بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-2 10:07
سۆيۈملۈك كۈتۈش
گۈلبوستان موللىمىن
سەۋىر قىلغىن جانىم ئاشىقىم،
مەنمۇ سەندەك ئۇيقۇدىن بىدار.
ئازاپلىق ھەم سۇيۇملۈك كۈتۈش،
بىلەلمىدىم قاچانمۇ تۈگەر.
قامىتىڭنى بىر كۈرۈش ئۈچۈن ،
تاقەتلەندىم مەنمۇ سېنىڭدەك.
كۆكرىكىڭگە باش قۇيۇپ جانىم،
پۇرىقىڭنى ھىدلاپ قانغۇدەك.
چۈشلىرىمنىڭ ئىچىدە سەن بار،
قول تۇتۇشۇپ گۈلباغلار ئارا.
سەنسىز كىچە بەكمۇ بەك ئۇزۇن،
بۇ كۈنلىرىم ئۆتەر بەك ئاستا.
ماڭا ئاتاپ يازغان لىرىكاڭ،
يۈرۈكۈمگە يىتىپ كەلدى يار.
مەنمۇ پەقەت سۈيەرمەن سىنى،
سەنسىز دۇنيا ماڭا بەكمۇ تار.
يەنە كۈتكىن كۈتەيلى بىرگە،
ۋىسال پەيتى يىتىپ كەلگۈچە.
ئىككى يۈرەك تۇتاشقان جايدا،
ئۇچىرشارمىز بۇلۇپ بىر گەۋدە.[/ align] 2014-يىل 11-ئاي30-كۈنى |