روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1827|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

(شېئىر) دوختۇرغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىجال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-11 10:08  

مەن ئاجىزە بىماردىن سالام ئەزىز دوختۇرغا،
ھۆرمەتلەرگە ھەم لايىق مۇتىخەسىس دوختۇرغا،
كىسەللەرگە شەپقەتتە شۇنچە خەسىس دۇختۇرغا،
ھاياتىمدا بىرجانغا ھەتتا قەرىز دوختۇرغا.

قۇلۇم قىسقا نامراتچاغ * ھەمكارلىقمۇ يوق ئىكەن،
ئۆسكەن ئۆسمە  مىڭەمگە ئەجەل ئاتقان ئوق ئىكەن،
يوقلاپ ئەل- يۇرىت ،جامائەت جاندىن ئۈمۈت يوق دىگەن.
مىھرى بانىم ئۈمۈتۋار ئېلىپ كەلگەن دوختۇرغا.

پۇل دىمەستىب دوختۇرمۇ كۈتىۋالدى كەلگەنچە،
ئوپراتىسيە قىلىمىز دىدى قاراپ كۈلگەنچە،
تاپشۇردۇم ھەم ئۈچمىڭ سوم مەن ئۈزەمنى بىلگەنچە،
ئويلاپ ھەيران قالىمەن ئازدىمىگەچ دوختۇرغا.

يېرپ مىڭەم سۈڭەكنى ئېلىپ تاشلاپ ئۆسمىنى،
سۆرەپ ماڭغان ئەجەلگە ھاياتىمغا توسمىنى،
چاندۇرمىدى ھەم ياماپ كەيدۇردى تور پوسمىنى،
قايىل بولدۇم شۇ دەقىق تېخنىكىغا، دوختۇرغا،

پەرۋىشىدە ئونبەش كۈن قايتتىم پانى جاھانغا،
بىر تىيىندەك بىلىندى ئۈچمىڭ سوم پۇل ^رىجالغا،
ئار تۇرغاچقا خەتەردە ساغلاملىققا ھەم جانغا،
ئامان قالغان باش ئۈچۈن رەھمىتىم كۆپ دوختۇرغا.
*************     ★   *******************
داۋالاشاقا * ھەمكارغا قاتناشقىنىم بىرچېغى،
خيال قىلىپ كۆپ پۇلنى تىجەيمەن دەپ ھەم تېخى،
ئاتتى كىسەل ئۇقىنى ،يوق ®يۆتكۈلۈش قەغىزى،
ئاغىرغاچ تەن ئامال يۇق كىلىپ قالدىم دوختۇرغا.

كۈلۈپ كەتتى كۈرۈپلا دوختۇر شۇنداق قاقاھلاپ،
نىمە كىسەل دىمەستىن كىملىكىمنى سوراقلاپ،
يوققۇ ®يۆتكەش قەغىزىڭ دەپ ۋارقىراپ جالاقلاپ،
سەھرايىڭغا قايىت دىدى يالۋۇرساممۇ  دوختۇرغا.

دىدىمكى ھەي توۋلىماڭ سىلكىشلىمەڭ مەن بىمار،
ئەمەس قانۇن بۇزغۇچى،شۇم بەدنىيەت ،گۇناككار،
ئۇ ،دىدىكى بىلەمسەن ؟سىياسەت بار تۈزۈم بار،
نىمە ئامال بوي سۇنماي،تۈزۈملەرگە دوختۇرغا.

تەستە سېلىپ قۇلۇمنى پۇلنى ئالدىم قۇيۇندىن
ئونمىڭ سومنى كۆرگەندە دوختۇر تۇتۇپ قۇلۇمدىن،
بۇزدۇق تۈزۈم دىگەننى ئويناپ يېڭى ئۇيۇندىن،
ياتاق ئېچچىڭ دىدى ھەم سېستىراغا ،دوختۇرغا.

دىدى ھەمدە تەييار بول ئاپراتىسيە قىلىمەن،
ماقۇل دىدىم شۇئانلا ياق دىسەملا ئۈلىمەن،
تاپشۇرغىنىم ئونمىڭ سوم، تالۇنمۇبار،بىلىمەن،
ئامان قالسا بۇجان دەپ ئۈمۈت باغلاپ دوختۇرغا.

داۋالايمىز شۇنچىلىك تاپشۇرغان ئاز پۇلۇڭغا،
ئۈتۈپ كەتتىڭ خەتەردىب راۋان بولغىن يۇلۇڭغا،
سوقور دىگەن ئۈچەينى كىسىپ بېرىپ قولۇمغا،
دېسە يەنە نىمە دەي رەخمەت دېمەي دوختۇرغا.

تىببى ئەقىل كۆرسەتكەچ سەھرا گۈزەل كىتىۋال،
سۈيدۈك يۇلى نەيچىنى ئاغرىتماستىن ئېلىۋال،
تىككەن ياماق قۇيۋەتسە يىڭنەڭ بىلەن تىكىۋال،
قالدىم ھەجەپ ھەيرەتتە ئاشۇ ئاقىل دوختۇرغا.

ئۇ ،ئۈگۈتۈپ  ھەم يەنە * ھەمكارلىقنىڭ ئىپىنى،
كەنىتلەردە دوختۇر بار تېخنىكىسى يېپ- يېڭى،
بىر سىنىتمۇ ھەق ئالماي داۋالايدۇ ئۇ،سىنى،
ئاپىراتىسيە يىپىنى يەشكۈز ئاشۇ دوختۇرغا.

يۇرتقا قايتىش يولدامەن مەھپۇسلىقتىن ئازاتقا،
بەرداش بىرىپ مىڭ تەستە ئاغىرىققا ئازاپقا،
بىېقىنلىرىم قاناغلىق قاتناشقاندەك غازاتقا،
كۈرۈنمەسەم بولمايدۇ شۇڭا يەنە دوختۇرغا.

كەنىتتىكى دوختۇرنى ماختىسا، ھە دەپتىمەن،
زور ئۈمۈتتە دەردىمگە دەرمان ئىزلەپ كەپتىمەن،
شۇندىن بۇيان مىڭ دەتتە مىڭ ئەپسۇستا خەپتىمەن،
ئۈمۈت باغلاپ مەي پۇرۇش چالاكاسىپ دوختۇرغا.

ياللۇغ يانار ئاسما دەپ ئۇكۇل سالغاچ بىلەككە،
تلفۇن قىلدى مەيپۇرۇچ ئەركىن بىلەن ھېلەككە،
ئۇلار ئىچسە مەيلەرنى، مەن ياندۇرۇپ چىلەككە،
زەھەرلىنىپ دورىدىن بولدۇم مېيىپ دوختۇردا.

خىسلىتىنى دوختۇرنىڭ تۇنۇتماق بوپ ئاۋامغا،
ماختاپ دائىم دوختۇرنى جار سالىمەن جاھانغا،
يەتكۈزسۇنكى ئىلاھىم ھەر بىمارنى ئارمانغا.
ئىنساپ،ئەخلاق،دىيانەت ئاتا قىلىپ دوختۇرغا

* ھەمكار- يېزا شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى.

   ^ رىجال-ئاپتۇرنىڭ توردىكى نامى

® يۆتكەش قەغىزى - سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېغىر كىسەللەرنى دەرىجە بۇيىچە داۋالنىشقا رۇخسەت قىلىش كىسەل يۆتكەپ بىرىش ئىپاتى.

ئۆز قەلىمىم.2014-09-08 ئاقسۇ


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-10 13:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تىرشىڭ.

باھا سۆز

ئىنكاس يېزىپ مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-10 14:24
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 13:58
خىلى ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تىرشىڭ.

ئىنكاس  يېزىپ مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-9-10 14:58:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى چىقىپتۇ.ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-9-10 17:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسا  قاملىشىپتۇ ، دىمىسىمۇ  دوختۇرلارنىڭ  كەسپى  ئەخلاقى  بارغانسېرى  بۇزۇلۇپ  كېتىۋاتىدۇ .........
قەلەم كۈچىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەتلەر تىلەيمەن . بەك ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2014-9-11 05:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !
ئەسەرگە ئىنكاس يازغان ،ئلھام بەرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت
ۋاقتى: 2014-9-11 23:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز!
شائىر - يازغۇچى ئۇستازلارنىڭ كۆپرەك ئۈگۈتۈپ قۇيىشنى ،كەمچىللىك لەرنى تۈزۇتۇپ بىرىشىنى سورايمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 03:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش