روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1728|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] دېھقىنىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 22:23  

دېھقىنىم



تالاي يىللار جاپالىق ئىشلەپ ھاردىڭ دېھقىنىم ،
ئاددىي – ساددا تۇرمۇشقا كۈنۈپ كەلدىڭ دېھقىنىم .
قان – تەرىڭنىڭ ھوسۇلى كۆرۈلگەندە ئەمگەكتە ،
خۇشال بولدۇڭ ، روھلاندىڭ ئەجىرىڭدىن دېھقىنىم .

كېۋەز ، قۇناق ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى دەپ ھەر يىلى ،
كېچە – كۈندۈز دىمەي سەپ سۇ باشلىدىڭ ئېتىزغا .
ھېيىت – بايرامنى ، ئايەمنى ، ئۇنتۇپ بەزى پەتىنى ،
ئېتىز – ئېرىق بۇيىدا قىر ياسىدىڭ دېھقىنىم .

بىز يىگەن ئاش – نانلاردا سېنىڭ قان – تەر ، مېھرىڭ بار ،
ئەجرىڭنى ئۇنتۇغانلار بولۇر بىر كۈن خارۇ – زار .
دەرد - ھالىغا يېتەيلى ، قەدىرلەيلى ، كۆيلەيلى ،
تۇزكورلىقتا ئۆتمەيلى ، ئىتتىپاقلىق بولسۇن يار .



مەنبە :  ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 )
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-1 01:28:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، دېھقاننى، شۇلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى قانچە ئويلىساق، قانچە كۈيلىسەك ئازلىق قىلىدۇ. ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى دېھقان ئەجرى بىلەن يىلتىزداش. دېھقاننى خارلىغانلار، ئاناي تاپقانلار ھامان بىر كۈنى جاجىسىنى يېمەي قالمايدۇ.

باھا سۆز

دېھقانلار ھەقىقەتەن جاپاكەش ھەم سۆيۈملۈك كىشىلەر ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيلى ، ھۆرمەتلەيلى .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-1 11:08
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 11:08:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 01:28
شۇنداق، دېھقاننى، شۇلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى قانچە ئويل ...

دېھقانلار ھەقىقەتەن جاپاكەش ھەم سۆيۈملۈك كىشىلەر ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيلى ، ھۆرمەتلەيلى .
ۋاقتى: 2015-2-1 14:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېۋەز ، قۇناق ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى دەپ ھەر يىلى ،
كېچە – كۈندۈز دىمەي سەپ سۇ باشلىدىڭ ئېتىزغا .
ھېيىت – بايرامنى ، ئايەمنى ، ئۇنتۇپ بەزى پەتىنى ،
ئېتىز – ئېرىق بۇيىدا قىر ياسىدىڭ دېھقىنىم .

بۇ شئېرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،ياقتۇردىم ،دىېقىنىم ئەسلى بىر چوڭ تىما قانچىلىك يازالىساق شۇنچىلىك يازساق ھەم مەدىلىسەك ئەرزىيدۇ .

باھا سۆز

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-1 15:23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 15:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WOLKANI يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 14:52
كېۋەز ، قۇناق ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى دەپ ھەر يىلى ،
كېچە – ك ...

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-2-1 15:30:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

بولىدۇ ، تەكلىپىڭىزگە رەھمەت . بۇ شىئىرنى ئاخشام يازغان ئىدىم ، تېخىمۇ پۇختىلاپ يولىسام بولغۇدەك .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-1 15:34
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 15:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 15:30
شېئىرنىڭ تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد ق ...

بولىدۇ ، تەكلىپىڭىزگە رەھمەت . بۇ شىئىرنى ئاخشام يازغان ئىدىم ، تېخىمۇ پۇختىلاپ يولىسام بولغۇدەك .
ۋاقتى: 2015-2-1 15:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپسىز ھە ؟ ئەزھەر ئەپەندى .خاتالىق بولسا تۈزەتكىنىمىز ياخشى .
ۋاقتى: 2015-2-1 15:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپسىز ھە ؟ ئەزھەر ئەپەندى .خاتالىق بولسا تۈزەتكىنىمىز ياخشى .
ۋاقتى: 2015-2-3 13:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. نۇرلان ئەپەندى دىگەندەك شىئىرى تىلغا ئەھميەت بېرىڭ. ھەم يېزىپ بولۇپلا يوللىماي چۇقۇم قايتا قايتا ئىشلەڭ. باشقىلار دىگەندىن ئۆزىڭىز بايقاشقا ماھىر بولۇڭ.

باھا سۆز

ئۇستازنىڭ تەلىمىگە رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-3 15:32

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-1 12:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش