روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2268|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

غېرىپ بىلەن سەنەمنىڭ بىر-بىرىگە ئېيىتقانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 16:56  

غېرىپ بىلەن سەنەمنىڭ بىر-بىرىگە ئېيىتقانلىرى

‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى (‏ئاسۇق))

كەتكۈم كېلەر كېچىپ ھەممدىن،
ھېچكىم بىلمەس خېلۋەت ماكانغا.
خىيالمدا ئۆكسىگەن ئۆتمۇش،
سوغاق نەزەردە باقار جاھانغا.

ئەجەپ ئىكەن تەقدىر قىسمىتى،
نە ئۈمۈتتە قالدۇردى مىنى.
كۆز ياشلىرىم كەتسىمۇ قۇرۇپ،
ھېچ ئىنسانغا ئېيىتمايمەن ئۇنى.

يتەر دوستۇم قىينىما مىنى،
ھەم ئازاپتا قويما ئۆزۈڭنى.
مۇھەببەتتە گادايمەن ئۆزۈم،
دوسلۇق ئۈچۈن باساي قەدەمنى.

(ئاپتۇرى : ــ دوستۇم)

بىلىمەن بۇ ھايات شۇنداق رەھىمسىز،
بەرىبىر بەندىنىڭ قۇدىرتى چەكلىك.®
مەن رازى مەڭگۈلۈك دوستۇم بۇلۇپ قال،
سول قۇلۇڭ بولسىمۇ ئالىمەن ئىلىك.

بىر تامچە يېشىمنى ئەۋەتتىم ساڭا ،
تۈكۈپ قوي قەلبىڭنىڭ قاتلاملىرىغا.
ياش تۆكسەڭ ئەگەردە ئاقسۇن شۇ يېشىم،
يۇلۇقساڭ خەتەرگە داۋانلىق يولدا.

ھېجرانكەش ئۆتمۇشنى ئۆلتۇرۇپلا ۋەت،
قاراپ باق قۇلۇڭغا گۈل چېچەك تولدى.
يىقىلساڭ قورىقمىغىن يۆلەپ قۇيۇشقا،
شىئېرۋاز يىگىتتىن دوستۇڭ بار بولدى.

® بەلگىسى قۇيۇلغان مېسرا مەنىۋى ئۇستازىم ئابدۇرېشىت سۇلايمان ( جاللات ) نىڭ


2010-يىلى 23-دېكابىر ئاقسۇ ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشىمۇسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم ،،،،،بۇ تىمىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ،،،،،ھارماڭ
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 14:27
ياخشىمۇسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم ،،،،،بۇ تىمىڭىزمۇ شۇنداق  ...

بۇ تېمام بۇرۇن بىر يوللانغان . ئەمما نىمە ئۈچۈندۇر ئىنكاسسىز قاپتۇ. شۇڭا قايتا يوللاپ ئوقۇرمەنلەرگە قايتا سۇنۇپ باققۇم كىلىپ قايتا يوللىغان ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىممۇ 600 گە يېقىن تورداش تېمامغا نەزەر ساپتۇ ئەمما پەقەتلا  يازمىللىرىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوقۇپ قىممەتلىك پىكىرنى ئايىماي كىلۋاتقان روھلان شائىرەسى سىھىر خانىم قىسقا تېتىملىق ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
بۇ شىئېرنى قايتا يوللۇشۇم ھەرگىزمۇ ئوقۇرمەنلىرىمگە كونا تېمام ئارقىلىق ئۆزۈمنى ياكى يازمامنى كۆز - قىلىش نىيىتىدە بولغۇنۇم ئەمەس. ئەمما مەن بۇ شىئېرىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئالدىنقى ئۈچ كۇبلىت دوستۇمنىڭ ، كىيىنكى ئۈچ كۇبلىت قەلىمىمدىكى جاۋاپ. بۇنى ئوقۇغان ئادەم ئەھكەرتىش ئارقىلىق بىلەلەيدۇ.
يەنە بىر ئاساسلىق مەخسىدىم يازمىللىرىمغا « ئىرادىسىزلىك »، « ئۈمۈدسىز »، « ھاياتقا كۈلۈپ قارىيالمايدىغان روھى خۈنۈك » تامغىسىنى باسماقچى بولغان ئوقۇرمەنلىرىمگە بېرىلگەن ئاددى جاۋاپ.
مەنمۇ ئەسلى ھەر قايسىڭلارغا ئوخشاش ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان ، كۈلۈپ قارىيالمىغانلارغا قېرىنداشلارچە مېرىم بىلەن سالام بېرىدىغان ، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن تىگىشلىك تەسەللى بېرەلەيدىغان ..... ئاددى قەلەمكەش. مەن ھەرگىزمۇ ئۈمۈدسىز ئەمەس. ئىمانىم كامىلكى مەن ئۈمۈدسىز بولسام ھېچ بولمىغاندا ئىككى ئوغلۇم ماڭا ئوخشاش پادىچى بوپ قالىدۇ.........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 20:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش