روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2121|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۈلۈمۈم ئۆلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈمۈم ئۆلدى

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)

ھاراق ئىچتىم ئۈلۈمۈم بىلەن،
ئۈلۈم باشتا تاشلىدى يىغلاپ.
بوتۇلكا خوشلۇقتا چۈشتى ئۇسسۇلغا،
رومكىنىڭ كۆزىدە لىققىدە ئازاپ.

مەن كەتمەكچىمەن كەچۈرگىن مىنى-
ئۈلۈم يەنە باشتا خوش دىدى.
شەپەقتەك يارلىنىپ تۇرغاندا ئازاپ،
يىغامنىڭ ئەكسىدىن تاغلار يېرىلدى.

ئەي جېنىم قەبرەمگە بارمىغىن يوقلاپ-
بۇ بولدى ئۈلۈمنىڭ ئاخىرقى سۆزى.
ئېھتىمال ھېچنىمە بولمايدۇ ماڭا،
ئۈلۈمگە ھازىردار بولدۇم شۇ كۈنى.

ئاقسۇ  شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-29 12:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىدىن غوجىمۇھەممەد  مۇھەممەدنىڭ قەلەم ئىزناسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يارقىن تەپەككۇرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 12:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار ئوقۇرمەنلىرىم، شىئېرىمدا مەنە تۇتۇقلىقى كۈرۈلۈپ چۈشىنەلمىگەن بولساڭلار  ياكى شىئرېم ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلساڭلار تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن. بەلكىم مەن مۇشۇ ئۇسلۇب(ناۋادا بۇنى ئۇسلۇب دىيىشكە بولسا) تا شىئېر يېزىپ كۈنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن ئىچىم سىقىلغاندا ، ئۆزۈمنى دۇنيادىن يەككە ھالدا ئايرىپ چىققاندا، ئۆزۈمنى تامامەن ئادەمسىز دۇنيا سەھنىسىگە قۇيۇپ  بەرگەندە ۋە ھەتتا ئۆزۈمنى مۇشۇ خىل مۇئەللەق خىيالللىرىغا تاشلاشقا سەۋەپ بولغان سەۋەپكار ئۈستىدە ئۈنسىز خىيال سۈرگەندە، ئىزسىز ئىجاتسىز قېلۋاتقان  ھاياتىمغا ئېچىنىش تەپەككۇرى بىلەن قايتا قاراپ چىققاندا، مەن سۆيگەن ۋە مىنى سۆيگەنلەرنىڭ ماڭا بولغان قارىشى ھەققىدە ئويلىنىپ كۈزۈم نەملەنگەندە، ھاياتلىق دەرىخىمىنىڭ سايىسىمۇ  چۈشمەي تۇرۇپ ئاچچىق يىلتىزى ئەتراپتىكى يېشىللىقنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر قىلۋاتقىننى سەزگەندە، زەئىپ يۈرۈكۈم ئەتراپىمدىكىلەرگە ئىنسانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تويمىغاندا........قەلەملىرىمگە ئىلھام كىرىدۇ. شىئېر يېزىشقا شۇنچىلىك ئالدىرايمەنكى بۇ ئاياللارنىڭ تولغىقىدىنمۇ دەھشەتلىك  بولىدۇ. ‹‹ئۈلۈم، قان ، قەبرە، ئازاپ ، كۈلكە، ئىمان، ئىتقاد، ئۈمۈد، روھسىز تەن، ئىشەنچىسىز قەلىب، غۇرۇر، ۋىجدان، ئادىمىيلىك .................››قەلىمىم ئاستىدا سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. مەن تاللايمەن، ئەمما ئىرادەم ‹‹ئۆگىنىپ قالغان ›› ئىلھامىمنى تۇسۇپ قالالماي مانا مۇشۇنداق تاققا تۇققىلارنى قەغەزگە تۈكۈپ تاشلايدۇ. بۇ مىنىڭ نەزىرىمدە بىر شىئېر بوپ يىتىلىپ چىقىدۇ بىلمىدىم سىلەرگە قانداقكىن.............
ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت ۋە ئىناق قىلسۇن. مەن ۋە شىئېرىم توغىرسىدا كۆپ تەپەككۇر قىلىش كەتمەيدۇ. ئەمەليەتتە شىئېرىلىرم مەندىنمۇ ئاددى. ئۇ پەقەت مەن ئۈچۈنلا سۆزلەيدۇ........................................
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 12:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 12:46
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىدىن غوجىمۇھەممەد  مۇھەمم ...

نۇرلان ئەپەندىنىڭ باھاسىدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم. غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد تەك ئۇستاز شائىرلارغا ئوخشىشىمىزغا تېخى بەكلا يىراقتىمەن. قەلەم ئادەمگە بويسۇنمىغاندا مۇشۇنداق بىر نىمىلەرنى جىجاپ سالىدىكەنمىز.
ئەمما ياختۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم نۇرلان ئەپەندى.
ۋاقتى: 2015-1-29 13:31:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىلا بولمىسۇن: ئۆلۈمنىڭ ھەممىنى مۇتلەق يېڭەلەيدىغانلىقى دەرھەقىقەت! ئەلمىساقتىن شۇ كەمگىچە ئۆلۈمنى يېڭەلىگەن مەۋجۇدات بولغان ئەمەس...
ۋاقتى: 2015-1-29 19:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز چۈشىنىشلىك ، مىغىزلىق ، ياخشى چىقىپتۇ .
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ يېڭى ئېلھاملىرىغا تېخىمۇ بەرىكەتلەر يار بولسۇن !!1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 22:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 19:48
شىئىرىڭىز چۈشىنىشلىك ، مىغىزلىق ، ياخشى چىقىپتۇ .
نەۋر ...

ئەزھەر ئەپەندىنىڭ شىئېرىم ئىچىدە تۇرۇپ چۈشۈنۈپ يازغان ئىنكاسىغا رەھمەت. ئىنكاسىڭز ماڭا ئىھام بېرىىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-6 06:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش