روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2920|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:; |6 R% F" I( g& ?) zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://imla.uighursoft.com  سىغىمى: 2.38 مېگابايت،  نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال قوزغىلىپ، 3چېكىت چىقىپ توختاپ قالىدىغان قاتارلىق نۇقسانلار تۈزىتىلدى، ئازادە مۇھىتتا ئىملا تەكشۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

$ d5 P1 x# }9 n6 C4 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()


/ ?3 D8 ?- e: l* e- U" x3 b; o! V

http://imla.uighursoft.com

========================================================================


5 z, J6 f' G' S1-سوئال: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بارلىق ئىملا خاتالىقىنى بايقىيالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟ قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى باشقا تىللارغا ئوخشاش مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ.

1. سۆز بولمىغان خاتالىق (非词错误, non-Word error)

بۇنداق سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقمايدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېر (بىر «ى» ئارتۇق يېزىلىپ قالغان)، شىنقاڭ (SHIFT كۇنۇپكىسى سەۋەبىدىن «ق» ھەرپى كىرگۈزۈلۈپ قالغان)، پروگرامما (يېڭى ئىملادا سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» ھەرپى قوشۇلىدۇ دېيىلگەن).

بۇنداق خاتالىق ئادەتتە مەلۇم بىر سۆزگە بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنى ئارتۇق يېزىش، كەم يېزىش، ئالماشتۇرۇپ يېزىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە كوررېكتورلۇق باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى بىرلا قېتىمدا بايقاپ، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك توغرىلىسا، بەزىلىرىنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلايدۇ. ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىدا تەكشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.

ئادەتتە 60 بەتلىك A4 فورماتىدىكى پۈتۈن بىر ژۇرنالنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز، ئاز دېگەندە 2 كۈن (جەمئىي 16 سائەت)، نورمال بولغاندا بىر ھەپتە (5 كۈن ياكى 40 سائەت كېتىدۇ)، ئەمما ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1~1.5 مىنۇت ئىچىدە (ھەقىقىي سۆز بولمىغان) بارلىق خاتالىقلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %50~%30 غىچە خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. باشقا خاتالىقلارنى نامزات سۆز ئارقىلىق توغرىلىسىڭىزمۇ بىر 1-2 سائەت ئىچىدە توغرىلاپ بولالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتال چارچىمايدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى داۋاملىق بىر خىل بولۇپ، كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتمايدۇ، 16 سائەتتە تاماملايدىغان خىزمىتىڭىزنى 2 سائەتتە تاماملىيالايسىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز نەچچە ھەسسە كۆتۈرۈلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟

جاۋاب: 10 توغرا سۆزنى لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ بايقاشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ (ھەرگىز قەستەن ئەمەس، پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلۈپ بولالماسلىق سەۋەبىدىندۇر)، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي خىزمەت پىرىنسىپىدۇر.

2. ھەقىقىي سۆز خاتالىقى (真词错误, real-word error)

بۇنداق (تۈپ) سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق، دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز مەزمۇنى تاقا-تۇقا. مەسىلەن:

. I2 ~" C9 N0 r2 h, V
«تىز تاماقخانا» (خاتا)، توغرىسى «تېز تاماقخانا» بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىز (پۇت-قولدىكى تىز بولۇپ ئىسىم) ۋە تېز (چەبدەس، چاققاندىكى تېز بولۇپ سۈپەت) دېگەن سۆزلەر لۇغەتتىن ئىزدىسەك چىقىدۇ، ئەمما «تاماقخانا» دېگەن سۆز بىلەن پەقەت «تېز» دېگەن سۆز ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەردىنمۇ ھەقىقىي سۆز خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

4 e3 s6 `4 Z" B  T8 Z; ~6 Z6 G

1. مېنىڭ (مەن، ئالماش)، مىنىڭ (مىن-، پېئىل)

6 I5 R1 o! l  i3 B3 G$ Q. V
(1) بۇ مىنىڭ كىتابىم (خاتا)

% N6 Q. q+ i* j, G- X
(2) بۇ مېنىڭ كىتابىم (توغرا)
. o. p- y2 e" ?7 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(3) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مېنىڭ (خاتا)
3 H. }+ }) a4 ~" iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مىنىڭ (توغرا)
6 R0 _6 k$ }- g# b1 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2. ئېلىش (تومۇرى ئال-، پېئىل)، ئىل (تومۇرى ئىل-، پېئىل)
( A+ x" W. t/ C) K& ]' y  Z" i  q  K& c! Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) ئۆي ئىلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (خاتا)
, t/ r$ u) B. ^) n& I+ ?5 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(2) ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (توغرا)
1 c& K8 M: s# j6 Q( J) o; G, ]$ ]! k5 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

(3) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئېلىڭ (خاتا)
: E& n: d3 E2 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئىلىڭ (توغرا)
/ w, n* n5 z9 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

3. كېيىن (تۇرغۇن سۆز)، كىيىن (كىيىن، پېئىل)
/ ]* {- Z9 H2 _$ y2 a/ Y+ y4 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) قىزىم ئوبدان كېيىن (خاتا)
: ^. b% R$ W! q$ N; k/ n. P& I0 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(2) قىزىم ئوبدان كىيىن (توغرا)

& G1 j) X# a" N3 d7 a6 \# i) n

(3) بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (خاتا)
1 }  a& i7 s( _- r4 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (توغرا)

/ `' m4 S- u. T( a" N" Q: k  ]: s

قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا بايقالغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3000 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى كەسپىي خادىملارمۇ ئوڭاي خاتالىشىدۇ. ئەمما بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 دىن ئاز بولىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە تەھرىرلىك باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېيىنكى نەشرىلىرىدە پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىرچە پەقەت «سۆز بولمىغان خاتالىق»نى بايقايدۇ ۋە توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
6 M0 q3 i) v' q8 m- d/ @( r6 ]' Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
============================================================

! ^4 X: a( [) w2 H5 K) {

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شۇنچىلىك زۆرۈر؟

كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. ئەمما خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەقەت نەشرىيات ساھەسىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ھەريىلى رەسمىي نەشرىدىن چىقىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرى 10,000 خىلغا يېتىدۇ. ناۋادا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلساق، ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ياردىمىدە كوررېكتورلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىش بەك زۆرۈر.

============================================================

3-سوئال: بۇ يۇمشاق دېتال ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇ پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ھازىرچە يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەقىقىي سۆز بولمىغان خاتالىقلارنى يەنى بىر يەككە سۆزدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ، ياسالغۇچى ھەرگىزمۇ ياسىغۇچىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 2-تۈردىكى ھەقىقىي سۆز خاتالىقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىڭ.

============================================================

ئوخشاش بىر خەنزۇچە ماقالىنى 10 تەرجىمان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلسا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى نەشرىياتقا بەرسەك ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئوخشىمىغان نەشرىياتلارنىڭ ئىملا ئۆلچىمى ئوخشاش بولامدۇ؟========. |  N4 z; p, p4 c* ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاۋاب: قارىغاندا سىز ئىملا تەكشۈرگۈچنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز، قارىغاندا بەزى ساۋات مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ باقاي. سىز دېگەندەك ئەھۋال تەرجىمىدە مەۋجۇت، ئەمما كوررېكتورلۇق قائىدىسى بىر خىل بولىدۇ. ھەممە نەشرىياتلار تىل-يېزىق كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ ھەممە كوررېكتور مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆز «كىتاپ» نى چوقۇم «كىتاب» توغرىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشى پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ. كوررېكتورلۇق 1 نى 1 دەيدىغان ئېنىق قائىدە بولۇپ، سىز دېگەندەك نەچچە خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى بۇ دېتالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىپ، نەشرىياتقا بەرسىڭىز، ئۇلار ئۆزگەرتىدىغان خاتا سۆزلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيسىز.; I+ e* U4 o; `" [! A7 Q2 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟ بۇ يەردە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئاۋۋال مۇھىملىرىنى تاللاپ بىربىرلەپ جاۋاب بېرىمەن، رەھمەت.
& X. o0 k, I5 b  ~% Z/ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: http://www.alimahat.com/?p=4258
7 x; b3 u2 K3 a
" j4 h/ z& Z$ p6 f) z9 C
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مەن ئالدىنقى قىتىمدا نۇرمال ئىشىلتەلمەي تاشلاپ قۇيغان ئىدىم  ئەمدى يەنە بىر سىناپ باقاي قىنى
ۋاقتى: 2015-1-11 18:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپتۇ.
ۋاقتى: 2015-1-11 20:16:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكروسوفىت يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچ(word ) ھۈججىتىنى ئېچىش ئىقتىدارى قوشۇلماي قالدىمۇ ياكى ئەسلىدىنلا قوللىمامدۇ؟! يېزىق بىر تەرەپ قىلىش دېتالىنى قوللاش(بىۋاستە ئاچقىلى بولۇش) ئىقتىدارىمۇ بولغان بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولار ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-1-11 20:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇغەت تەركىبىدە بار بولغان گۇمانلىق سۆزلەرنىڭ رەڭگى يېشىل رەڭدە، ھەم ئاستىغا قىزىل سىزىقتا ئىملا خاتالىقى ئەسكەرتىشى چىقىدىكەن. مائۇسنى شۇ گۇمانلىق سۆزنىڭ  ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ چەككەن ھامان خەت ئاپتوماتىك توغۇرلىنىدىكەن. ھەم كۆك رەڭگە ئۆزگۈرەيدىكەن. لۇغەت تەركىپىدە بولمىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنى قىزىل رەڭدە كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇنى بىز ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇپ توغۇرلايدىكەنمىز. ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى ھەم قولايلىق ئىكەن.  
ۋاقتى: 2015-1-11 21:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى خەۋەر ئىكەن بۇ، رەھمەت ئادىلجان ئاتامان
ۋاقتى: 2015-1-13 12:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ رەھمەت
ۋاقتى: 2015-1-13 17:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوغەت ئامبىرىنى بىيىتىش ئۇچۇن كۇچ قوشساق ياخشى بولاتتى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-1 03:26

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش