى تەكىماكان چۆلىنىڭ 330مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر يەر مەيدانىدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان 30 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرنى چىقىرۋېتىپ، قالغان 300مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر (45 مىليۇن مو) يەر كۆلىمى ئونۋېرستېتنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ھەر بىر پارچە يەرنى 11مىڭ مو ئەتراپىدا قىلىپ تەخمىنەن 4100 پارچىگە بۆلۈپ، ئونۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ھەربىر ئىنىستىتوتلار ۋە تېخنىكوملارنىڭ ئەمىلى مەشغۇلات مەيدانى قىلىنىپ، بۇ قاقاس رايوندىن ھەم ئېكوموھىت ئالى مائارىپ بايلىقىغا، ھەم ئالى دەرىجىلىك ئورگانىڭ مەھسۇلات بايلىقىغا، ھەم خەلىقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەنھەركەت مائارىپى بايلىقىغا ئېرىشىدىغان ئىختىساسلىقلار ماھارەت مەيدانى قىلىنىدۇ./ d; y0 L6 V; c$ z. w9 o; yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2›ھەربىر پارچە يەردىن 1000 مو يەر قۇرۇلۇش يېرى قىلىنغاندىن باشقا قالغان 10مىڭ مو يەر ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاستە قاتنىشىدىغان يەر بولۇپ، ئونۋېرسىتېت مەركىزى مۇشۇ 4100پارچە يەرنىڭ مەركىزىدىكى بىر پارچىسىغا جايلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭدا قۇملۇق، قاقاسلىق يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى %99 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر 30 مو يەرگە بىردىن تەجرىبە خادىمى ھىسابلاپ بۇ 45 مىليۇن مو يەرگە 1 مىليۇن 500 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھەريىلى ئوتتۇرا ئالى تېخنىكوملار، ئىنىستىتوتلارنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى پىلانى 100مىڭ كىشىدىن ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار نىسپىتىنى %60تىن كەمەيتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىشسىزلىق، ئوقۇشسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجدىمائى مەسىلىلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ. ئونۋېرسىتىتتا يەسلى مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپ، تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپى، ئوتتۇرا-ئالى تېخنىكوم مائارىپى، ئونۋېرسىتىت ئالى مائارىپىدا ئۈزلۈكسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچى سانى 500مىڭدىن ئېشىپ، بۇ ئونۋېرسىتىت دائىرىسىگە سىغدۇرۇلىدىغان ئۇمۇمى ئادەم سانى 2 مىليۇندىن ئاشىدۇ.  
) r! B) @" _% [' J% {, F4. ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتنىڭ قۇرۇلمىسى: 6 j1 X/ ~/ a1 a& n; p2 f! yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1›ئىكومۇھىت ئونۋېرىستېت قارمىقىدا ئالىي دەرىجىلىك ئونۋېرىستېت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولغاندىن باشقا: (1) بىئولوگىيە ۋە بىئوخېمىيە ئىنىستوتى (2) تەبئىي جۇغراپىيە ئىنىستوتى (3) نوپۇس ۋە مۇھىت ئىنىستوتى (4) ئىكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىنىستوتى (5) خەلقىئارا ئىكومۇھىت ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئىنىستوتى (6) ئاتموسفىرا ئۆلچەش، ئاتمۇسفىرا بۇلغىمىلىرىنى تىزگىنلەش، باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى (7) ئىكومۇھىت ماشىنسازلىق ئېلىكتىرون ئىنىستوتى (8) ئىكومۇھىت ۋە تەبئىي پەن سىياسەت تەتقىقات ئىنىستوتى (9) ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى ئىجادىيەت مائارىپى ئىنىستوتى (10) ئىكومۇھىت ساياھەت ئىنىستوتى (11) خەلقىئارا ئىكومۇھىت تەتقىقات ئىنىستوتى (12) ئىكومۇھىت يېزا ئىگىلىكى ئىنىستوتى (13) ئىكومۇھىت ۋە سانائەت تەرەققىيات ئىنىستوتى (14) ئىكومۇھىت ۋە گىئولوگيە قېزىلما بايلىق ئىنىستوتى (15) ئىكومۇھىت ۋە ھاسىلى بايلىق ئىنىستوتى (16) ئىكومۇھىت ۋە دېڭىز سۈيى، دېڭىز جانلىقلىرى تەتقىقات ئىنىستوتى (17) ئىكومۇھىت ۋە يېڭى ئېنىرگىيە تەتقىقات ئىنىستوتى (18) ئىكومۇھىت ۋە بۇلغىمىلارنى باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىنىستوتى (19) ئىكومۇھىت ۋە ئىكومۇھىت قانۇنچىلىقى ئىنىستوتى (20) ئىكومۇھىت ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ئىنىستوتى (21) ئىكومۇھىت ۋە جۇڭگو تىبابەت ئىنىستوتى (22) ئىكومۇھىت ۋە ئۇيغۇر تىبابەت ئىنىستوتى (23) ئىكومۇھىت ۋە مۇخ، لىشاينىكىلار، زەمبۇرۇغ تەتقىقات ئىنستوتى (24) ئىكومۇھىت ۋە ھايۋانات تەتقىقات ئىنىستوتى (25) ئىكومۇھىت ۋە ئورگانىك گۆش يىمەكلىكلىرى تەتقىقات ئىنىستوتى (26) ئىكومۇھىت ۋە ئورگانىك يىمەكلىكلەر تەتقىقات ئىنىستوتى (27) ئىكومۇھىت ۋە ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن تەتقىقات ئىنىستوتى (28) ئىكومۇھىت ۋە مىتىرولوگىيە ئىنىستوتى (29) ئىكومۇھىت ۋە خەلقىئارا قورغاق رايون تەتقىقات ئىنىستوتى (30) ئىكومۇھىت ۋە خەلقىئارا قورغاق رايون جۇغراپىيىسى تەتقىقات ئىنىستوتى (31) ئىكومۇھىت ۋە يىمەكلىك پىششىقلاش، يىمەكلىك ئۆلچەم ئىنىستوتى (32) ئىكومۇھىت ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنىستوتى (33) ئىكومۇھىت ۋە دۆلەت مەمۇرلىرى ئىنىستوتى (34) ئىكومۇھىت ۋە سانائەت كارخانىچىلىرى ئىنىستوتى (35) ئىكومۇھىت تېخنىكا مۇلازىمەت ئىنىستوتى (36) ئىكومۇھىت ۋە سۈنئىي ماتىرىياللار ئىنىستوتى (37) ئىكومۇھىت ۋە سۇ تۇپراق ئىنىستوتى (38) ئىكومۇھىت ۋە تەبئىي يېقىلغۇ ئىنىستوتى (39) ئىكومۇھىت ۋە تەنتەربىيە، قۇملۇق تەنھەركىتى ئىنىستوتى (40) ئىكومۇھىت ۋە ئاشلىق، ئاشلىق زىرائەتلىرى، قوشۇمچە يىمەكلىك ئىنىستوتى (41) ئىكومۇھىت مۇپەتتىشلىكى ئىنىستوتى (42) ئىكومۇھىت ۋە تارىخ، فىلولوگىيە، مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىنىستوتى (43) ئىكومۇھىت ۋە خەلقىئارا ئىكومۇھىت تىل-يېزىقلىرى بىرلىكى تەتقىقات ئىنىستوتى (44) ئىكومۇھىت ۋە ياغاچ غوللۇق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات ئىنىستوتى (45) ئىكومۇھىت ۋە ئىقتىساد، سىجىل تەرەققىيات ئىنىستوتى (46) ئىكومۇھىت ۋە ئىكومۇھىت كېسەللىكلىرى تەتقىقات، داۋالاش ئىنىستوتى (47) ئىكومۇھىت ۋە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش تەتقىقات ئىنىستوتى (48) ئىكوموھىت چارۋىچىلىقى ۋە ياۋايى ھايۋان تەتقىقات ئىنىستىتوتى (49) ئىكوموھىت ۋە ئوتلاقچىلىق يەم-خەشەك ئىنىستىتوتى (50) دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇق» ئىنىستىتوتى، (51) ئىكوموھىت ئاسپىراتلار ئىنىستىتوتى (52) ئىكومۇھىت بىئو بىزەكچىلىكى ۋە بىئو ھۈنەر-سەنئەت ئىنىستىتوتى (53) ئىكوموھىت ۋە ئانىلار، بولغۇسى ئانىلار ئىنىستىتوتى قاتارلىق 60تىن ئارتۇق ئىنىستوت، 350  خىلدىن ئارتۇق كەسىپتىن تەركىب تاپقاندىن باشقا، ئونۋېرسىتېت قارمىقىدا 30دىن ئارتۇق تېخنىكوم، ئىكوموھىت كەسپى ئىشچىلار تېخنىكوم ھەر بىر ئىنىستىتوت ۋە ئونۋېرسىت مەركىزىدە يەسلى مائارىپىدىن تۇلۇق ئوتتۇرغىچە بولغان ئىكوموھىت پەرزەتلەر مەكتەپلىرى، ھەمدە ئىكوموھىت بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچۈنجى كەسىپلەر ئاساسى تېخنىكوملىرى تۇلۇق تەسىس قىلىنىدۇ. يېقىنقى بەش يىلدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئونۋېرسىتىت قارمىقىدىكى تېخنىكوملارغا، ئىنىستىتوتلارغا قۇبۇل قىلىنىپ، مائارىپ بايلىقىدىن تۇلۇق بەھىرىمەن قىلىنىپ، ئىكومۇھىت مائارىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىكوموھىت مۇلازىمىتى كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىكوموھىت مەدىنىيىتىنى تارقاتقۇچىلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈلىدۇ. ئونۋېرستېت مەركىزىدە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق مەركىزى تەجرىبخانا ۋە ھەربىر ئىنىستوتنىڭ ئۆز ئالدىغا پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىنىستىتوتنىڭ ئەمەلى تەجرىبە يەر مەيدانىدىكى نەتىجىلەرنى ئىلمى نەزىرىيەلەشتۈرەلەيدىغان تەجرىبخانىسى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
1 l1 b3 A7 D8 z2›تەكلىماكان ئىكوموھىت ئونۋرسېنت قارمىقىدا خەلىقئارا ئېتراپ قىلىدىغان ۋە خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن مەخسۇس ئىلمى ئۇنۋان بىكىتىش ئورگىنى بولىدۇ.
% u9 o- c/ n, i4 V. | 5. ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتىنىڭ تۈزۈمى
8 |+ c' E  a7 i5 O; H# G1›ئىكوموھىت ئونۋېرسىتنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ياكى ئاددى ئوقۇغۇچىسى بولسۇن، بىردەك ئونۋىرسىتنىڭ يىتەرلىك تەجرىبە مەيدانىدا يېرىم كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. ئوقۇش بىلەن تەجرىبىنى، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئىزچىل بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىكوموھىت كەسپى بىلىمىنى تاكامۇللاشتۇرسا، ئىش-ئەمگىكى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۈزىگە ئىختىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ.
, r' [" p% j- m2›ئونۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش تۈزۈمى، ھىچقانداق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى بىلەن ئۇچراشماي، خاس نەزىرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن نەزىرىيە تەتقىقاتىنى ئاساس قىلىدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىنمۇ ئەمىلى خىزمەتكە ماس كەلمەي، ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا يەنە بىر نەچچە يىل پىراكتىكانت بولۇپ ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ چىقىش ئەندىزىسىنى تۈپتىن بۇزۇپ تاشلاپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ماسلىشالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ياشلىقى، زېھنى قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلىرىدىن ئۈزى ۋە دۆلەت بىۋاستە پايدىلىنالايدىغان، ئوقۇش، تەتقىقات، ئەمىلى ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدىغان، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم يارىتالايدىغان، مۇھىمى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان ھامان يېڭى خىزمەت ئورنىدا 1- كۈنىدىن باشلاپلا ئەمىلى خىزمەت ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلمىسىنى يارىتىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى خام ھالەتتە ئونۋېرسىتىت دەرۋازىسىدىن چىقارماي، قانچە يىلدا پۈتتۈرسە شۇنچە ۋاقىت ئوقۇتۇپ، مائارىپ پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مائارىپ خىراجەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي نەزەرىيە ماقالىسىنى ئونۋېرسىتېت ئىچىدىكى ئەمەلىيەت بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن خىزمەتكە چىقىش، ھەم شۇ ئىلمى ماقالىسىغا شۇ كىشى ئۆمۈرلۈك ئۆزى مەسئۇل بولۇش ئارقىلىق ئىلمىي ماقالە پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ.9 J7 J1 p$ y  M3 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3›ئونۋېرىستېتنىڭ يۇقىرى تۆۋەن رەھبەرلىرى چوقۇم ئىكومۇھىت كەسپىدىن خەۋەردار كىشلەر بولۇش، پاخپاق نەتىجىۋاز، ساختىپەز سۆلەتۋازلارنى ئونۋېرستېت رايونىغا يېقىن يولاتماسلىق، كۆز بۇياپ كىرىپ قالغانلار بولسىمۇ يېشى، جىنسى، مىللىتى، مۇناسىۋەت ئىمتىيازىغا باقماي شاللاپ چىقىرىش شەرت قىلىنىشى، ئىجدىمائىي پەن سېستىمىسىدىكىلەر ھەر قايسى پەنلەر تۈرى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېلىشى زۆرۈر بولسا، ئاۋال شۇ ئونۋېرسىتېتتا ئىكوموھىت پەنلىرى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئاشكارە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ دىپلوم ئالغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.# y( d; z  A( B( H* [0 x9 i0 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4› ھەربىر يۇقىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بىر ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ دەللىلىنىشىگە، ئونۋېرسىتېتتا ۋۇجۇتقا كەلگەن ياكى سىرتلاردىن ئونۋېرستېتقا ئېلىپ كىرىلىپ، سالاھىيىتى بەلگىلىنىدىغان تۈرلەر ئۈستىدە ئىمزا قويسا شۇ ئوقۇتقۇچى شۇ تۈر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك مەسئۇل بولۇش، شۇ تۈردىن 20 يىلدىن كېيىن مەسىلە چىقسىمۇ شۇ ئىمزا قويغۇچى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، بولۇپمۇ ئىكومۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە قەتئى بىخەستىلىك قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش.
+ T8 p8 Y7 U& T1 B9 W% p4 @5› دۆلەت ۋە رايونلار ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ئۈستىدە سىياسەت، قانۇن- قائىدىلەرنى بېكىتشتە چوقۇم تەبئىي پەن نوقتىسىدىن قاراپ، مۇشۇ ئونۋېرسىتېت چىقارغان نەتىجە ئاساسىدا بېكىتىپ، ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشىدا شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىشى شەرت قىلىنىدۇ.
' r) W$ ]# s- ?; Y* T6› مەيلى ئۇ ھەرقانداق تۈر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئونۋېرسىتېت قارمىقىدا بىۋاستە تەتقىق قىلىنىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن ياكى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ھەمكارلىقى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسۇن مۇشۇ ئونۋېرسىتېتنىڭ زەررىچە مۇناسىۋىتى بار دەپلا قارالغان ھەرقانداق يېزا ئىگىلىك تۈرلىرى، سانائەت تۈرلىرى، ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تۈر قۇرۇلۇشلىرى بولسۇن بىردەك بۇلغىما چىقارماسلىق، بۇلغىما چىقىرىش دەرىجىسى 0 بولۇش شەرت قىلىندۇ. : d3 C( a( t8 Q4 e# a: w: hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7› ئونۋېرسىتېت رايونىدىكى تەجرىبخانىلار، تەجرىبە زاۋۇتلىرى، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ۋە باشقا ھەرقانداق كەسپى تۈرلەر ئونۋېرسىتېت رايونىدا خىمىيۋى ئوغۇت، خىمىيۋىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، غەيرى خىمىيۋىلىك بۇلغىما چىقىرىدىغان رىئاكسىيە قازانلىرى، ئىس- تۈتەك بۇلغۇمىلىرى، دانچە بۇلغىما ۋە ھەرقانداق گاز ھالەتتىكى بۇلغۇمىلار، شاۋقۇن بۇلغىمىلىرى، رادىئاتسىيە بۇلغىمىلىرىنى چىقارماسلىق شەرت قىلىنىشى، تەجرىبە ئاساسى يېتىلمىگەن، بۇلغىما چىقىرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان ھەرقانداق تۈرلەرنىڭ ئونۋېرستېت رايونىدا ھىدىنى پۇراپ قېلىشقىمۇ يول قويماسلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش بىلەن شۇنداق بۇلغۇما چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار تۈرلەرنى ئونېرسىتىتدىن چىقارمايدۇ ۋە جايلارنىڭ ئىشلىتىشىمۇ بىۋاستە چەكلىنىدۇ. مانا بۇلار ئىكومۇھىت ئونۋېرىستېتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاشتىكى تۈزۈم ئەڭگۈشتېرى.
: A, t6 Z3 ^' r1 B6 t) @6. ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى:7 \6 s+ i$ r5 [; N$ Z2 T+ `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1› ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتىغا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپمۇ، قورغاق، يېرىم قورغاق دۆلەت رايونلاردىن، قورغاقچىلىق سەۋەبىدىن نامراتلاشقان بارلىق دۆلەت رايونلاردىن تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پەن مائارىپ ئاساسىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە شىنجاڭ رايونىدىن مىللىتى، جىنسى، دەرىجىسى، ئىمتىيازى ۋە باشقا ئىجتىمائى پەرقىگە قارىماي، ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئەمەلىي تەبئىي پەن بىلىم قۇرۇلمىسىغا قاراپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قورغاق رايونلارغا مەخسۇس يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا كۈچى چىقىرىپ، ئادەملەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشش نىسپىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە جۇڭگونىڭ ئىكومۇھىت پەن-مائارىپ ئوبرازىنى تىكلەش يولى بىلەن شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايان قىلىدۇ.
+ F! s) m7 i# s6 ^, w. U. h2› دۆلىتىمىزدىن قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار توللۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى ئۆلەپ ئوقۇيدىغان، دۆلەتنىڭ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئىكومۇھىت جەڭگىۋارلىرى بولغاندىن باشقا ئاۋۋال ھازىر ئىشلەۋاتقان دۆلەت مەمۇرلىرى، بولغۇسى دۆلەت مەمۇرلىرى، سانائەت، ئىقتىساد، قانۇن، پارتىيە ئىنتىزام كادىرلىرى، بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆستۈرۈش ئوبىكتىلىرى، سانائەت كارخانىچىلىرى چوقۇم مۇشۇ ئونۋېرسىتېتدا ئوقۇغان كىشى بولۇشى ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىنىدۇ. " _! l& W/ b$ a6 t. e% f+ g; pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3› دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالىرى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىگە قوشۇپ بۇ ئونۋېرسىتېتتا ھەقىقى ئوقۇغان بولۇش بىلەن، شۇ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ رايونلار بويىچە ئالىي ئورگانلىرى بىلگەن ياكى بىلمىگەن ئەڭ يېڭى، ئەڭ نازۇك ئىكومۇھىت ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزدىن شۇ دۆلەتلەرگە تۈركۈملەپ چىقىپ، ئاتموسفىرا، سۇ، تۇپراق بۇلغۇمىلىرىنى تىزگىنلەش ياكى يوقىتىش، ئىكومۇھىت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ ھۆددىلىشىپ ئىشلەشكە ئىكومۇھىت تېخنىكا سان- سېفىرلار ئاساسى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان كىشلەر ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىنىدۇ.- s+ d4 }1 M% x+ O" U9 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4› پۈتۈن شىنجاڭ رايونىدىن توللۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان شىنجاڭ ياشلىرى تېخنىكوملارنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇھىت مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە دۆلەتكە بايلىق يارىتىدۇ.   t9 {2 g" Y! G! q" b1 W1 \  I' Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5› پۈتۈن مەملىكەت جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمى تەۋەسىدىكى مۇستەقىل مالىيە ھېساۋاتىغا ئىگە، يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك ئىدارە ئورگانلار ۋە بارلىق كارخانىلارنىڭ مالىيە خادىملىرى ئۆزىنىڭ مالىيە كەسپى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەندىن باشقا، تەكلىماكان ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن بولىشى، بۇ ئونۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىنىدۇ. بۇ، بارلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى.
" P. w  p2 g: q) `& v7.ئىكوموھىت ئونۋېرسېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى مەنبەسى
# s1 Q8 z( T7 t1›دۆلىتىمىز ۋە ئىكوموھىت قۇرۇلۇشى تەرەقى قىلغان باشقا دۆلەتلەردىكى ئىكوموھىت كەسپى پەنلىرى بويىچە ئالىي ئۇنۋانىغا، مۇھىمى ئەمەلى ئىختىدارىغا قاراپ دەسلەپكى قەدەمدە بىر تۈركۈم ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئونۋېرسىتلارنىڭ پىنسىيەگە چىققان مەخسۇس ئىكوموھىت پەنلىرى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىختىدارىغا قاراپ يۇقىرى تەمىنات بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ.- V8 n  J% F2 M( W- Q& ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2›دۆلىتىمىزدىن، ئىكوموھىت قۇرۇلۇشى تەرەقى قىلغان باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ  مەخسۇس ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىتلىرىدا ئىكوموھىت پەنلىرى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن (ئېرىشكەن نەزىرىيە ئاساسىنى ئەمىلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن ئېرىشكەن نەتىجە ئاندىن ئالاھىدە نەتىجە ھېسابلىنىدۇ) ياش، ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس، ئالىملار قۇشۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاپ قۇيۇلىدۇ. ) y* }6 P% x0 U) M% v. _/ ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3›مەيلى ئۇ قايسى دەرىجىدىكى ئوقۇتقۇچى بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۇمۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ 5يىل ئىچىدىكى ئەمىلى نەتىجىسى دۇنيا ئىكوموھىت قۇرۇلۇشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەرەقىيات ئەھۋالىغا، تەكلىماكان ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىغا ۋە ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاشقا پايدىلىق قانچىلىك ئەمەلى نەتىجە ياراتقانلىقىغا قاراپ قايتا ئىشىلتىلمەيدۇ ياكى ئىلمى ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلۈپ قايتا ئىشىلتىلىدۇ. بۇ تەرتىپ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىدۇ.7 V0 {1 h# i, F; O% B) \, xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4›ئوقۇغان مەكتىپى ئالاھىدە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئىكوموھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئونۋېرسېنت قارمىغىدىكى ھەر قايسى ئىنىستىتوتلارنىڭ %98تىدىن ئارتۇق ئالىملىرى (ئىكوموھىت كەسپى ئالىملىرى)نىڭ قول قۇيۇپ كۆرسىتىشى كۈچكە ئىگە بولسا ئۇ كىشىنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشىلتىشكە بولىدۇ.
% R0 @. |/ S1 O( B8 k8. ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتى مالىيە كىرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى
  e. s( n4 Y) g$ m2 T  `, p1›دۆلەتنىڭ ئالى مائارىپ قۇرۇلۇش مەبلىغى، دۆلەتنىڭ ئىكولوگىيە مۇھىت مائارىپى مەبلىغى ۋە ئىكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى مائارىپى مەبلىغىدىن كېلىدۇ. ياكى خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ھەمكارلىق تۈر مەبلىغىدىن، خەلىقئارالىق چوڭ كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق تۈر مەبلىغىدىن كېلىدۇ. ئونۋېرسىتىت قۇرۇلۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 700 مىليارت يۈەن ئەتراپىدا قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىنىپ 5ـ10 يىلىغىچە قايتۇرىلىدۇ. ; e2 ?# @( C4 @0 O+ Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2› ئونۋېرستېت ئوقۇش باشلاش بىلەن تەڭ «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى بارلىق تارىختىن بېرى سۇغۇرۇپ تېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان قورغاق، قاقاس رايونلارنى، ئورمان، ئوتلاق چىكىنىپ كەتكەن قۇملاشقان، يېرىم قۇملاشقان رايونلارنى ئورگانىك باغ ئورمانچىلىق، ئورگانىك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، ئورگانىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ئورگانىك كۆكتاتچىلىق، ئورگانىك چارۋىچىلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك تۈرلىرىنى كۆلەم بويىچە ھۆددىلىشىپ ئەھيا قىلىپ، شۇ رايونلاردىكى كەسپى كارخانىلار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ھەر يىلى ھەر مو يېرىدىن 20-30 يۈەنگىچە تېخنىكا ھەققى يىغىۋېلىپ، ئونۋېرسىتېتنىڭ كىرىم مەنبەسى قىلىدۇ.
/ P! E3 V$ W  L# X2 k3› ئونۋېرسىتېت «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق رايونلىرىدىكى تارىختىن بۇيان سۇسىزلىقتىن پايدىلىنالماي كېلىۋاتقان بارلىق قاقاسلىقلىرىنى تېخنىكا كۈچى چىقىرىپ ھۆددىگە ئېلىپ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك كەسپىنى يولغا قويۇپ، ھەر مو يەردىن ھەر يىلى 20-30 يۈەنگىچە تېخنىكا ھەققى يىغىۋېلىپ، ئونۋېرستېتنىڭ كىرىم مەنبەسى قىلىدۇ.
# |; |$ Q2 f' t( m1 u4› ئونۋېرسىتېت «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق ئافرىقىدىكى بارلىق دۆلەت رايونلار، ئاۋستىرالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى بارلىق دۆلەت رايونلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت رايونلارنىڭ بىر قىسىم قاقاسلىقىدىكى بارلىق قورغاق، يېرىم قورغاق يەر مەيدانىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تېخنىكا كۈچى چىقىرىپ ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى كېڭەيتىپ، ھەر مو يەرنىڭ ھەر يىللىقى ئۈچۈن 30-50 يۈەنگىچە تېخنىكا ھەققى يىغىۋېلىپ، ئونۋېرستېتنىڭ كىرىم مەنبەسى قىلىدۇ ۋە كېتەرلىك بارلىق ماتىرىياللارنى ئىكومۇھىت ئونۋېرستېتى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەيدۇ.
% I1 W! {. y+ q& V2 O5› «تۇرخۇنلاردىن چىقىرىلغان ئىس-بۇسلارنى يوقىتىش قۇرۇلمىسى»نى ئىشلەش ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭ رايونى، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىپ، ھەربىر تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى 100 مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن 150مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغىچە، تۇرالغۇ، ئىشخانا، زاۋۇت، كان- كارخانىلارنىڭ بىنالىرىدا بىردىن ئادەم مۇھىت مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەم بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەيدۇ ھەم ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ دۆلەت ئۈچۈن قىممەت يارىتىدۇ. مۇشۇ تۈردىلا دۇنيا بويىچە 300مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىق بولالايدۇ.' O4 N: P1 `' I. f: q0 {$ Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6› دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاۋال كۆللەردىن دېڭىزغا، دېڭىز تېيىزلىقىدىن دېڭىز چوڭقۇرلىقىغا قاراپ كېڭەيتىپ، ھەر مو دېڭىز يۈزىنىڭ تۇسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى دېڭىز سۈيىنىڭ چوڭقۇر- تېيىزلىقىغا، تۇزلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىگە، باشقا كېلىمات ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇرەككەپ- ئاددىيلىقىغا قاراپ 6000- 28000يۈەنگىچە ھۆددىلىشىپ ئىشلەپ بېرىش ئارقىلىق ئونۋېرسىتېتنىڭ، ھەم ئونۋېرستېت قارمىقىدىكى ئىنىستىتوتلارنىڭ، تېخنىكوملارنىڭ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىت بىلەن ھەمكارلاشقان كارخانىلارنىڭ كىرىم- مەنبەسى قىلىدۇ.# P7 L3 ^  w' x0 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7› «قاندىكى سۈيدۈك كېسلاتاسى ئېشىپ كېتىش شامالدارىش كېسىلى»نىڭ ئۈچ تۈر بىر يۈرۈش دورىسى ئونۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئىنىستىتوتىدا ئىشلەپچىقىرىپ كېڭەيتىپ، بۇنىڭدىن بولغان كىرىم ئونۋېرستېتنىڭ مالىيە كىرىم مەنبەسى قىلىنىدۇ.
* d+ p6 h  p  M$ Y% b6 }8› دۆلىتىمىز، ئاپتونۇم رايونىمىز ياكى خەلقىئارا ھەمكارلىق كارخانىلىرىنىڭ قۇم تىزگىنلەش تۈر مەبلىغى، ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىكولوگىيەلىك ئورمانچىلىق تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى، پەن- مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ كەسپى مائارىپ خىراجەت تۈر مەبلىغى،ئالىي مائارىپ ياردەم خىراجەت تۈر مەبلىغى، ئاشلىق، يىمەكلىك تۈر مەبلىغى، ئىلىم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تۈر مەبلىغى، ئورگانىك ئاشلىق، ئورگانىك قوشۇمچە يىمەكلىك تۈر مەبلىغى، ئۆسۈملۈك دورا تەتقىقات تۈرى ۋە ئورگانىك ئۆسۈملۈك دورا ماتىرىياللىرى تۈر مەبلىغى، ئىكومۇھىت ماشىنسازلىق ئېلىكتىرونى تەتقىقات، ئىشلىتىش، كېڭەيتىش تۈر مەبلەغلىرى، ھاسىلى بايلىق تەتقىق قىلىش، ئېچىش، كېڭەيتىش تۈر مەبلىغى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش تۈر تەتقىقات مەبلىغى، دېڭىز ئوكيان قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈر مەبلەغلىرى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق تۈر مەبلەغلىرى، جۇڭگوچە داۋالاش كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈر مەبلەغلىرى، ئىكومۇھىت كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى، داۋالاش قاتارلىق تۈر مەبلەغلىرى، ئۇيغۇر تىبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات، داۋالاش كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈر مەبلەغلىرىدىن كېلىدۇ. ( \% C3 O7 p* a( p" R9 P" _7 `- Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇھىمى پۈتۈن دۇنيادىكى، دۆلەت ئىچىدىكى، جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىز دائىرىسىدىكى ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتىنىڭ قارمىدىكى ھەرقايسى ئىنىستىتوت، كەسىپلەرگە ماس كېلىدىغان ھەمكارلىق تۈر مەبلەغلىرى، خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئونۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى، ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى، ئوقۇتۇش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان مەبلەغ تۈرلىرى، دۆلەت، ئاپتونۇم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈر مەبلەغلىرى، كەسپى مائارىپنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، كەسپى مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش مەبلەغلىرى(بەزى رايونلار ھەر دەرىجىلىك كەسپى مائارىپ مەبلەغلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولسىمۇ، يەنە بەزى رايونلار دۆلەت ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپى مائارىپ تۈر مەبلەغلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى تەكشىسىز بولۇپ، شەكىلۋازلىق كۈل رەڭنى قىزىل رەڭ كۆرسىتىپ شىرىكلىشىپ مەبلەغ ئۈندۈرىۋېلىش ھادىسىلىرىمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا مەبلەغنى ئىكوموھىت ئونۋىرسىتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھەم ئۈنۈملۈك كەسپى تەربىلەشنى ھەم تەربىلىنىپ چىققانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ دۆلەتنىڭ بېسىمىنى يەگىللىتىپ قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك)جەمئىيەت ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۈر مەبلەغلىرى قاتارلىق تۈر مەبلەغلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلانغاننىڭ سىرتىدا، 35 يىل مابەينىدە مىنىڭ ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى تەرەققىيات تەتقىقاتى ئۈستىدىكى ئېرىشكەن كەشپىيات، تەتقىقات نەتىجىلىرىمنىمۇ ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن ئونۋېرستېتقا خىراجەت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 4 W; R7 ^- b0 K" x6 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9. ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتىنىڭ سۇ مەنبەسى
1 k8 w: B! h# G5 ]1› خوتەن دەرياسىدىن، خوتەن شەھىرىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىن باش ئېلىپ، شەرقىي ۋە غەربى يۆلىنىشتە ئونۋېرستېت رايونىدا ھەر بىر ئىنىستوتنىڭ ئۈستى يېپىق سۇ كۆلى بولۇپ، بۇ كۆلگە ھەر يىلى خوتەن دەرياسىدىن بىر ئاي ئەتراپىدا ئىچىملىك سۈيى قاچىلىنىدۇ. بۇ سۇ مەخسۇس ئىچىملىك ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. يەكەن دەرياسىنىڭ قاغىلىق  ئەتراپلىرىدىن باش ئېلىپ، شەرىق غەرىب يۆنىلىشىدە ئىنىستوت مەركەزلىرىگىچە يەتكۈزۈپ، ئۈستى يېپىق كۆللەرگە قاچىلىنىپ، ئىچىملىك سۈيى قىلىنىدۇ. چەرچەن دەرياسىدىن باش ئېلىنىپ ئالتۇن تاغ ئىتەكلىرىگە جايلاشقان ئىنىستىتوتلارنىڭ ئۈستى يېپىق كۆللىرىگە قاچىلاپ مەخسۇس ئىچىملىك سۈيى قىلىنىدۇ. دۈنخۇاڭغىچە بولغان لوپنۇر كۆلى سۇ جانلىقلىرى ئىنىستىتوتى، دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى»  تەتقىقات ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ئۇقۇتۇش، تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولىدۇ.
* \, w9 n- b+ z& y# I2› ئورگانىك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، باغ ئورمانچىلىقلىرى، ئورگانىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە باشقا ئۆسۈملۈك تېرىقچىلىقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بارلىق سۇ «باتۇر سۈيى(ھاسىلى سۇ)»نى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدا يەر مەيدانىنى ئالاھىدە تەكشىلەش ھاجەتسىز بولۇپ، ئادەم ۋە ماشنىلار بىمالال مەشغۇلات قىلالىغۇدەك تەكشىلىكتە تۈزلەنسىلا باستۇرۇپ سۇ قويىدىغان سۇ تەكشىلىكىدە تەكشىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇ ھاسىلى سۇ تېرىقچىلىقى ئارقىلىق يەر بىر قەدەر ئېگىز- پەس بولسىمۇ ھەم تېرىقچىلىق قىلغىلى ھەم قاقاس يەرلەرنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى %99دىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ( p* a0 a( y! O! P6 c4 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3› ئونۋېرسىت قارمىقىدىكى سانائەت تەجرىبە زاۋۇتلىرى چىقىرىدىغان ئاز بىر قىسىم پاسكىنا سۇلار، تۇرمۇش سۇلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە ئىشلىتىدىغان سۇلار، تەكلىماكان قاقاسلىقىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئاساسى مەنبە قىلىپ، چىقىرىندى سۇلار قايتا بىر تەرەپ قىلىنىپ، كۆپ قېتىم تەكرار ئىشلىتىلىدۇ. : `8 L% Z; w1 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
10. «شىنجاڭ تەكلىماكان ئىكولوگىيە مۇھىت ئونۋېرسىتېتى» قۇرۇلۇشى تەستىقلىنىپ ئوقۇش باشلانسا، مېنىڭ بۇ ئونۋېرسىتىتقا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرەلەيدىغان 35 يىل مابەينىدە ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىلىرىم.6 o( Q/ f$ x, q8 n8 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1› «ئۆسۈملۈك ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى AAB» تەتقىقات نەتىجەم. بىر يۈرۈش ئۈچ تۈر. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىش پىرىنسىپى: ئۆسۈملۈكنىڭ ئەڭ نورمال ياشاش مۇھىتى بىلەن كېسەل ھاشاراتلەرنىڭ ئەڭ نورمال ياشاش مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى تېپىپ چىققان بولۇپ، ئۆسۈملۈك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسەك ھاشاراتلار چېكىنىدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسەك ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا جانلىقلار چېكىنىدۇ ۋە نابۇت بولىدۇ. بۇ ئاساستا ئېرىشكەن مۇھىت پەرقى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈچ خىل بويۇم ۋە ئىلمىي نەزىرىيە ئاساسى 1991- يىلى باشلىنىپ 1996- يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن، 1999- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە جەنۇبى شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ رايونلىرىدا كېۋەزنى ئاساس قىلغان ئۈلگە كۆرسىتىش نوقتىلىرىنى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ يېزا خىزمىتىگە مەسئۇل سابىق دائىمىي ھەيئىتى ئابدۇرېھىم ھامۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم يېزا خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشىدە تۇرپان توقسۇننىڭ غولبويى يېزىسىدىكى تېخنىكىلىق دەلىللەشتە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 5 كەسپى تارماقنىڭ مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى بىردەك يۇقىرى باھا بېرىپ، كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە تەستىق چۈشۈرگەن. 60 مىڭ مودىن يۇقىرى كۆلەمدىكى 120خىل ئۆسۈملۈك، 7 خىل ھاشارات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان 3000قېتىملىقتىن ئارتۇق تەجرىبە نەتىجىسى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلىدىغان كېۋەز غوزا قۇرتى، باھار ماڭدامچىقۇرتى،كۆكپىت،قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىق كېسەل ھاشاراتلەر زىيانسىز ئۇسۇللار بىلەن مۇھىتىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق يوقۇتۇلغان. 1997- يىلى 6- ئايدا بۇ تەتقىقات نەتىجەمنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۈگەتئېرىق تەجرىبە ئورمان مەيدانىدا تېخنىكا ھۆددىگەرلىك يولى بىلەن ئاشكارلاپ ئېلان قىلغانغا قەدەر دۇنيادا «ئىكولوگىيىلىك ئۇسۇلدا كېسەل ھاشارات يوقۇتۇش» ئۇسۇلى يوق ئىدى. بۇ تۈرنى ئىكومۇھىت ئونۋېرستېتى قۇرۇلۇشى تەستىقلىنىپ ئوقۇش باشلانسا ئونۋېرسىتېتقا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىمەن. 1 Y( w1 O3 P9 @! h/ c0 ^) E, Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2› «باتۇر سۈيى» (يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى ئىنسانلار ھازىرغىچە پايدىلىنالماي كېلىۋاتقان قۇم چۆللۈكلەردىن قۇياش تىمپىراتۇرىسىنىڭ تەسىرىدە ئاتمۇسفىراغا ئىزچىل پارلىنىۋاتقان سۇ پارىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، سۇغا قايتۇرىدىغان ھاسىلى سۇ. شۇ قاقاسلىق ئورۇندا ياغاچ غوللۇق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرىدىغان، ئىچىملىك سۈيىنى ھەل قىلىدىغان، نىفىت سۈيىنى ھەل قىلىدىغان سۇ) بۇ سۇ ئارقىلىق يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەزەلدىن پايدىلىنالماي كېلىۋاتقان قۇملۇقلاردىن 200 مىليارد مودىن ئارتۇق قۇرغاق رايون قاقاسلىقىدا ئومۇميۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىپ، دۇنيانىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىدۇ. ھەر 50 مو قاقاس يەرگە ئاشلىق تېرىيدىغان، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرىدىغان، كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئورمان ئۆستۈرىدىغان ئادەمدىن بىرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، پۈتۈن يەرشارى قۇرۇقلىقىدا تۆت مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنى مۇشۇ سۇ ئارقىلىق بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى، بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنى ۋاستىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى، پەقەت شىنجاڭ رايونىدىلا 20 مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى، دۇنيانىڭ ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە- چېۋە، دورىلىق ئۆسۈملۈك مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلغاندىن باشقا، ھەر مو يەردە بىر تېمىم تەبئىي سۇ ئىشلەتمەي ياكى باشقا ئالاھىدە سۇ قۇرۇلۇشى خىراجىتى سەرىپ قىلماي تۇرۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 تۈپتىن ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك (شۇ رايوننىڭ پارلىنىش مىقدارى، يىللىق يېغىن مىقدارى، يەر  ئاستى سۇ ئورنى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سىفىر ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ، پەقەت دەرەخنىڭ زىچلىقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ)، يەنە 300 تۈپتىن ئارتۇق باشقا سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭدىن باشقا سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ھېسابلىمىغاندىمۇ پەقەت 100 تۈپتىن ئۆستۈرۈلگەن ھەر بىر تۈپ يىتىلگەن دەرەخنى ھەر سوتكىدا 6.9كىلوگرام كاربونⅣ  ئوكسدنى سۈمۈرۈپ، 5.9كىلوگرامدىن ساپ ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىدۇ دېگەن نىسپەت بويىچە ھېسابلىساق، 118000000000000=5.9×100×200000000000 كىلوگرام، يەنى: 118مىليارد توننا، بىر يىلدا 10767500000000=365×118000000000 يەنى: 43تېرلىيۇن 70مىليارد توننا ساپ ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىپ،  يەرشارى جانلىقلىرىغا (ئىنسانىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساپ مۇھىت ھازىرلاپ، 138000000000000=6.9×100×200000000000 كىلوگرام، يەنى: 138مىليارد توننا، بىر يىلدا 50370000000000=365×138000000000 يەنى: 50تېرلىيۇن 370مىليارد توننا كاربۇن Ⅳ ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، يەرشارى جانلىقلىرى ئۈچۈن غايەت زور ساپ مۇھىت ئاتا قىلىدۇ.مانا بۇ مېنىڭ ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلىگەن بىرىنجى چوڭ ئىشىم.- j0 q! @; ^% p1 t% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تۈرنىڭ تەتقىقاتى 1980- يىلى 6- ئايدا باشلىنىپ، 1995- يىلى 8- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن- تېخنىكا جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىشىدە دەلىللەش يىغىنى ئېچىپ، ھەرمىللەت مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى بىر قېتىم دەلىللىگەن. 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى بارلىق تەجرىبە تەتقىقاتى تاماملىنىپ، ئىشلەپچىقرىشقا تەييار، پىشقان تېخنىكىغا ئايلانغان ۋە ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە تىل- يېزىقتا ئېلان قىلىنغان. 2010- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى كېچىدە ئاۋات ناھىيە بازىرى مائارىپ ئىدارىسى بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى «ئۇچقۇن» كومپىيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىدىن كومپىيۇتېر بىلەن قۇشۇپ ئوغۇرلانغان. ھەمدە ناھىيەلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلۈمى كومپىيۇتېرىدىن، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرجىمانلار  ئىشخانىسى كومپىيۇتېرىدىن پاتنېتقا تەييارلانغان ئىلتىماس بىراقلا ئوغۇرلانغان. & y' U4 M+ F% q) A1 a& ]6 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ ?1 `  y9 f6 e5 f9 L7 }4 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 7- قانىلىدا «سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش» دېگەن نام بىلەن گەنسۇ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ياڭ چىفېڭنىڭ نامىدا پەيدا بولغان. مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسى 7-قانىلى ياڭچىفېڭغا «زىمىن ئوغلانى»(大地之子)«سۇ ساقلاش ئىلاھى»(保水之神)، «بىر دۇنيانى ياراتتى» ((创造了一个世界دېگەن ئۇلۇغ ناملار بىرىش بىلەن، بۇ تەتتىقات نەتىجىسىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قالغان. بۇ تەتقىقات  نەتىجەم 2013- ۋە 2014- يىلى 237 مىليۇن مو يەردە ئوغۇرلار تەرىپىدىن ئەمىلى قوللىنىلىپ، زور ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتقان. ئافرىقىغىمۇ كېڭەيتكەن.8 R) Y1 v( w, Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تەتقىقات نەتىجەمنىڭ ئوغرى ئالالمىغان (پاتنىتقا تەييارلىغان ئىلتىماسقا كىرگۈزۈلمىگەن) مۇھىم بىر قىسىملىرى ھازىرمۇ قولۇمدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجەمنى شىنجاڭ تەكلىماكان ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش شارائىتىغا ئېرىشسە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىمەن. چۈنكى مەن مۇشۇنداق بىر ئىكومۇھىت ئونۋېرىسېتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا يەرشارى قۇرۇقلۇقىنىڭ قاقاسلىقىدا سۇ ھاسىل قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئاشلىق، مۇھىت مەسىلىسىنى ئۈزىل-كىسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن 35 يىللىق ھاياتىمىنى تەتقىقات ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋە تەييارلىق قىلغان. $ B3 c( j5 r) aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3› «قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش ۋە شامالدارىش كېسىلى» نىڭ ئۈچ تۈر بىر يۈرۈش دورىسىنى كۆپ يىل تەتقىق قىلىپ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ، 2012- يىلى ئېلان قىلغان. بۇ تىپىك «مۇھىت كىسىلى» بولۇپ، بىر يۈرۈش تەبئىي ئۆسۈملۈك ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئارقىلىق بۇ موھىت ئۆزگۈرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەلنى تېزگىنلەپ ۋە داۋالاپ پارتلاش خاراكتىرلىك كېڭىيىۋاتقان بۇ كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. تەتقىقات نەتىجەمدىن بايقىلىشىچە، بۇ كىسەلنىڭ توغرا ئىسمىنى «ئادەملەرنىڭ تىرىك تۇرۇپ چىرىپ كىتىش كىسىلى» دەپ ئاتاش ئەڭ توغرا ئىسىم بۇلۇپ، ئۇ ھايۋاناتلار ۋە ئۈسۈملۈكلەردىمۇ كۆرۈلىۋاتقىنىغا ئەمدىلا 30 يىلدىن ئاشتى. كەڭ دائىرىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىغىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. 1983-يىلىدىن باشلاپ شەھەر-بازارلاردىكى قارا ياغاچ قاتارلىق ياغاچ غوللۇق ئۈسۈملۈكلەردە، 1984-يىلىدىن باشلاپ كېۋەز قاتارلىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈكلەردە، ئۈسۈملۈك تىنىدىن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاجرىلىپ چىققان يىپىشقاق ئاجرالمىلار شەھەر كوچىلىرىغا ۋە ئېتىزلارغا ئېقىپ چۈشۈپ كۈزگىچە يوللاردا بىر قەۋەت شىلىمسىمان ماددا يېيىلمىسى ھاسىل قىلدى،  2015-يىلى بۇ ۋاقىت تۇيۇقسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۆتىنجى ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن ياغاچ غوللۇق، سامان غوللۇق ئۈسۈملۈكلەردىن يىپىشقاق ئاجرالمىلار ئېقىشقا باشلىدى. بۇ ھال، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ نورمال ياشاش مۇھىتىنىڭ جىددى ئۆزگۈرۈپ، ئېغىر تەھتىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىسەلنىڭ مۇھىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى.; q/ x5 @2 d6 @- |0 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ كىسەلنىڭ تىپىك مۇھىت كىسىلى ئىكەنلىكى، ئۈسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلاردا تەڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقى، مۇھىت بولغىنىشنىڭ سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشكە مۆلچەردىكىدىنمۇ تېز يېقىنلاۋاققانلىقىنى تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. ئىكوموھىت ئونۋېرسىتى قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا بۇ تۈرنىمۇ ئونۋېرسىتقا ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن.0 M. t& z* V# h# E6 P7 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4› «يانتولۇق يېزا ئىگىلىكى». بۇ تۈر كۆپ يىل تەتقىق قىلىنىپ 2012- يىلى نەتىجىگە ئېرىشىپ ئېلان قىلىنغان. بۇ تۈر ئارقىلىق يانتولۇق دەرىجىسى 15-45 گىرادۇسقىچە بولغان (ئادەملەر نورمال مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان) يانتولۇقلاردا، تاغ باغرىلىرىدا  ئومۇميۈزلۈك باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنى قوللانغىلى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرگىلى، تاشيول، تۆمۈر يول يانتولۇقلىرىنى كۆكەرتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا تەبئىي سۇ ئىشلىتىش ھاجەتسىز. ئىكوموھىت ئونۋېرسىتى قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا بۇ تۈرنىمۇ ئونۋېرسىتقا ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن.
  i+ U$ x# s' V5 o: z! `5› «دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئىلمى» ۋە ئۇنى  يولغا قويۇشنىڭ كونكىرىت «تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى». بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى بولۇپ،مەن ئۇنىڭ تەتقىقاتنى 1990- يىلى 6- ئايدا باشلاپ،  2013- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى بارلىق تەجرىبە تەتقىقاتى تاماملانغان ۋە 2014- يىلى 1- ئايدا ئاۋات پارتىكوم ئارقىلىق بىر قېتىم، 2014- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ رادىئوسى ئارقىلىق بىر قېتىم، 2015-يىلى 5-ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزى كومتىت سىياسى بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭچۈنشەنگە مۇشۇ تۈرنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە يول يۇرۇق سوراش دوكىلاتى يوللىغان. ; p2 J8 X) O! d1 X5 q% k9 ]% R# s0 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ تاماملىغان بۇ تۈرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 50-100مىليارتقا يەتكەندىمۇ ئىنسانلار ۋە باشقا بارلىق جانلىقلارنى 500 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، 50-100 مىليارتقىچە بولغان ئادەمنى 500 مىڭ يىلغىچە ئىش ئورنى، ئاشلىق، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، كىيىم- كېچەك ۋە باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرى، مۇھىمى ئەڭ ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. يەر شارىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىت تەرەقىياتىنى 500 يىل ئالدىغا سۈرەلەيدۇ، ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن تەرەقىياتىنى 300 يىلدىن ئارتۇق ئالغا سۈرەلەيدۇ، بۇ تەتقىقات نەتىجەم ئىچىدىكى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۇمۇمى تۈر ئىچىدە بەشتىن بىر سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزسىزلىنىش نەتىجىسىدە پۈتۈن دېڭىز يۈزى %100 پايدىلىنىشچان تېرىلغۇ يەر مەيدانىغا، %100 لىك ئورمان رايونىغا، ئىكوموھىتى تەبىئى تەڭپۇڭلاشقان جانلىقلار ياشاش ماكانىغا، مىليۇن خىلدىن ئارتۇق ئۈسۈملۈك بىلەن سۇ جانلىقلىرى، قۇرۇقلۇق ھايۋاناتلىرى ۋە قۇشلار بىرىكىپ ياشاش ماكان گەۋدىسىنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىختىسادىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئونۋېرسال كۈچىنى 3 تىن 5 ھەسسىگىچە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتىنى %0 چۈشۈرۈلەيدۇ. ئاساسى ھەل قىلىدىغىنى:+ u4 c% R* n2 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹1› ئىنسانىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش پىلانى، ئىشلەپچىقىرىش تىپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، دۇنيادا تۇنجى قېتىم «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يېزا ئىگىلىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
# `8 b  h- m! r3 n. L‹2› ئىنسانىيەتنىڭ سانائەت پىلانى، ئىشلەپچىقىرىش تىپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىنسانىيەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ. : h* m' `& X; A0 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹3› دېڭىز يۈزى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى»نى ھاسىل قىلىپ، تەبئىي تالا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى بولۇپ، بارلىق سۈنئىي تالالارنىڭ ئورنىنى باسىدۇ (جۇنۇبى شمالى قۇتۇپلار مۇزلۇقى ئىرىپ تۈگەپ جۇغراپىيىلىك ئورۇندا ئۈسۈملۈك ئۈسۈشنىڭ تەبى مۇھىت شارائىتى بارلىققا كېلىپ قالسا «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى»نى ئاشۇ قۇتۇپلار رايونىدىمۇ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇ قۇتۇپ رايونىدىمۇ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ).
; h7 G! N& ]5 G‹4› دېڭىز يۈزى ئاشلىق تېرىلغۇ مەيدانى بولۇپ، نوپۇس سانى 50-100 مىليارتقىچە بولغاندىمۇ 500 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە- چېۋە قوشۇمچە يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ ئاشىدىغان يېمەكلىك بازىسى بولىدۇ.   X% @: R. k" I* \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹5› دېڭىز يۈزى تەبئىي ئۆسۈملۈك ئىنىرگىيە بازىسى بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئىپتىدائىي ئىنىرگىيە يېقىلغۇلىرىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. + N. K+ d% G8 F  i1 k5 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹6› دېڭىز يۈزى ئۇيغۇر تىبابەت ئورگانىك ئۆسۈملۈك دورا بازىسى بولۇپ، بارلىق غەرىب تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
' T3 S+ L" J4 Z2 G' q2 K‹7› دېڭىز يۈزى قەغەز ماتىرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، سۇلياۋ ماتىرىيالنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
" s+ m% K3 m; t: _4 H‹8› پۈتۈن دېڭىز يۈزى كۆپ قەۋەت غايەت زور «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئورمانچىلىق مەيدانى بولۇپ ئۈسۈملۈك تۈرى نەچچە مىليۇن خىلدىن ئاشىدىغان، ئاددى ئۈسۈملۈك بىلەن ئالى دەرىجىلىك ئۈسۈملۈكلەر، مىۋىلىك دەرەخلەر بىلەن مىۋىسىز دەرەخلەر ئۆز-ئارا كىرىشىپ كەتكەن، ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ، گۆشخور يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئوتخور ھايۋانلار، ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئۆز-ئارا كىرىشىپ كەتكەن ھەر قايسى جانلىقلار تۈرى گورژۇنتال جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن ھۇجۇتقا كەلگەن ۋېرتىكال جۇغراپىيىلىك ئىكولوگىيە سېستىمىسىنى ھاسىل قىلىپ دېڭىز ھايۋانلىرى، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى، ئورمان، باشقا ئۈسۈملۈكلەر، سۇ، قۇشلار دۇنياسى ۋە ساپ ھاۋالىق ئاتمۇسفىرا تەبىي بىرىككەن بىر ئىكوموھىت سېستىما قۇرۇلۇش گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى بوستانلىق رايونلارغا قاتمۇقات توپلىشىۋالغان ئىنسانلار توپىنىڭ زىچلىقى تەبىئى ھالدا شالاڭلاشتۇرۇلۇپ، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇندا ئىنسانلار تارقىلىپ ئولتۇراقلشىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان، بۇنىڭدىن 500يىل ئىلگىرىكى تەبىئى مۇھىت شارائىتىغا ئىرىشىپ سۈنئىلىكتىن خالى زامان ۋە ماكان شارائىتىغا ئېرىشتۈرىدۇ. ياغاچ ماتىرىيال ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ ئالاھىدە مەقسەتتە ئىشلىتىدىغان مىتال، سۇلىياۋ ماتىرىيالدىن باشقا سۈنئى ماتىرىياللارنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
1 w& Y& v9 |9 m2 K5 e‹9› پۈتۈن دېڭىز يۈزى تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون Ⅳئوكسىدنى ھەزىم قىلىپ،بىئولوگىيەلىك تەبى قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ساپ ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئايلىنىدۇ. , T8 W# P  ~) i7 T/ mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹10› دېڭىز يۈزى كەڭ كۆلەملىك زەمبۇرۇغ يىمەكلىك بازىسى بولۇپ، خېمىيىلىك بېرىكمىلەر ئاساسىدا سۈنئىي يېتىلدۈرىدىغان زەمبۇرۇغلۇق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
- J* J) T. d& ^‹11› مۇشۇ تۈرلەر ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك مىليۇنلىغان تېخنىكا تۈرلىرى دېڭىز يۈزى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يەر مەيدانىدا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. " u. |# _3 C5 n1 k; O$ O0 M+ k$ F( Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹12› بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن خېمىيۋىلىك ماددىلار ئىشلىتىلمەيدۇ. گېن ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلمايدۇ. سۇلياۋ ماتىرىيال ۋە باشقا مىتال ماتىرىياللار ئىشلىتىلمەسلىك ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىندۇ. / v7 G) r' F6 K" Y, Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹13›بۇ تۈر قوللىنىلغاندا دېڭىز قاتناش يولىمۇ قىزىل-يېشىل چىراغلار ئارقىلىق قاتناش باشقۇرۇش سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. $ V2 Q/ F1 P+ I! R- D* cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹14›ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش ۋاستىسى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئۈستىدىكى 3 مېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈپ ياسالغان(ھايۋاناتلارنىڭ راۋان ئۈتۈشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق مەقسەت قىلىنىدۇ) رېلىس قاتنىشى، بىئو ماتىرىيال تۇرالغۇسى بولۇپ، يان تەرەپلىرى قۇشلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ راۋان قاتنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ھەم قۇشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تور بىلەن ئېتىلگەن، ئۈستى يېپىق يول قۇرۇلۇشىنى  ھاسىل قىلىپ، بارلىق يوللارنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسىمى قۇياش نۇرى ئېنىرگىيە تاختىسى ئاساسىدا ياسىلىپ، ئىس- تۈتەكسىز قاتناش ۋاستىلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئاستىدا چوڭ- كىچىك تىپى ئوخشىمىغان چۆكمە قېيىقلار ۋە بوشلۇقتا ئادەملىك ۋە ئادەمسىز چوڭ- كىچىك تىپتىكى ھاۋا قاتناشلىرى ئاساسى قاتناش ۋاستىسى قىلىنىدۇ. چوڭ تىپتىكى سۇ قاتناش ۋاستىلىرىمۇ بۇلغىما چىقىرىش دەرىجىسى %0 گە چۈشۈرۈلگەن ئەھۋالدا ئۆز يولى بىلەن قاتناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.4 S8 N$ n+ D1 C" eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹15› ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان بارلىق يېقىلغۇ ئىنىرگىيەسى ئۈسۈملۈكتىن ئېلىنىپ، ئىپتىدائى نېفىت، كۆمۈرگە تايىنىۋېلىشنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.6 n3 O- T2 A: fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹16› بۇ تۈر قوللانغان رايونلار ئەتراپىدىكى قۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ ئېغىر سانائەت بازىلىرى، دېڭىز يۈزىدىكى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئاھالىلىرىنىڭ پاسكىنا سۇ ۋە ھەرخىل ئەخلەتلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ زىيانسىز مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش بازىسى بولىدۇ. # o- s! \) V7 z, O" H  hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹17› بۇ تۈر قوللانغان رايونلارغا 1- 3 يىلغىچە چاشقان قاتارلىق ئۇششاق قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى، قۇشلار كىرەلەيدۇ. 3- 7يىلغىچە توشقان قاتارلىق ھەرخىل ھايۋانلار ، قۇشلار كىرىپ ئەركىن پائالىيەت قىلالايدۇ. 7-10 يىلغىچە ھەرخىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە ئادەملەر كىرەلەيدۇ ۋە بىر قىسملىرى ماكانلىشالايدۇ. 12 يىلدىن كېيىن چوڭ- كىچىك قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى، ئادەملەر كىرىپ بىمالال ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى يارىتىدۇ. بۇ جەرياننىڭ ھەممىسىدە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش بىئولوگىيەلىك تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىپ تۇلۇق تۇزسىزلىنىپ ئىچىملىك سۇ ھاسىل بولغان بولىدۇ. 6 u$ W0 ?" N' k0 e7 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹18› بەزى ماتىرىياللاردا يەرشارىنىڭ ئۆمۈرىنى پىلانتلارننىڭ «سۇقۇلۇشى سەۋەپلىك مىڭ يىلغا بارمايدۇ»، «مۇھىت مەسىلىسى سەۋەبلىك يەرشارىدا جانلىقلارنىڭ ياشىشى 100يىلغا بارمايدۇ» دىگەن قىياسلار ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. بۇنىڭغا جاۋاپ: ①«ئېتىلغان جىسىم ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغاندا ئۆزىنىڭ تەكشى ئىلگىرلىمە ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ» دىگەننى پەن خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. بۇنىڭدا مەن تەتقىق قىلىپ چىققان «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان يېزا-ئىگىلىكى ۋە «دېڭىز سۈيىنى توزسىزلاندۇرۇش ئىلمى» ئاساسىدا ھوجۇققا كېلىدىغان «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» دەل يەرشارىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى، ئۈسۈملۈكلەر ئارىقىلىق كۆتۈرۈلگەن ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى يەرشارى ھەرىكىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ھەركەت ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، سۇقۇلماي ئۆتۈپ كېتىشىمۇ ياكى ھەركەت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، سۇقۇلۇشتىن ئامان قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلار، چوقۇم مىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجەم ھۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، قايتا ھېسابات قىلىپ كۆرۈشى زۆرۈر. ②مۇھىت مەسىلىسىدە، «باتۇر سۈيى» ۋە «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ھۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، ئىنسانىيەت بۇ نەتىجىلىرىمنى ۋاقتىدا قوللانسىلا، «يەرشارى جانلىقلىرىنىڭ ھاياتى 100يىلغا بارمايدۇ» دىگەن قىياسىنىڭ ئىلمى قىممىتى قالمايدۇ.
/ D8 L  m- ]  M‹19› بۇ تۈر ئىچىدە 20خىلدىن ئارتۇق دۇنياۋى چوڭ كەشپىيات بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۈچ تۈردە نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
9 K7 t  V( J# \‹20› بۇ تۈرنىڭ ئىش پىرىنسىپى نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا، ساپ بىئولوگىيەلىك تەبىئى ماتىرىيالدا ياسىلىدىغان، تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى بۇلۇپ، ئىكوموھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئىلغارلىقىدا، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇشتا، ئىنسانىيەتنى كەڭ كۆلەملىك ماكانلاشتۇرۇپ تەرەقىيات يۆلىنىشىگە يىتەكلەشتە، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى، مۇھىمى ئىنسانىيەتنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، يىراق كەلگۈسىدىمۇ بۇنىڭدىن ئىلغار يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسى ھۇجۇتقا كەلمەيدۇ.
0 K; n3 _- p% L; r$ s( W. d‹21› بۇ نەتىجەم 90-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان 23يىللىق ھاياتىمنىڭ جەۋھىرى بولۇپ 2012-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يېزىقتا «شەھەر دەرەخلىرى ۋە ئېتىز ئىھاتە ئورمانلىرىنى توغراق دەرىخىگە ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ»دە ئاۋات ناھىيىلىك پارتىكوم ھۈكۈمەت ئارقىلىق ئاشكارا ئېلان قىلغان.بۇ تۈر توغراق دەرىخنى ئاساس قىلغان «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئاساسىدا ھۇجۇتقا كېلىدۇ. دېڭىز سۈيى ئۆرلىسە بۇ قۇرۇقلۇقمۇ ئۆرلەيدۇ، دېڭىز سۈيى پەسلىسە بۇ قۇرۇقلۇقمۇ ئوخشاشلا پاسلەيدۇ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ باشلىنىش، ئەۋىج ئېلىش نوقتىلىرىمۇ «باتۇر بىئولەيلىمە قۇرۇقلۇقى»نىڭ ئاستىدا بولغاچقا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش، ئاخىرلىشىش نوقتىسىمۇ بولمايدۇ. بۇ ماتىرىيالدا «نىمىلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى چۈشەنچىنىلا بەرمىدىم. قىسمەن كالتا پەم مەمەدان نەتىجىۋازلىرىمىزنىڭ 2012-يىلى 10-ئايدا مەن ئاشكارلىغان بەزى ماتىرىياللاردىن يۈزەكى پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىمغا ئەمىلى قوللۇنۇمەن دەپ دۆلەتنى، كارخانىنى ياكى ئۈزىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىۋېلىشتىن ساقلىنىشنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىمەن. بۇ تۈرنىڭ ئىچكى ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا يادرولۇق تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئىنسانىيەتكە غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغان يۇقارقىلاردىن باشقا مۇھىم بىر تەرىپىمۇ بار. بۇ مىنىڭ ئۆمۈرۈمدە ئىنسانىيەت تەرەقىياتى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلىگەن ئىككىنجى چوڭ ئىشىم.) u- l& t/ X  k8 e+ ^5 l& yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بۇ تەتقىقات نەتىجەمنى شىنجاڭ تەكلىماكان ئىكومۇھىت ئونۋېرستېتى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 1- تۈركۈم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان ھامان ئونۋېرستېتنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئۆز رازىلىقىم بىلەن تەكلىماكان ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ھەقىسىز ئۆتۈنۈپ بېرىمەن. بۇ ئۆتۈنۈپ بېرىش مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ نورمال تەرتىپ بىلەن يەتكۈزۈلىدۇ. (31خانىلىك رەقەم تەرتىۋىنى توغرا گۇرۇپپىلىيالايدىغان كىشى تارقاق ساقلانغان ماتىرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرەلىشى مۇمكىن).
  ^# I, @( D  L بۇ تۈرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچى سانجى شەھرىنىڭ يېقىنقى كەلگۈسىدىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ سايرام كۆلىنىڭ بىر مىليۇن 35مىڭ مولۇق سۇ يۈزىدە ئەمىلى قوللىنىشتىن باشلاپ، سايرام كۆلىنى تۇزسىزلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلاپلا، بوخەي دېڭىزىنى تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش بىلەن تەكلىماكان ئىكومۇھىت ئونۋېرسىتېتى شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئەمىلى كۈچىنى ۋە ئوبرازىنى پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزىگە كېڭەيتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ياشاۋاتقان ماكانىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسىنى ھەل قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور ئىقتىسادى ئاساسىنى تىكلەش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ  ئارزۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ توللۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. ( ?7 E1 j! n8 c  F) I! bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6› «كۆپ ئىختىدارلىق ئۇرۇق بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى» بۇ ئۇرۇق بىخلاندۇرۇپ باشقۇرۇش، مىۋە قۇرۇتۇش، چاي قۇرۇتۇش، ئۈسۈملۈك دورىلارنى قۇرۇتۇش، مايسا يىتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىختىدارلارغا ئىگە، يەردىن كۆپ ئورۇن ئىگەللىمەيدىغان، ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، بولغۇما چىقارمايدىغان ئىكوموھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلما تۈرى بۇلۇپ، بۇ دېڭىز يۈزى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يېزا-ئىگىلىكىدە ۋە قاقاس قۇملۇقلاردىكى «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان قۇرۇقلۇق يېزا-ئىگىلىكىدە ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان مۇھىم تىز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈر بۇلۇپ، 2001-يىلى 9-ئايدا مەن تەكلىپ بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا 2-دەرىسخانا پائالىيىتى بويىچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىققا بارغاندا دەرىس سۆزلەشتە ئىشلەتكەن بۇ تۈرنى ئوقۇغۇچۇم ئارمان ئابدۇۋېلىنىڭ نامىغا بېرىپ ياش-ئۆسمۈرلەر ئىجادىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغاندا ئاپتونۇم رايونى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
% z: [) }: u, [* U3 E5 c9 ]1 w  E0 T# K, [4 l; \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېنىڭ بۇ نەتىجەم 2013- ۋە 2014-يىلى باشقىلارنىڭ نامىدا جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر» قاتارىدا ئۈرۈك قېقى قۇرۇتۇدىغانغا ئىشلىتىپ 3000دىن ئارتۇق نوقتىدا ئەمەلى قوللۇنۇلۇپ زور ئىختىسادى، ئىجدىمائى، ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتتى. بۇ تۈرنىمۇ شىنجاڭ ئىكوموھىت ئونۋىرسىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئونۋېرسىتنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىپ قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز يۈزىگىچە كەڭەيتىپ ئونۋېرسىتنىڭ كىرىم مەنبەسىنى يارىتىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.
* `* V, b3 ]0 \5 j1 w1 Z6 }1 \7› «ئۈسۈملۈك غولىغا دورا سۈرتۈش ئەسۋابى» بۇ ئۈسۈملۈكلەردىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا، ھاشاراتلارنى يۇقىتىشتا، ئۈسۈملۈكلەرنى سۈنئى چاڭلاشتۇرۇشتا، ئادەملەرنىڭ زەھەرلىك خېمىيىلىك دورا ئىشلەتكەندىكى زەھەرلنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ، ئاۋات ناھىيە ئايباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغاندا دەرىس سۆزلەشتە ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچۇم زەينەپقىز ياسىننىڭ نامىغا بېرىپ مۇسابىقىغە قاتناشتۇرۇلغاندا 1998-يىلى 8-ئايدا شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدا مەملىكەت بۇيىچە 1-دەرىجىگە(ئالتۇن مىدالغا) ئېرىشكەن. بۇ تۈر ھەم مەملىكەتلىك 9-قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەر كەشپىيات، ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە «گۇاڭخۇا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
& u) o# e% @6 m7 R$ G  `( f- u% M* G# F" A4 _# m( }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تۈر پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە غەربى شىمالدىكى ئۆلكە رايونلار يېزائىگىلىكىدە باشقىلارنىڭ نامىدا كېڭەيتىلىپ زور ئىختىسادى ئىجدىمائىي ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتقان. بۇ تۈرنىمۇ شىنجاڭ ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنىڭ ئىشىلتىشىگە ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن.
( N# o6 K1 H2 Y" O2 J8› «قەغەز تالادىن رەخت توقۇش تېخنىكىسى» بۇ پۈتۈن دۇنيا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى يېڭى بىر بۈسۈش بۇلۇپ، بارلىق تەجرىبە تەتقىقاتىنى مەن مۇستەقىل تاماملاپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمىيىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا كومتېتى تەشكىللىگەن ھەر مىللەت مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسى ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىلمى جەمىيەت يىغىن زالىدا تۇلۇق دەلىللىگەندىن كېيىن، 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى باش مىنىستىر جۇرۇڭجى جەنۇمى شىنجاڭغا خىزمەت تەكشۈرۈپ كېلىپ ئاقسۇ «مىھمان كۈتۈش» مىھمانخانىسىدا دوكىلات ئاڭلاۋاتقاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىدىن ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شۇ ئۈمەك ئارقىلىق مەملىكەتلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىگە ئىئانە قىلىدىم. بۇ تۈر لاھىيەسى نېرۋا ھالىتى جايىدا بولسىلا باشقا ئەزالارنىڭ قىسمەن مېيىپلىقلىرى بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان، ھەم مېيىپلارنىڭ ئىشلەش سېخلىرىنىڭ لاھىيەسىمۇ پۈتكەنىدى. بۇ تۈرنىمۇ ئىكوموھىت ئونۋىرسىتىغا «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» توقۇمىچىلىق سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن، ھەم ئەسلىدىكى تەتقىقات ماتىرىيالى ئارگىنالىنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن.
5 z" k. W& _5 Q1 M9 U% \9› «تۇرخۇنلاردىن چىقىدىغان ئىس-بۇسلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى» بۇ مىنىڭ كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجەم بۇلۇپ، ئوت ئىلىكتېر ئىستانىسىلىرى، ھەرخىل خېمىيە سانائەت زاۋۇتلارى، تۇرالغۇلار، ئاشخانىلار، ئاپتوموبىللاردىن چىقىدىغان ھەرخىل بۇلغۇمىلارنىڭ زىيىنىنى %0 گە چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 120خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەر 150 مىڭ كىۋادىرات مىتىر تۇرالغۇ ياكى زاۋۇت بىنالىرىغا بىردىن مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتى خادىمىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇشۇ تۈردە مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، مۇلازىمەت قىلىشتا 30مىليۇندىن ئارتۇق كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. بۇ تۈرنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سابىق مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭ ئىسمايىل ئەھمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ، ئەركىن تۇنىياز مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئىشخانىسىدا رەئىس ئىشبىجىرىش يىغىنى ئېچىپ، كەسپى تارماقلار رەھبەرلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. قىسمەن سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىقا كىرىشتۈرۈلمەيۋاتىدۇ. بۇ تۈرنىمۇ ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا پۈتۈن مەملىكەت ئاتمۇسفىراسىدىكى بۇلغۇمىلارنى تىزگىنلەش، يۇقىتىش ئارقىلىق ئونۋېرسىتنىڭ كىرىم مەنبەسىنى يارىتىشىغا ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بىرىمەن. 5 W9 w5 \6 D+ R8 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
10› «بوشلۇق باقمىچىلىقى» (بىئولوگىيەلىك كېسەل ھاشارەت يوقىتىش ئۇسۇلى) بۇ تۈرنىڭ تەتقىقاتى 2003-يىلى باشلىنىپ 2008-يىلى 2-ئايدا تاماملامغان. 2008- يىلى «قۇش ئۇگا مۇنارى» (巢穴塔) نامى بىلەن پاتنېتقا ئېرىشكەن. ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە مۇتخەسىسلەر گۇرۇپپىسى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مەخسۇس ئاۋات ناھىيەسىدىكى نەق مەيدانغا كېلىپ تەتقىقات ئۈنۈمىنى دەللىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ھەمدە تۈر مەبلىغى چۈشۈرۈپ بەرگەن. 2008- يىلدىن باشلاپ غەربىي شىمالدىكى 7 ئۆلكە رايون، شەرقىي شىمالدىكى 3 ئۆلكىدە ئومۇملىشىپ، زور ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتقان. 9 ~5 m$ s) e9 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1990- يىللاردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يازنىڭ ئۈچ ئېيىدا پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن مەكتەپلەر ئىش توختىتىپ قول بىلەن قۇرت تېرەتتى. مەن بۇ تۈرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندىن كېيىن بىر قۇشقاچ ھەر كۈنى 75تىن ئارتۇق قۇرتنى تېرىپ يەپ، ئىش مىقدارى 50تالدىن قۇرت تېرىدىغان 1.5ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ، جەمئىيەتتە كىشلەر نورمال ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشالايدىغان، ئوقۇغۇچىلار نورمال ئوقۇشنى ئوقۇيالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردۈرۈپ، ئادەملەرنى قول بىلەن قۇرىت تىرىش ئەمگىكىدىن تۇلۇق ئازات قىلدى. 1990-يىللاردا ھەر مو يەرنىڭ ھەر يىللىق ئۈسۈملۈك ئاسراش خىراجىتى ئۈچۈن 100-150 يۈەنگىچە سەرىپ قىلسىمۇ، پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 250 كىلوگىرامغا يەتمىگەن، بۇ تۈر قوللۇنۇلغاندىن كېيىن چىقىم زور دەرىجىدە تىجىلىپ ھۇسۇل 350 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. مۇھىمى قۇشقاچلارمۇ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلدى. 5 U9 v& Q9 r+ {6 W1 M. v$ b$ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' \2 G& q( |5 v2 o* d, |! lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تۈرنى ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز ۋە پۈتۈن يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى قۇرغاق، قاقاس، قۇملۇقلاردا «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا كېڭەيتىپ بىئولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەل-ھاشارەت يۇقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغاندىن باشقا، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇشتىن ئىبارەت يەر شارى خارەكتىرلىك دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئىكوموھىت رايونىدا ئېغىرلىقى 13گىرامدىن ئاشمايدىغان بۇ ئەمگەكچان كىچىك قۇشنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىلىدۇ ۋە بۇ جانلىقنى قوغداپ تەرەقى قىلدۇرغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇقلۇق سەۋىيىسىنى ۋە ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك تەرەقىياتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدۇ.2 a+ e' H; x" u9 ], g9 P- I$ S# fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇتۈرنى ئەمەلى قوللانغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقتىن تەشكىل مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، 2011-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭدا دۆلەت ئورمانچىلىق مىدالىغا ئېرىشىپ ئاپتونۇم رايونىمىزغا جۈملىدىن ئاۋات ناھىيىمىزگە شەرەپ كەلتۈرگەن. 2012-يىلى ئاۋات ناھىيىلىك پارتىكوم خەلىق ھۆكىمىتى 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان.. z( L5 U# H+ ^5 U0 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇتۈرنى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋات ناھىيە ئورمانچىلىق سېستىمىسىنىڭ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى پاتىنىت ھەققىگە بىر مىليۇن يۈەن بىرىدىغانغا ئۈيۈمدىن ئېلىپچىقىپ كېتىپ ھازىرغىچە پاتىنىت ھەققىنى بەرمىگەن. يۇقىرىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن تۈر مەبلىغىمۇ ئۆز ۋاقتىدىلا تۈگەپ كەتكەن.
4 P1 B& Z3 D8 ]بۇتۈرنىمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ قۇملۇق قاقاس رايونلىرىدا «باتۇر سۈيى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا ۋە دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ئىكومۇھىت يېزا ئىگىلىكىدە قوللۇنۇپ، ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى يارىتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.5 d9 F8 v) P* }( p3 q" \' }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
11› «مۇشكا» بىر يۈرۈش ئۈچ تۈر. بۇنىڭ تەتقىقاتى 1995-يىلى 8-ئايدا تاماملىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا تەييار تېخنىكىغا ئايلىنىپ 1995-يىلى 8-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمىيىتى تەشكىللىگەن، ھەر مىللەت مۇتىخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىلمى جەمىيەت يىغىن زالىدا دەلىللىشىدىن ئۆتكەن (شۇ مۇتىخەسىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ھايات). بۇنىڭ ئىش تەرتىپى: ياۋايى ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش، بۇغىلارنىڭ مۈڭگۈزىنى كېسىش، ياۋايى ھايۋانلارنى داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. بۇ تۈرنىمۇ ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئونۋېرسىتنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن. بۇنى «باتۇر سۈيى» بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرغاق رايونلار يېزا ئىگىلىكى ۋە دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يېزا ئىگىلىكىدە كەڭ قوللۇنۇشقا باپ كېلىدۇ. ھەمدە يەرشارى قۇرغاق رايونلىرىدا، دېڭىز ئۈستىدە ئەزەلدىن ياشاپ باقمىغان بۇ خاسىيەتلىك قۇش ماكان دائىرىسىنى پۈتۈن يەرشارى يۈزىگە ئۇمۇميۈزلۈك كېڭەيتەلەيدۇ.+ p2 t% n9 r: M3 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
12› كۆپ يىل تەتقىق قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن، «دورىلىق چاي» بىر يۈرۈش ئۈچ تۈر. 13› مۇھىت ئۆزگۈرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان تىرىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان «يۈز ماي» بىر يۈرۈش بەش تۈر. 14› ئىچىشكىمۇ، يۇيۇنۇشقىمۇ، قاچا-قۇچا يۇيۇشقىمۇ ماس كېلىدىغان «بىئولوگىيىلىك سۇيۇقلۇق» بىر يۈرۈش ئۈچ تۈر. 15› «باغ چاتاش ئەسۋابى» (果园修枝器)(پاتېنتلىق). 16› «قولاي دەرەخ چاتاش ھەرىسى» (便捷修枝锯)(پاتېنتلىق). 17› «قوش پىشاڭلىق باغ-ئورمان چاتاش ئەسۋابى» (林果树木双扛杆修枝剪)(پاتېنتلىق). دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار دەرەخ چاتاش ئۈسكۈنىلىرىمۇ دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ چاتاش، ياش، ئادەم كۆتۈرەلمەيدىغان دەرەخلەرگە شوتا قۇيۇپ چىقىپ چاتاش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق يىللىق شاخ رەتلەش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىلاتتى، مىنىڭ قۇلۇمدا ھۇجۇتقا كەلگەن بۇ بىر يۈرۈش ئىلغار ئەسۋاپلار ئارقىلىق شاخ بۇلۇڭ گىرادۇسى ئەڭ كىچىك، تىكەنلىك دەرەخلەر، ئادەم چىقسا كۆتۈرەلمەيدىغان ياش دەرەخلەرگىمۇ، ھىچقانداق زەخمە زىيان سالماي كېتەرلىك كۈچنى ئالتە ھەسسە تۆۋەنلىتىپ، 2ـ9 مىتىر ئىگىزلىكتە بولغان، 1ـ12 سانتىمىر دىيامىرىدىكى شاخلارنى چاتىيالايدۇ، دەرەخ ئۇچىغا چىقىش ھاجەتسىز. بۇ ئەسۋاپلارمۇ «باتۇر سۈيى» بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان دۇنيا قۇرغاق رايون يېزا ئىگىلىكى ۋە  دېڭىز ئۈستى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يېزا ئىگىلىكىدە كەڭ قوللۇنۇشقا بولىدۇ.
+ _0 h; I) g: A: L) j9 ?) aدۆلەت ئىچىدە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ دۆلەت، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن، جەنۇبى شىنجاڭ، شەرقى شىنجاڭلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ دەرىس سۆزلەشتە ئىشلەتكەن تۈرلەر، پاتىنتقا ئىرىشكەن تەتقىقات نەتىجىلەر، زور ئىلمى بايقاشلار قاتارلىق 71 تۈرلۈك كەشپىياتىمنىڭ ھەممىسىنى(ئۈچ تۈرلۈك زور بايقاش بۇنىڭ سىرتىدا) تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكان ئىكوموھىت ئونۋېرسىتى قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەقسىز ئۈتۈنۈپ بېرىمەن. بۇ تۈرلەر ئارقىلىق ئىكوموھىت ئونۋېرسىتىغا ھەر يىلى 60مىليارت يۈەندىن، 5-يىلىدىن باشلاپ 100مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مالىيە كىرىم مەنبەسى جۇغلىغىلى بولىدۇ.
' O5 |. a& X$ e0 p* j8 @5 nھازىرقى مۇھىت شارائىتىدا ياشاۋاتقان، ئۆزى ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۇزاق قالمىغان كەلگۈسىدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ باققان ھەربىر كىشىنىڭ، مېنىڭ ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنىڭ كىچىكلىرىگىمۇ سەل قارىماستىن رەھبەرلەرنىڭ، مۇتەخەسىس ئۇستازلارنىڭ تەكلىماكان ئىكومۇھىت ئونۋېرستېتىنى قۇرۇپ چىقىشقا يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن.; \% d2 R2 D) b: ^7 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
11. مەن ھازىرغىچە يەر شارى قۇرۇقلۇقىنىڭ تاتلىق سۇ كەمچىللىكى تۈپەيلى ئىنسانلار ئەزەلدىن پايدىلىنالماي كېلىۋاتقان قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلىرى، قۇملۇق، قاقاسلىقلار ۋە قاقاس تاغ يانتولۇقلىرىدا ئۇمۇميۈزلۈك ئاشلىق ۋە باشقا يىمەگلىك زىرائەتلىرىنى تېرىپ ھۇسۇل ئالغىلى،ھەرخىل دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ، مىۋە مەھسۇلاتلىرىغا، ياغاچ ماتىرىيالغا، قەغەز ماتىرىيالغا، بىئو تالا ماتىرىيالغا، كۆپ خىل دورا ماتىرىيالغا، مۆلچەرلىگۈسىز ئۈسۈملۈك ئېنىرگىيەسىگە، مۇھىمى غايەت زور ئىكوموھىت بايلىقىغا ئىرىشىشنىڭ ئاساسى بولغان «باتۇر سۈيى» دىن ئىبارەت يىتەرلىك سۇ مەنبەسىنى تېپىپ چىققان ۋە كېڭەيتىلىشكە باشلىغان، پۈتۈن يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزىدىمۇ «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» ھاسىل قىلىلىشنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلىنى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار كونكىرت تېخنكىلىق تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك، سانائىتىگە، تەبىئى مۇھىتىغا 55  ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان ھىسابسىز بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئۇنىڭ زىيانسىز ئۈسۈملۈك ئاسراش، جانلىقلار پەرۋىشى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئاسراش، ئاتمۇسفىرادىكى بولغىمىلارنى تازلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنسانىيەت تەرەقىيات تارىخىدا كۈرۈلۈپ باقمىغان، يەرشارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئۈچ قەۋەت قاپلايدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئۆز تالانتىم، ئۆز زېھنىم، ئۆز ئىختىسادىم، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ ھۇجۇتقا كەلتۈرەلىدىم. مەن بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغانلىقىمدىن ۋە مۇشۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغالىقىمدىن، ئىنسانىيەت تەرەقىيات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تاپشۇرالىغىنىمدىن يۈكسەك دەرىجىدە  پەخىرلىنىمەن. مەن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. . . 9 a' v, A6 p# F- G( S+ pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بۇ 35 يىللىق ئىلمى ھاياتىمدا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ، ۋە ھەر مىللەتتىن بولغان  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا،ھېچ بولمىغاندا چوڭقۇر ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ، ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» ئاتىۋالغان نادانلىقتا ۋاھىەىن ئاشقان  بىر  نادان ئائىلە تەرىپىدىن ئىنسان تارتىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئۇزاققا سوزۇلغان رىيازەتلىك كۈنلەرنى  تارتىۋالدىم.ئەشۇلار ھەم ئەگشكۈچىلىرى شۇ قىلغان زىيانكەشلىكلىرى،سۇيقەسلىرىدىن ھۇزۇر ھېس قىلالامدۇ –يوق بۇنى بىلمەيمەن.خەيرىيەت.يەنە خەيرىيەت.....بۇ قوينى كەڭ تەبىيئەت دۇنياسى ئاشۇ نادان ئائىلنىمۇ ئىنسانلا تۈركۈمىگە قايتۇرۇپ ئەكىلۋالا!!!!
  T7 P  W) N2 v1 m9 w/ y9 K12. تەشەببۇسنامە چىقارغۇچى ۋە سالاھىيىتى
( T+ P) a& R6 ?تەشەببۇسنامە چىقارغۇچى باتۇر دانا، ئەر، ئۇيغۇر، 1958- يىلى تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدىكى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل قەدىمىئايماق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىدە پىشقەدەم مائارىپچى، ۋەتەنپەرۋەر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1980- يىلى ئاۋات ناھىيەلىك تەبئىي توغراق ئورمان مەيدانىغا خىزمەتكە قاتنىشىپ ھازىرغىچە بولغان 35 يىلدا ئىزچىل ناھىيەلىك ئورمانچىلىق سېستىمىدا خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن،1984-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە سەككىز يىل مۇنتىزىم تۇرۇپ شىنجاڭ ئونۋېرسستى شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ۋە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋىرېسىتى قاتارلىق ئالي بىلىم يۇرۇتلىرىدىكى ئىكىلوگىيە مۇھىت قۇرلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەينى چاغدا چەتئەللەردە ئوقۇغان ئۇزاق مەزگىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسىس ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇستاز تۇتۇپ ئىلىم تەھسىل قىلدىم.ئورمانچىلىق مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا ئىكۇمۇھىت قۇرلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈردە پاتنىت ھوقوقىغا ئېرىىشتىم. 1986-يىلى تەكلىماكان قۇملىقىدا داۋاملاشتۇرۋاتقان تەجىربىنى ئۈرۈمچى يامالىق تېغىغا يۆتكەپ ئوقۇش بىلەن تەتقىقات،تەجىربىنى بىرلەشتۈرۈپ زور ھاسىلاتقا ئېرىشتىم.1991-يىلى 2-ئايدا يامالىق تاغدىكى تەجىربە نوقتىسىنى تەكلىماكانغا يۆتكەپ كەلدىم.تەكلىماكان، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم قۇرغاق رايونلىرى،گەنسۇ،چىڭخەي،نىڭشا،سەنشى،بېيجىڭ،تىيەنجىن،ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. ئورمانچىلىق ئىنژىنىرى، ئىكومۇھىت تەتقىقاتچىسىى ، كەشپىياتچى، جۇڭگو ئورمانچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ مەڭگۈلۈك ئالىي ئەزاسى، جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىكولوگىيە ئىلمىي ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇھىت ئىلمى ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.- D! ]2 {9 \' Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% \( F; f6 K# C* h0 H% s7 s5 @+ U# n4 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بۇ 35 يىلدا جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەربىيىسىدە، تەشكىل تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئورۇنداپ، ئۆزلىگمدىن ئۆگىنىشنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرماي، ئىزچىل تىرىشىپ ئومۇمىي پەنلەر، بولۇپمۇ ئىكومۇھىت كەسپى پەنلىرىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىم، ئۆز ئىختىسادىمدىن 5مىليۇن 300مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سەرپىيات بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغىچە چوڭ- كىچىك جەمئىي 71 تۈردە كەشپىيات ياراتتىم ۋە تېخنىكا يېڭىلىدىم. 1989- يىلى تۇنجى كەشپىياتمنى پاتنېتقا ئىلتىماس قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 13 تۈردە پاتنېت ھوقۇقى ئالدىم، 20نەچچە تۈرنى ئاۋات، ئونسۇ، تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەلىرىگە 2- دەرسخانا پائالىيىتى بويىچە مائارىپ تارماقلىرى، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى سۆزلەشكە ئىلشىتىپ ۋە ھەردەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتىم. «كۈچەتلەرنى توشقان قاساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى» قاتارلىق بەزى ئەمەلىي قوللىنىشچان تۈرلەرنى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ 20 مىليۇن مودىن ئارتۇق باغ بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلىنىشىدا بەلگىلىك تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، زور ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى ھەم جايلار «كىمكى توشقان قاساشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالىسا 200مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىمىز» دەپ مۇراجەت توۋلىمايدىغان بولدى. ياۋا توشقانلارمۇ زەربىدارلىق بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋېتىشتىن قوغداپ قېلىندى.
; d( E8 |' ?; S3 h+ S
- V; t4 C+ ^  J  dئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى تەشكىل مۇئەييەنلەشتۈرى. مەملىكەت بويىچە 1- دەرىجىگە (ئالتۇن مىدالغا، گۇاڭخۇا مۇكاپاتىغا)، ئاپتونۇم رايون بويىچە، 1-، 2-، 3- دەرىجىگە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 1-، 2-، 3- دەرىجىگە ئېرىشتىم. ئورمانچىلىق ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى تەشكىل مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، 1994-يىلى ۋە 2011- يىلى ئىككى قېتىم «دۆلەت ئورمانچىلىق مىدالى»غا ئېرىشتىم. ئاپتونۇم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كەشپىياتچى» بولۇپ باھالىنىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىز، ئاقسۇ ۋىلايىتىمىز، ئاۋات ناھىيىمىز، جۈملىدىن ئورمانچىلىق سېستىمىمىزغا كۆپ تۈرلەر بويىچە كۆپ قېتىم شەرەپ كەلتۈردۈم.
4 u* z$ p& o; v" Q9 o0 r
( f% L7 A+ c7 p9 |. {; h# y- |5 _9 \ناھىيىمىزدە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «مەدەنىيەت باشلامچىسى»، «ئورماننى باشقۇرۇپ ئاسراش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغار شەخىس» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئېرىشتىم. پارتىكوم ۋە ھۈكۈمەت مىنى ھەر جەھەتتىن قوللىدى. 1990-يىلىدىن باشلاپ ئىش ئىزلىرىم مەركەز، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇرەتلىك سۇرەتسىز ئاخپارات ۋاستىلىرىدا كۆپ خىل شەكىللەر بويىچە كۆپ قېتىم تۇنۇشتۇرۇلدى.1994-يىلىدىن باشلاپ«ئۆگۈنۈش ئۈلگىسى»بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ياشلارنى مەندىن ئۆگۈنۈشكە چاقىردى.
+ |1 s5 K8 E( p# aبەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىم ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئومۇملىشىپ، مېنىڭ نامىمدا مەيدانغا چىقمىسىمۇ، نامغا ئامراقلارنىڭ نامىدا بەلگىلىك ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتتى. مەسىلەن: «ئىنىرگىيە تىجەيدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كاۋاپدان» (پاتىنىت نۇمۇرى: 90204734.5) قاتارلىقلار. (1990-يىلى پاتىنىتقا ئىرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇمۇملىشىپ، ئادەملەرنىڭ نەپەسلىنىش دائىرىسىدە ئىس-تۈتەك بولمىغان، ئۈستى يېپىق، ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، ئۆزىدىن چاي قاينايدىغان بۇ كاۋاپدان شەھەر مەدىنىيىتىنىڭ تۇلۇقلىمىسى سۈپىتىدە بۇرۇنقى ئىسلىق، مەينەت، قەلەي ئۇلاق كاۋاپداننىڭ ئورنىنى بېسىپ، بۇ يىگرىمە بەش يىلدا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنى پاكىز، قۇۋەتلىك، مىزىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدا ئۇزۇقلىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى، ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 300 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى).
- M7 g( z  j* u& N. ^. m( }0 q0 g% Z& A& B  C/ Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 s" X, z% c# n% J2 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بوشلۇق باقمىچىلىقى (بىئولوگىيەلىك كېسەل ھاشارەت يوقىتىش ئۇسۇلى)- بۇ تۈر 2008- يىلى «قۇش ئۇگا مۇنارى» نامى بىلەن پاتنېتقا ئېرىشكەن(پاتىنت نۇمۇرى: 200820103679.7). بۇ تۈرنى بىر مىليۇن يۈەنگە ئۈتۈنۈپ بىرىپ، پاتىنىت ھەققى ھازىرغىچە قۇلۇمغا تەگمىگەن بولسىمۇ، ھازىرقى ئۈنۈمى «باتۇر سۈيى» بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان دۇنيا قۇرغاق، قاقاس، قۇملۇق رايون يېزا ئىگىلىكىدە ۋە دېڭىز يۈزى «باتۇر بىئو لەيلىمە قۇرۇقلۇقى» يېزا ئىگىلىكىدە ئۇمۇميۈزلۈك قوللۇنۇشقا باپ كېلىپ، بىئولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەل - ھاشارات يۇقىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ.
, E9 J  j8 X" ?# v- Q7 h4 W- E3 Z; x1 l, [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& A& J& m/ p' i' x' l+ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىكولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەل ھاشارەت يوقىتىش ئىلمى ۋە بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋاپىقىيەتكە قازانغان. 1997-يىلىدىن باشلاپ جەنۇبى شىنجاڭ شەرقى شىنجاڭ رايونىدا 60 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى كېۋەزنى ئاساس قىغان 120 خىلدىن ئارتۇق ئۈسۈملۈك 7خىل ھاشارەت ئۈستىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كېڭەيتىپ ئەمەلى قوللانغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە «تۇپراقنى رېتسىپلىق ئۇغۇتلاش»، «لوپنۇر كالىيلىق تۇز كېنىنى ئېچىپ پايدىلىنىش» تۈرلىرى مەيدانغا كەلگەن. بۇ تۈرنى 2001-يىلى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئۈسۈملۈك ئاسراش ئوقۇتقۇچىسى ئاۋات ناھىيىسىدىكى قارا جەمىيەتنىڭ ياردىمىدە، ئادەم سېلىپ ئۇغۇرلاپ، تەركىۋىنى تەكشۈرۈپ چالا ماقالىدىن بىرنى ئېلان قىلىپ، «پىروفىسور» ئۇنۋانىغا ئېرىشىتى. رايۇنىمىزدا شۇنداق مۇتىخەسىستىن بىرسىنىڭ پەيدا بولىشىغا ۋە كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولغان. بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق نەزىرىيە تەتقىقات ماتىرىيالى ھازىرمۇ مەندە ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇتۈر بىر قىسىم جايلاردا ئومۇملاشتى.
) F9 \% u+ u8 _" ^+ D1 @ «باتۇر سۈيى» (قاقاس يەرلەردىن قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە ئاتموسفىراغا ئىزچىل كۆتۈرۈلىۋاتقان سۇ پارىنى تۇراقلاشتۇرۇپ سۇغا قايتۇرۇپ، قاقاس رايونلاردا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرىدىغان، ئىچىملىك سۈيىنى ھەل قىلىدىغان، نىفىت سۈيىنى ھەل قىلىدىغان ھاسىلى سۇ) بۇنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسى، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ سۇغا بولغان چۈشەنچىسى كۈنسايىن ئېشىپ، كىشلەر ئوغۇرلاپ ئىشلىتىشتىنمۇ باش تارتمىدى. 2013-،2014-يىلى 237مىليۇن مويەردە كەڭەيتىلىپ، قاقاس رايونلاردا زور ئىختىسادى، ئىجدىمائى، ئىكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتتى. بۇتۈر ئافرىقىغىمۇ كېڭەيتىلىشكە باشلىدى.7 ]) R" q! Q, |8 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئىلمى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ كونكىرىت «تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى» ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ دۆلتىمىزنىڭ ئونۋېرىسال كۈچىنى 3-5ھەسسىگىچە ئاشۇرالايدۇ. پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %0گە چۈشۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن ئۈچ تۈردە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ 500 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىشىگە يېتىپ ئاشىدىغان تاتلىق سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەر شارىنىڭ ئىكومۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى 500 يىل ئالدىغا سۈرەلەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىياتىنى 300 يىلدىن ئارتۇق ئالدىغا سۈرەلەيدۇ. # J. J+ z2 P) M! `0 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭدىن باشقا 10نەچچە خىل يېڭى ئۆسۈملۈك دورا رېستىپلىرى، ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى، تۇرخۇنلاردىن چىقىدىغان بۇلغۇمىلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى، قاقاسلىقتا ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئىكومۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىم بولۇپ، ھازىر بۇ تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقت كەلدى.
2 ^( w6 f: u* ]" l. M& D0 ?مەخسۇس ۋەزىپىدە بولمىغان، چەت، نامرات، چېگرا رايونلاردىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئىكومۇھىت قۇرۇلۇش تەرەققىيات تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلمى ئەمگەك نەتىجىلىرىنى چوقۇم ئاشكارە، قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئەمىلى قوللىنىپ، دۆلەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بۇرۇنراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تايانچىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
6 E' m% M0 W& f& @) K) e9 `مەن ھازىرغىچە،مېنى قوللىغان،قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا رەھبەرلىك قولىنى سوزغان ۋە ياردەم قىلغان رەھبەرلەردىن ئىسمايىل ئەھمەت،ئابلەت ئابدۇرشىت،جانابىل،ئابدۇرېھىم ھامۇت،مىجىت ناسىر،ليۇجىمىن،يۇسۇپ ئەيسا،ئېزىز قېيىم،ناسىر نىياز،ليۇگولىياڭ،ئەركىن تۇنياز،مۇتەللىپ قاسىم،ئابلەت ياقۇپ،يۈسۈپ توختى،ليۇ بىڭ،لۇشاۋجۇڭ،ئىمىن ھادىل،ھاپىز كېرەم قاتارلىق رەھبەرلەرگە، شىنجاڭ ئونۋېىرستىتى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونۋېىرستىتى،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرستىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى شىنجاڭ ئىكىوگىيە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسىس ئۇستازلارغا  لايىقىدا رەھمەت ئېيتالمىدىم.شىنجاڭ ئىكۇمۇھىت ئونۋېرستىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئۇلارغا ئۇچۇق ئاشكارە رەھمەت ئېيتىۋېلىشىمغا پۇرسەت بولسىكەن دەيمەن ئۇنداق بولمىغاندا مېنىڭ شۇنچە كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئاشكارە ياكى ئوغۇرلاپ ئىشلەتكەن شېركەتلەر بولسۇن، مېنى قوللىغان ئاشۇ رەھبەرلەر ۋە ئۇستاز ئالىملارغا ۋەياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغا مېنىڭ ئورنىمدا لايىقىدا رەھمەت ئېيتىشنى ۋىژدانەم ھاۋالە قىلىمەن.تېخنىكا ئوغۇرلىرىدىمۇ قىسمەن ئىنسانى ۋىژدان بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
# t8 o( T# I* o) C/ G  ~مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم ئادەملىرى نادانلىقتا قالغان ئانا ماكان تارىمنىڭ سېلىتسىي تۇمانلىرى باسقان تەكلىماكان دىيارىدا دۇنياغا داڭلىق «شىنجاڭ تەكلىماكان ئىكولوگىيە مۇھىت ئونۋېرستېتى» قۇرۇش ئارقىلىق، تەبىئى-پەندە، شۇنداقلا ئىلىم دۇنياسىدا، ئىلىم-پەن ئارقىلىق يورۇقلۇق تېپىشنى كېچە- كۈندۈز ئارزۇ قىلىمەن.
* X3 [$ y' Y3 Iھۆرمەت بىلەن:( B! R6 P8 @/ {: n2 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىنژىنىرى باتۇر دانا(لازىم), m0 D; P0 H' [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسكەرتىش:
* F; s4 {3 v* L4 I①مۇشۇ ماتىرىيالغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئالاقە ئىشلىرى بولسا مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشنى سورايمەن.ئالاقە تېىفونۇم :13579105731
& N, R. I2 s, F8 b  T& \: i0 F: A ②مىنىڭ فامىلەم ئەسلى دانا بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە «دانى» بۇلۇپ قېلىپ، كىملىك، بەزى ئارخىپلارغىمۇ دانى پېتى يېزىلىپ قالغان، ئۇيغۇرلاردا ئەسلى «دانى» دېگەن ئىسىم بولمايدۇ. فامىلەمنىڭ بوۋام قويغان «دانا» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىشىمغا ياردەم قىلغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.% k9 s  c/ @) r7 i4 y# aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
③بۇ ماتىرىيالنىڭ خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، گېرمانچە، ياپۇنچە تەرجىمىسى تەييارلىنىۋاتىدۇ. تەرجىمان قېرىنداشلىرىمنىڭ تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىقىنى ئەسكەرتىمەن.7 Y8 w' G9 f/ o( u  t. i; G1 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2015- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى# _* A. |! b9 y3 W2 d8 S8 D3 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىم تەكلىماكان
; l1 o' f* \  Q4 Y% S; `
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ بەك چوڭ ئ‍ىشكەن،ئارزۇ خىيال ئ‍ەمەستۇ ھە؟!

باھا سۆز

سىز ئاقتۇ ناھىيسى پىلال يىزىسدىن ئ‍ەمەسسىز ھە ،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-5 01:19
pilal يوللىغان ۋاقتى  2015-6-4 13:40: w$ `7 G# n, |6 w1 t) @, u, d9 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ بەك چوڭ ئ‍ىشكەن،ئارزۇ خىيال ئ‍ەمەستۇ ھە؟!

- s# G( O; H; _$ Oسىز ئاقتۇ ناھىيسى پىلال يىزىسدىن ئ‍ەمەسسىز ھە ،

باھا سۆز

ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسى دەيدۇ . بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشمەن . ئارزۇيىڭى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-30 13:38
شۇنداق 'سىزچۇ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-7 17:20
ۋاقتى: 2015-6-5 12:45:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ !ئاجايىپ تەسەۋۋۇر، چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ، ئوقۇۋىتىپ ھوللىۋودنىڭ  كىنولىرىنى كۆرگەندك بولدۇم.  كىنوچىلىقىمىز تەرەققى قىلغان بولسا، ‹ئاۋاتار›غا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىسل كىنو ئىشلىگىلى بولغىدەك بۇ تەسەۋۋۇر بىلەن.
0 P- b( _3 T- H& W) w بۇ شىنجاڭنىڭ، جۇڭگونىڭ، پۇتۇن دۇنيانىڭ ئارزۇسىكەن، ئەمەلگە ئىشىشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن!
ۋاقتى: 2015-6-5 12:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەمەلگە ئىشىپ قالسا پۈتۈن ئىنسانىيەت زامان ئاخىرى بولغىچە ياد ئىتىدىكەن سىزنى، (بۇ يازمىنى ئوقۇپ بىر چاغلادا توردا تارقىغان"مۇ قۇرۇقلىقى" ھەققىدىكى رىۋايەت يادىمغا كەپ قالدى.  ئىككى مەزمۇننى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلسا ،ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۇيغۇر بىلەن باشلىنىپ  ئۇيغۇر بىلەن يارىتىلىدىغاندەكلا بىلىنىدىكەن .
+ G: f5 l' V) f! O" D6 i
ۋاقتى: 2015-6-6 13:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغۇچى ئاپتۇر شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ ، بۇ يازمىنى ئوقۇغانچە قەلبىمنى دەھشەت ھاياجان چىرمىۋالدى ، يۈرەك سوقۇشۇم تىزلەشتى . ئەمما تەتقىقات نەتىجىسى ئوغۇرلانغان يەرگە كەلگەندە دىماقلىرىم ئېچىشىپ بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ، كۆز چاناقلىرىم نەملەندى ،ھىلىمۇ ياخشى پاتىنىت ئىلتىماسىغا كىرگۈزۈلمىگەن نەتىجىلىرىڭىز قولىڭىزدا باكەن ، بۇ پىلانىڭىز نىڭ تەستىقتىن ئۆتىشىنى تەتقىقات نەتىجىڭىزنىڭ تىزراق ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئۈچۈن ئەمىلى خىزمەت قىلىشىغا تىلەكداشمەن .
elturuk يوللىغان ۋاقتى  2015-6-5 01:19
4 I. K) }" Z* Q: O. Y  z1 w8 yسىز ئاقتۇ ناھىيسى پىلال يىزىسدىن ئ‍ەمەسسىز ھە ،
9 E$ t4 D4 y1 @. R7 i9 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنداق 'سىزچۇ؟

باھا سۆز

مەنمۇ پىلالدىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-6-7 23:34
ۋاقتى: 2015-6-7 23:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pilal يوللىغان ۋاقتى  2015-6-7 17:20
4 a3 {) ^$ B1 ]7 s6 _8 C, hشۇنداق 'سىزچۇ؟

2 @# ?, R. E) W& |; X, Q& Z7 V1 Nمەنمۇ پىلالدىن
ۋاقتى: 2015-6-8 01:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانابۇ قاپلاندەك جاسارەتكە تولغان، ئۆز نىشانى ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلالايدىغان، كەلگۈسىنى ئالدىن بايقىيالايدىغان، يىراقنى كۆرەر كۆزلەردىن چاقنىغان نۇر. ئىنساندا ئۇلۇغ غايە بۇلۇش كېرەك ، توختاۋسىز ئىگىرلەش روھى ، سۇنماس جاسارەت، يانماس ئىتىقاد بۇلىشى ھەم كېرەك . مەنمۇ بۇ ئونۋېرىستىتنىڭ تېزرەك ھۇجۇتقا چىقىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈممۈد قىلىمەن .  باتۇر ئەپەندىمنىڭ نەتىجىللىرىدىن ئالەمچە سۆيۈندۇم.
ۋاقتى: 2015-6-30 13:38:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elturuk يوللىغان ۋاقتى  2015-6-5 01:192 A/ g/ G  n  c7 c/ J% C/ i7 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز ئاقتۇ ناھىيسى پىلال يىزىسدىن ئ‍ەمەسسىز ھە ،
0 j6 x5 y$ c. _! Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسى دەيدۇ . $ w5 Q  ]# q2 F6 ]5 B& O( eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشمەن . ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشقۇچە تىنىڭىز ئامان بولغاي (بىز بىر يۇرتتىن كەنمىز)

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش