روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1382|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] خوشامەتچى-غاجاقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                      خوشامەتچى-غاجاقچى
تىللىرىدىن تاتلىق سۆز ئاقار ھەرئان تامچىلاپ،
سوغا -سالام كەلتۈرەر يەشىكلەرگە قاچىلاپ.
داۋام ئىتەر بۇقىسمەت ئامەت ساڭا باققاندا،
سەندىن ئامەت قاچقاندا سىنى تىللار غاجىلاپ.

غاجاش ئۇنىڭ كەسپىغۇ مەيلى ئىدى غاجىسا،
غاجاشتىنمۇ قالاتتى،غاجىغىدەك قالمىسا.
غاجاپ تۇرۇپ ئارقاڭدىن ،چىدىمايدۇ ئۇ،يەنە،
سەندىن ئاشۇ غاجاقتىن چوڭراق بىرنەپ ئالمىسا.
   
يامان دىدى بىراۋلار ئوغىرى ھەم قاراقچى،
يامان دىدىم ئۇنىڭدىن خوشامەتچي-غاجاقچى.
ئوغۇرلايدۇ بۇلايدۇ ئۇكۆڭۈلنى تامامەن.
شۇنداق ھەييار كاساپەت ئىپلاس نېجىس يالاقچى.

ساڭا ئامەت كەلسە گەر تازىم ئىتەر قانچىلاپ،
تازىم ئىتەر ۋەلىكىن قەستى يىيىش غاجىلاپ.
ئامەت كەتسە ناۋادا ئارقىسىنى قىلىپلا
ئۈتۈپ كبتەر ئالدىڭدىن ئارقىچىلاپ يانچىلاپ


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-2 17:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-9-2 19:55:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز  يازغانمۇ  يا؟     ئۆزىڭىز يازغان بۇلسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن  ئاستىغا ئىسمىڭىزنى قۇشۇپ قۇيۇڭ
ۋاقتى: 2014-9-2 20:49:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر تىلىنىڭ راۋانلىقىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتۇر ئۇچتۇرپان ناھيىسىدىن

باھا سۆز

ئالدى بىلەن ياخشى بىر شېئىرنى يوللاپ مۇنبىرىمىزدە ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. ئەمدىكى گەپ بۇنداق شېئىر يازال  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-4 18:14
ۋاقتى: 2014-9-3 16:28:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز يەنىمۇ تىرشىڭ بۇرادەر
ۋاقتى: 2014-9-4 18:14:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىجال يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 08:47
ئاپتۇر ئۇچتۇرپان ناھيىسىدىن

ئالدى بىلەن ياخشى بىر شېئىرنى يوللاپ مۇنبىرىمىزدە ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەمدىكى گەپ بۇنداق شېئىر يازالايدىغانلار ئۇچتۇرپاندا چوقۇم بەك كۆپ شۇڭا بىلسىڭىز ئاپتور ئىسمىنى يېزىپ قويۇڭ، ھېچقانداق يېزىلمىسا تېما ئىگىسىنىڭ ھېسابلىنىدۇ كېيىن ئاپتور كۆرسىمۇ ئەمگىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. مۇنبەر ۋە مۇنبەردىكى سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزگە پايدىسىز.
روھلان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 18:14
ئالدى بىلەن ياخشى بىر شېئىرنى يوللاپ مۇنبىرىمىزدە ئو ...

كەچۈرسىزلەرئاپتۇر توردىكى رىجال نامىنى قوللىنشى توغرا تاپقانلىقى ئۈچۈن ئىسمى يازمىغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 13:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش