روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تاتلىق خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-30 16:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

      تاتلىق خىياللار

يۈرىكىڭگە مۆككۈم كېلىدۇ،
ھىسلىرىڭنى قىلىپ مالىمان.
كۆزلىرىڭگە چۆككۈم كېلىدۇ،
قىياقىڭنى ئېگىپ مەن تامان.

مەڭزىڭدىكى نەپىس خال بولۇپ،
ھىدلاپ ئۆتسەم پۇراقلىرىڭنى.
قورويىڭدا مەجنۇنتال بولۇپ،
سىلاپ تۇرسام بارماقلىرىڭنى.

بۇلىقىڭدا سۈزۈك سۇ بولۇپ،
سىرغىپ چۈشسەم ئاستا يۈزۈڭگە.
ۋۇجۇدۇمغا سېغىنىش تولۇپ،
ئوخشارمەنمۇ يەنە ئۆزۈمگە؟

تاتلىق، تاتلىق جىياللار ئەجەپ،
تەسەۋۋۇرغا بەرمەيدۇ ئارام.
ھەر مىنۇتتا ئۆتتۈم سېنى دەپ،
ساقايغۇسى بىر كۈن دىل يارام.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-30 17:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئاشىق بولۇش نۇرلان ئەپەندىگە كەپتۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-30 19:39:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىشلەپ چىشلەپ سۆيمەك يارىنى،
يارىشىدۇ ئون سەككىز ياشقا.
قىرىق ياشلار قىران بولسىمۇ،
ئون سەككىزنىڭ لەززىتى باشقا.

باھا سۆز

يائاللا نۇرلانكا ،،،،مىنى ئەجەپ ئاتكاچى ئىكەن دەپ قالدىڭىزمۇ بىلمىدىم ،شىئىرىڭىزغا ئەگىشىپ قويسام ئىككى ئې  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-2 22:24
ۋاقتى: 2014-12-1 18:50:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 19:47  

مۇھەببەت دىگەن ئۇ بىر دورا يۈرەكلەرنى ياشارتىدىغان،نۇرلانكا ئەمسە مەن ئەگەشتىم رەنجىپ قالماسسىز ھە
يۈرۈكۈمگە مۈكۈۋال مەيلى،
ئۇتالىساڭ مەيلىمنى ئەگەر.
قارچۇقۇمغا سىڭىپ كەتسەڭ گەر،
بوستان كىرپىك ساڭا ئىگىلەر.

باھاردىكى مەيىن شامالدەك ،
ھىدلاپ ئۆتكىن پۇراقلىرىمنى.
باغلىرىمدا گۈل-چىچەك بۇلۇپ،
مەستخۇش قىلغىن دىماقلىرىمنى.

گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمدەك
سىرغىپ چۇشسەڭ زىناقلىرمغا.
ھۇجۇدىمغا سېغىنىش تۇلۇپ،
ئوخشارمەنمۇ گۈزەل يارىڭغا.

داۋاملاشتۇر خىياللىرىڭنى،
ئېشىپ قالار بىر كۈن ئەمەلگە .
مۇھەببەتلىك ئۆتكىن ھەر ۋاقىت،
مىھماندۇرمىز ئۇشبۇ ئالەمگە.
ۋاقتى: 2014-12-2 22:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 19:39
چىشلەپ چىشلەپ سۆيمەك يارىنى،
يارىشىدۇ ئون سەككىز ياشق ...

يائاللا نۇرلانكا ،،،،مىنى ئەجەپ ئاتكاچى ئىكەن دەپ قالدىڭىزمۇ بىلمىدىم ،شىئىرىڭىزغا ئەگىشىپ قويسام ئىككى ئېغىز ئىنكاسمۇ يوق  بۇندىن كىيىن ئاتكاچىلىق قىلماي ھە،،،،،رەنجىمەڭ
ۋاقتى: 2014-12-3 00:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق خىياللار مۇجەسسەملەنگەن  بۇ لىرىكا ،راسلا تاتلىقكەن ! قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن ! داۋاملىق نۇرلىنىپ تۇرغايسىز !
نۇرلان ئەپەندىنىڭ يېقىشلىق شىئېرى تولىمۇ گۈزەل مەنالار بىلەن تۇيۇنغان. ئادەمنى راستىنلا «تاتلىق خىياللار» غا باشلايدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 06:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش