روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4380|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن «ئۇيغۇرسوفت» (يەنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن توپتوغرا 15 يىل بولۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ ئۇزۇن يولدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، يېقىندا بىلىشىمچە چەتئەللەردە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 7 يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودا 3 يىلغىمۇ بارمايدىكەن. جۇڭگودا ھەر يىلى تاقىلىپ قالىدىغان كارخانا 1 مىليونغا يېتىدىكەن، ئويلاپ باقسام ھاياتىمنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بېغىشلىنىپتۇ، شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشقا يەنى ھازىرقى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى بولغان دوكتورلۇق ئوقۇشقا زېھنىمنى بېرەلمىدىم، ھازىرغىچە لېكتورلۇقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغىمۇ ئىگە ئەمەس ياكى مەكتەپتە ئىلغار ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 15 يىل كۈچ بېرەلىگەنلىكىمدىن شۇنچىلىك رازىمەن، شۈكرى.
& |! n6 y) H7 k- D5 M& B' fنۇرغۇن كىشىلەر شىركىتىمىزنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس، بىز بۇ جەھەتتە ھەم داۋراڭمۇ قىلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات، خەلق ئىشلىرى… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇ مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت كەم بولسا زادى بولمايدۇ.
2 v) D7 `3 Z- |شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن ئاز-تولا قوللاشقا ئېرىشكەنمۇ بولدۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتىمىز (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز). بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا Microsoft نىڭ ئاتالغۇ ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ قوشۇلۇپ ئېلان قىلىندى.6 q% i" d4 N/ ?9 d% Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' {; z0 Q( i! V# i3 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& L- `! E' b( [1 o9 a2 v& g" l3 F: A0 d  K6 @/ n: l* cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 15 يىللىق قۇتلۇق كۈنى، شۇڭا ناغرا-سۇناي چېلىپ ناخشا-مۇقام ياڭرىتىپ تەبرىكلىسەممۇ ياكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلساممۇ بولاتتى ياكى ھېچبولمىغاندا ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئالساممۇ بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن يەنە مېنىڭ 39 ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايلىق Microsoft نىڭ جىددىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۈگۈنمۇ شۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن تاماملانغان ۋەزىپىنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى. قارىغاندا Windows نىڭ سىناق نەشرىدىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىللە تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش، ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەمگە بۇنداق ئەھمىيەتلىك خىزمەت پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدۇ. تەقدىر ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ، شۈكرى. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە، كەسىپداشلارغا ۋە ئورۇنلارغا سەمىمىي رەھمەت!
3 W: A) D" p0 \( X) R- Vھايات مۇساپەمنى ئويلاپ باقسام، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كومپيۇتېر دەۋرىدىن باشلاپ، DOS تىن Windows غىچە، ئاندىن ئىنتېرنېت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، يېقىندا بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى ئاللىبۇرۇن باشلاندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ Windows قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، مانا ئەمدى غايەت زور ئۇچۇر دولقۇنى بىزگە شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە…$ q5 N! `0 }7 D, rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن كەسىپداشلارنىڭ بۇنداق مۇھىم پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە ئەجىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.! M! ~( h  P) @. |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھۆرمەت بىلەن:' |' y7 @7 j8 s8 U2 T; yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىم ئەھەت
% w. f9 l3 X, F: K: a2013-يىل 14-ئىيۇن- v" H. A2 G+ w% ]! gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://www.alimahat.com/?p=2797
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بىزنىڭ مىللى تۆھپىكارىمىز الىم ەھەت
ۋاقتى: 2013-6-16 16:58:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن مۇئەللىم
ۋاقتى: 2013-6-16 17:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            تۆھپىكار  ئوغلانلا باركاللا.  {:5_171:}
ۋاقتى: 2013-6-16 17:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى گۈللەپ ياشنىسۇن
ۋاقتى: 2013-6-16 17:38:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىم ئەھەت ئۇستازدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن. ئاز جاپالار بىلەن، ئاز تىرىشچانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ بۇ ئىشلارنى. ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام كۈندۈزىمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ھەتتا كېچىلىرىمۇ سائەت - سائەتلەپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىتىمەن.
uyghur soft xirkitinig tehimu gullinixini umud kiliman
ۋاقتى: 2013-6-24 19:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىشنى، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بۇلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد قىلىمەن !
ۋاقتى: 2013-6-28 22:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا مۇشۇنداق  توھپىكار جاپاكەشلەرنى ئوزپانايىدا ساقلىسۇن
ۋاقتى: 2013-6-29 11:58:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك  ئالىم ئەھەت  ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ سىزنىڭ جاپالىق ئەجرىڭىزنى كەڭ قېرىنداشلىرىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ .سىزنىڭ بۇ جاپالىق ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ ،بىز مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىڭىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى ۋە 39 باھارىڭىزنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 04:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش