روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2937|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سېغىنىشقا سەۋەپ كەتمەيدۇ.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 13:02  

سېغىنىشقا سەۋەپ كەتمەيدۇ

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى( ئاسۇق )

ئوخشىمايسەن ھېچكىمگە دىلبەر،
قىيناقلىرىڭ ئەزدى دىلىمنى.
سېغىنىشقا تولغان يۈرۈكۈم ،
تۆكمە قىلىپ ساتار ئۈلۈمنى.

بىر سەۋدا بار يۈرەك تەكتىدە،
دىمەك بۇنى قىلمايمەن ئىنكار.
سېغىنىشقا سەۋەپ كەتمەيدۇ،
ئايرىلىشتىن ھەممەيلەن بېزار.

مىنى كۈرۈپ ئەجەل ئۈستىدە،
كەتمىكىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟
گۈپ-گۈپ قىلىپ تۇرسا بۇ يۈرەك،
يۈرەلەمسەن ئۈلۈم قەستىدە؟ ........

2015-يىلى 10-يانىۋار ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-18 14:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا، ھەر بىر مىسراسىدا يېڭىچە پىكىرلەر بار دىسە؟
شېئىردىكى تىلنىڭ پاساھەتلىكىگەگەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ!
ۋاقتى: 2015-1-18 23:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدىكى ھەر بىر مەنا- مەنتىقە ھەقدادىغا يەتكەن. لېرىك- مۇڭ كۈيلۈك ناخشىلارنى ئەسلىتىدىغان شېئىرلىرىڭىز روھلان مۇنبىرىدە پات- پات پەيدا بولمىسا كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ قالىدىكەن. قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت نىسىپ بولسۇن «نەۋرۇز» ئەپەندىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 12:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 23:52
شېئىرلىرىڭىزدىكى ھەر بىر مەنا- مەنتىقە ھەقدادىغا يەتك ...

جام ئەپەنىدىنىڭ ھەر بىر ئىنكاسى ئادەمگە بۆلەكچىلا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ جۇمۇ . رەھمەت جام ئەپەندى. مەن تېرېشىمەن.
ۋاقتى: 2015-1-19 12:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىمنىڭ سۆيگۈنى ئۆزىگە چىرايلىق دىگەندەك، راست سېغىنىشقا سەۋەپ كەتمەيدۇ، بۇ شئېرىڭىزمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 13:12:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 14:56
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا، ھەر بىر مىسراسىد ...

نۇرلان ئەپەندىنىڭ باھاسىغا رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 13:21:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 12:06
ھەركىمنىڭ سۆيگۈنى ئۆزىگە چىرايلىق دىگەندەك، راست سېغى ...

ياخشى تېلەكلىرىڭىزگە رەھمەت مەرىپەت خانىم.
يەنە بىر ياخشى ئ‍ەسەر يوللاپسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندى،،،،،،،مەن بەكمۇ ياقتۇردۇم،،،،،قەلىمىڭىزگە كۈچ سىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-22 16:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 08:30
يەنە بىر ياخشى ئ‍ەسەر يوللاپسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندى،،،،،، ...

ياختۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم . رەھمەت سىزگە. ئەسەر يوللىماس بوپ كەتتىڭىزغۇ؟

باھا سۆز

ھىچنىمە يازالمايۋاتىمەن ،،،،،بەزىدە بەكمۇ ئ‍ۆتكۈرلىشىپ كىتىدۇ بۇمىمىڭەم،،،،نىمە بولدۇمكىن تاڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-23 19:13
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 16:49
ياختۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم . رەھمەت سىزگە. ئەسەر يول ...

ھىچنىمە يازالمايۋاتىمەن ،،،،،بەزىدە بەكمۇ ئ‍ۆتكۈرلىشىپ كىتىدۇ بۇمىمىڭەم،،،،نىمە بولدۇمكىن تاڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 04:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش