روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2733|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دوستۇمغا نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 22:26  

دوستۇمغا نەسىھەت


تاللاش ھەم شاللاشتا چىقتىڭ خىزمەتكە ،
چىڭ تۇتقىن ياشلىقىڭ ئالتۇن پۇرسەتنى .
كەمتەر بول ئالدىڭدا مەنزىللەر ئۇزاق ،
قۇندۇرما قەلبىڭگە يامان ئىللەتنى .

سەتەڭلەر ‹‹ھېيلىسى›› ئازدۇرار بىزنى ،
مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ يېقىملىق نازى .
سەزگۈر بول ، ئالدانما چۈشەن ‹‹ كۈڭلى ›› نى ،
ئاقچىدىن باشقىنى ئويلىماس زادى .

ھاياتلىق يوللىرى داغدام تۈز ئەمەس ،
يېقىتار ، بەزىدە قالدۇرار ھەيران .
تېرىشىپ ئەجرىڭدىن ئۈندۈرمىسەڭ گۈل ،
باشقىلار قەلبىدە بولىسەن سەرسان .

ئەخلاق ھەم ئىقتىدار بولسۇن ساڭا يار ،
ئەخلاقسىز كىشىدىن خەلقمۇ بىزار .
يامان كۆز نىيەتتە چوت سوققانلارغا ،
تارتماققا جازاسى سورىقىمۇ بار .

‹‹ مەڭگۈلۈك ئۆگىنىش ›› بولسۇن نىشانىڭ ،
تېرىشقىن ئۆزلىكسىز قالدۇرما بوشلۇق .
شۇندىلا يېتىسەن ئارزۇ – مۇرادقا ،
باسقان دەل ئوڭۇشلۇق قەدەمگە چۇشلۇق .

مەنبە :ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر36 )
2015 - يىل 1- ئاينىڭ 30 - كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-31 12:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمىيلىكنى، قېرىنداشلارچە دوسلۇقنى ۋە ئەخلاقنى مىزان قىلغان بۇ شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ چىقىپ سۈيۈندۈم. ياخشى يېزىۋاتىسىز ئەزھەر ئەپەندى. ياخشى يازمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.

باھا سۆز

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، تەكلىپ - پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-31 14:16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-31 14:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 12:48
ئادىمىيلىكنى، قېرىنداشلارچە دوسلۇقنى ۋە ئەخلاقنى مىز ...

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ،  تەكلىپ - پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .
ۋاقتى: 2015-1-31 19:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر ئەپەندىم تۇنجى شېئىرىدىن باشلاپلا خېلى ياخشى يېزىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق تىرىشسىلا كۆپ ئۆتمەي مول ھوسۇللۇق قەلەمكەش بولۇپ قالىدۇ.
يەنىمۇ تىرىشىششىڭىزغا تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

نورلان ئەپەندى مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە ياخشى باھالارنى بېرىپ كىلىۋاتىدۇ . ئېلھام بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . مەن شى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-31 20:01
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-31 20:01:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 19:31
ئەزھەر ئەپەندىم تۇنجى شېئىرىدىن باشلاپلا خېلى ياخشى ي ...

نورلان ئەپەندى مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە ياخشى باھالارنى بېرىپ كىلىۋاتىدۇ . ئېلھام بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
مەن شىئىر ئىجادىيىتىنى ئەمدىلا باشلىغان ‹‹ مايسا ›› ، سىزدەك ئۇستازلارنىڭ كۆپىرەك تەكلىپ - پىكىر بېرىشىگە مۇھتاجمەن .
ۋاقتى: 2015-2-6 00:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر ئەپەندىنىڭ شئېرلىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !

باھا سۆز

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-6 11:33
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 11:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WOLKANI يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:57
ئەزھەر ئەپەندىنىڭ شئېرلىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،ئىلھامل ...

ئېلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 10:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش