روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1246|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ شېئر] ئىشەكجانغا سالام يوللايمەن.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       ئىشەك جانغا سالام يوللايمەن.
سالام ساڭا ھاڭراق ئىشەكجان،
سالامەتتۇ يۇرت ئەھلىڭ ماكان،
ئارتىمىغاندۇر دۈمبەڭگە تاغار،
قاتمىغاندۇ ھەم يەنە خامان.

كەچمىش بولسۇن كەلمىسۇن ئەبەت،
ھىچبىر جانغا شۇ زۇلۇم قىسمەت،
پارلاق بولسۇن ھەم بەختىڭ ئەبەت،
چۈنكى دەۋرىم بۇ ئازات زامان.

سەھنىلەردە كۆردۈمغۇ ئەجەپ،
ناخشا ساڭا قىلچە ماس ئەمەس،
ئازدۇرۇپتۇ شەيتان بەدنىيەت،
ناخشىلارنى ئېتسۇن غەزەلخان.

- ھارۋا ساپان سۆرىمەيمەن دە،
بۇلۇپ قالماي قەدىرسىز بەندە،
سەن ئويلۇدۇڭ قەدرىڭ قەيەردە،
قەدرىڭ ئىزلەپ چاپتڭ ھەر قايان.

ئاھ رەڭگارەڭ بۇېاقلار گىرىم،
يوق بولغاچقا ئىشەكچە كىيىم،
يالىڭاچلا چىقپسەن بەلكىم،
كۆزلۈرۈمنى يۇمدۇم ئۇياتچان.

سۆزلىرىڭنى ھىچكىم ئۇقمىسا،
مەزمۇن ياكى مۇڭى بولمىسا،
ئاھ مۇشۇنداق بۇلىدۇ ناخشا،
قەسلەش ئۈچۈن دۈشمەن ماختىغان.

سىنىڭ ناخشاڭ سىنىڭ زۇۋانىڭ،
شەيتانغىلا ياقار  ئاۋازىڭ،
بىز ئىنسانغا لېكىن ئۇۋالىڭ،
چۈشىنەرسەن بۇلارنى قاچان.

سەھنىلەردە چولپانلارمۇ كۆپ،
ئۆتەر بىزنى كۈندە كۈلدۈرۈپ،
سەن سەھنىگە چىقما يۈگۈرۈپ،
چولپان بۇلۇش ئىشىككە ئاسان.

پۇرسىتىڭ يوق ئەمما ناخشىدا،
بارغىن جاڭگال دىگەن باغچىغا،
نەسىرلەنسەڭ يوغان ھاڭگدا،
ئۆزەڭگە خاس بۇلىسەن چولپان.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-22 10:37:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئرنى بىر كىمگە قاراتلىمۇ يە

باھا سۆز

ئۇيغۇر ناخشا -مۇزىكىلىرنىڭ شەكىلىدىن چەتنەپ چۇشۇنىكسىز تىللاربىلەن ئۇيغۇر سەنئەت سەھنىسىگەچىقۋاتقان ،ئۇيغ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-22 11:18
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 10:37
بۇ شىئرنى بىر كىمگە قاراتلىمۇ يە

ئۇيغۇر ناخشا -مۇزىكىلىرنىڭ شەكىلىدىن چەتنەپ چۇشۇنىكسىز تىللاربىلەن ئۇيغۇر سەنئەت سەھنىسىگەچىقۋاتقان ،ئۇيغۇر سەھنە كىيىملىرىنى كىرەك ئەتمەي بەزمىخانىدىكى چاكىنا كىيىملەر بىلەن نۇمۇسسزلارچە خەلقىمىز ئالدغا چىقىۋاتقانلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىپ قالدى.
ۋاقتى: 2014-9-22 13:30:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۈچلۈككەن، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-9-22 14:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئوخشاپتۇ  ، يارايسىز
ۋاقتى: 2014-9-22 14:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىل ياخشى ماسلاشتۇرۇپ يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-9-22 23:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئوخشاپتۇ  
ئەسەرنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ۋەياخشى باھالارنى بەرگەن تورداشلارغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 22:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش