روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى

‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)
     (ناخشا تېكىستى)

كونا جايدىن ‏ئۆتكەندە،
سىنى ‏ئۈنسىز كۈتكەندە،
يىغلاپ ‏ئۈنۈم پۈتكەندە،
قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى .

زارلاپ گۈلۈم يىغلىدىم،
يۈرەكلەرنى تىلغىدىم،
دۈشمەنلەرگە تىنمىدىم،
قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى .

دۈشمەن كۈلدى سەن كېتىپ،
‏ئالەم ‏ئۆلدى سەن كىتىپ،
تاڭ ‏ئاتمىدى سەن كىتىپ،
قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى .

كەلگىن مىنى قىينىماي،
قولۇڭغا يار گۈل تۇتاي،
ناخشاڭغا مەن جۆر بولاي،
قەدرىڭ ھەجەپ ‏ئۆتۈلدى .

2014-يىل 25-سىنتەبىر
‏ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-25 20:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا روھلاندا ئاشىقلىق چۆلىدە "جاھانكەزدى سۈپۈرگە"لەر كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ جۇمۇ
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-11-25 20:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىم ئاشىقلىقنىڭ دەردىنى ئەمدى تارىتقىلى تۇرۇپتۇ-دە؟
ۋاقتى: 2014-11-26 13:01:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ شۇ گۈزەل ياشلىق دەۋرىنىڭ ئەشۇ پىنھان بولۇڭلىرىدا ئۈن- تىنسىز قېتىپ قالغان شۇنداق بىر كەچمىشلەر يادىمىزدىن ھەر كەچكىنىدە ئەشۇ ۋاقىتلىرىمىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ ھېس قىلىدىكەنمىز، ئەنە شۇنداق ھەسرەت چېكىدىكەنمىز. مۆھتىرەم «نەۋرۇز» ئەپەندىمنىڭ ماھىرلىق بىلەن ئەشۇ چاغلارنى ئەسكە سالىدىغان ئۇشبۇ شېئىرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي ھۆرمەتلىك «نەۋرۇز» ئەپەندىم
ۋاقتى: 2014-11-26 18:24:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي   نەۋرۇز ئەپەندىم
ۋاقتى: 2014-11-26 21:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇنىڭغىمۇ بىر (ئاتكاچىلىق )قىلاي دىگەن ئىدىم،،،،ئەمما سەۋىيەم يەتمىدى
ۋاقتى: 2014-11-27 00:11:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمنۇن بولدىم !
ۋاقتى: 2014-11-27 11:48:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا تېكىستىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.

      ناخشا :  سەن كېتىپ

     

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 05:30

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش