روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4290|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 23:12  

ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


                   قاسىم سىدىق


     ( مەرھۇم  روزى سايىت   ئىزىدىن )


بىرسى ساق كىرىدۇ،بەزىلىرى مەس،
مۇنبەردە ھەممە بار، ساپا ئىگىز -پەس.
مورىنىڭ دەردىنى غەيرىسى بىلمەس،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بەزىلەر قەستەنگە بۇزىدۇ ئىشنى ،
ئاغرىقنى قالدۇرۇپ،تارتىپ ساق چىشنى.
كەسىپ قىپ تاللىغان نېزا تېرىشنى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس.


بەزىلەر ئويلايدۇ:«ئاتالسام باتۇر»،
شۇ مەقسەت تۆپەيلى چاغلىماي ئاتۇر.
بو ئوقنىڭ دەردىنى شۇ باشلىق تارتور،
(چاي ئىچور،مۇما يەر،ھەپسىدە ياتۇر)
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بىر«باتور» دەستىدىن مۇنبەر تاقالغان،
بىر ئىلىم سەيناسى-سەھنە يوقالغان.
دەرىد كەلسە بۇ  «باتۇ»-تەلۋە يوقالغان،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بەزىلەر ئورۇنسىز غەلۋە قىلىدۇ،
پايتىمىسىنى سەللە قىلىدۇ،
يازمىسى ئىنساننى رەللە قىلىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بەزىلەر ئىچىشقان تۆھمەت بازىرى،
بەزىلەرنايناقلاپ شەھۋەت بازىرى.
تارايغان ئىززەت ھەم ھۆرمەت بازىرى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


ئەمگەككە سەھنە تار ،پىتنىلەرگە كەڭ،
دەلىلسىز سۈيىقەسىت، «قەتلى»لەرگە كەڭ،
نە ئۈچۈن بۇ جاھان رەزگىلەرگە كەڭ؟!،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


شاكالنى شاللىغىن جەۋھەر قالسۇن ساق،
ھەممىنى رەت قىلساڭ ،بولماس يۇزۆڭ ئاق،
بولمىغىن ھەسەتخۇر،قۇسۇرچى،قىلتاق،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


بەزىلەر بىر يەرگە داتلاپ بارىدۇ،
بىر بولسا ئون قىلىپ قاتلاپ بارىدۇ،
شەيتاننى مىنىپ يا ئاتلاپ بارىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


ئەل ئۈچۈن ئىش قىلاي،بېرەي دەپ بەدەل-
مەن مۇنبەر ئاچقانغا تويغان بىر مەھەل،
نە ئۈچۆن بىزدە كۇپ ،نېزا ۋە جىدەل؟.
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


2015-يىل 15-يانۋار

ئىزاھات:

ئۆتكۈر پىكىرلىك شائىر، ئىجتىھاتلىق مائارىپچى ئۇستاز قاسىم سىدىق ئاكا يېقىندا بۇ شېئىرنى يېزىپ، مۇنبەرلەرگە يوللىغانىدى. رېئال قىممىتى بار ياخشى ئەسەر بولغاچقا، ئەركزات مۇنبىرى دىكى بۇ شېئىرنى روھلان ئەھلىگە سۇندۇم. مەقسەت: مۇشۇ شېئىردىكى چىن تۇيغۇلار تەشەببۇسى ياردىمىدە  قېرىنداشلىرىمىز ئۆزئارا  زارلاپ-قاقشىماي، باشقىلار ئەجرىنى چۈشىنىپ، ئادىمىيلىك پەزىلەت بىلەن ياشىشىمىزغا تۈرتكە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئىستەك بار.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

دىۋان
ۋاقتى: 2015-1-18 01:07:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەركىزات ئەپەندىمنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، تەتقىقاتچى قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ بۇ شېئىرىنى مۇنبەرگە يوللىغىنىدىن خوشال بولدۇم. مەن بۇ شېئىرنى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى " يازغۇچىلار تورى"، "باغداش مۇنبىرى"،"ئەركىزات تورى"... قاتارلىق تورلاردا كۆرگەن. تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان شېئىر. قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ تېنى سالامەت، تەتقىقات ئىشلىرى كۆڭلىدىكىدەك بولسۇن.
ھەسەت، پىتنە-پاسات ھەممىمىزدىن يىراق بولغاي!
3-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-1-18 12:44:10 | ئايرىم كۆرۈش
بەك راۋان ھەم يېقىشلىق يېزىلغان ئەسەركەن. تولىمۇ سۈيۈپ ئوقۇدۇم. رەھمەت سىزگە
4-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-1-18 23:48:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن تېتىملىق، ياخشى چىققان، رىئاللىق چىن مەنتىقىسى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىسىل شېئىر ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن شېئىر مۇئەللىپى- ئۇستاز شائىر قاسىم سىدىق ئەپەندىمگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىردەك يەنە بىزنى مۇشۇنداق نادىر ئەسەر ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئازغۇنلارنى توغرا يولغا باشلاشنى نىيەت قىلغان «ئەركىزات» ئەپەندىمگىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!
بۇ يەردە كۆپ گەپ قىلىش بىھاجەت بولسا كېرەك، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنگىچە ھاياتىمدا كۆرگەن- بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، بۇ ھەقتىكى بىردىنبىر تەسىرات سۆزۈم: «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ».
5-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-1-19 15:22:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ياخشى مەزمۇن بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرغۇچى ئەركزات ئەپەندىگە كۆپ رەخمەت .
ياخشى  چىقىپتۇ  قۇلىڭىزغا   دەت  بەمىسۇن
7-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-25 00:33:14 | ئايرىم كۆرۈش
تەسلىكىنى ھىس قىلدىم  
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
8-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-25 12:08:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ياخشى مەزمۇن بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرغۇچى ئەركزات ئەپەندىگە كۆپ رەخمەت .
9-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-5-15 23:54:30 | ئايرىم كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى بايقىغان كىلاسسىك فىزىكا نەزەرىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئېنىرگىيە ھەققىدىكى بىر تەلىماتىنى ئىسپاتلاشقا دۆلىتىمىز ھەم دىيارىمىزدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى .
10-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-5-18 10:39:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەركىزات ئەپەندىمنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، تەتقىقاتچى قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ بۇ شېئىرىنى مۇنبەرگە يوللىغىنىدىن خوشال بولدۇم. بۇ شېئىرنىڭ تورداشلارغا بولغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-7-23 18:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش