روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2064|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كېچىدىكى ناتۇنۇش ‏شا‏ئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏كېچىدىكى ناتۇنۇش ‏شا‏ئىر

‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)

تۈن ‏كېچە يۈرۈكۈم كۈرەلمىدى چۈش،
بۇ كېچە ‏ئېزىقتىم مەنمۇ خوش دىمەي.
‏ئابدۇرېھىم ھەقىقى ‏ئاشىق بوپتۇ دەر،
تېنىمدىن گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرسا مەي.

بۇ كىچە ياغمىدى قارمۇ ياغمىدى،
يۈرۈكۈم ‏ئىزتىراپ كۆڭلۈم پەرىشان.
پەش قېقىپ سەن كەتكەن ‏ئاشۇ كوچىغا،
‏ئەرزىمەس بۇ تېنى‏م دارغا ‏ئېسىلغان .

بۇ كېچە ‏ئەزرا‏ئىل كەلدى يېنىمغا،
ۋاز كەچكىن دىدىم مەن ۋارقىراپ تۇرۇپ.
‏ئۈلۈمنىڭ تەمىنى مىزلىك دىگەنلەر،
قەبرىدە ياتىدۇ بەلكىم قان قۇسۇپ.

تاۋۇتۇم ‏ئالدىڭدىن ‏ئۆتسە تەۋرىنىپ،
بىلىمەن شۇ چاغدا يىغلاپ كىتىسەن.
قوغلىما بىر كۈنى قوغلىمىساڭمۇ،
بەرىبىر ‏ئۇنتۇلۇپ ‏ئۈلۈپ كېتىمەن.......


2014-يىلى 12-دېكابىر ‏ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
كېيىنكى: ئاق يارىم
ئالدىنقى: ئۈمىدلىك ياشاش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-12 11:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شئېرىڭىزغا ئاپىرىن ! ياقتۇردۇم !
ۋاقتى: 2014-12-12 15:40:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىزە. بىر قىز بالىنىڭ دەردىدە جاندىن كەچكەن گەپما؟
شېئىرنى ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2014-12-12 16:42:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شېئىرىڭىزغا مۇبارەك ، ئىجاد يولىڭىز يورۇق بولسۇن
ۋاقتى: 2014-12-12 16:44:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شېئىرىڭىزغا مۇبارەك، ئىجاد يولىڭز يورۇق بولسۇن
ۋاقتى: 2014-12-12 20:11:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ 4-كۇبلىتى ماڭا بەكلا ياقتى. يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ بۇرادەر.
ۋاقتى: 2014-12-13 14:47:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-12-13 14:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-12-18 13:16:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئۆزىنىڭ روھىغا چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى مۇشۇنداق لىرىك تۇيغۇلارنى قېزىپ چىقالايدۇ، ئاپىرىن!
ۋاقتى: 2014-12-18 23:28:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 05:31

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش