بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پىنھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 16:21
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئەزىز تورداشلىرىم ! ئاللاھنىڭ سالىمى ھەممىڭلارغا بولسۇن !
مەن بۈگۈن 12 ياشلىق قىزىم رەئىسەنىڭ بىر نەۋرە ھەدىسنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسگە بېغىشلاپ يازغان شىئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا ئىلىپ كەلدىم ،ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ....
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى
( رەئىسە مۇساجان )
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى ،
زەپ چىرايلىق ئۆيۈڭ بولدى .
جەم بولۇپ دوسىت -يارەنلەر ،
ۋاھ ،بۇ كۆڭۈللەر ساما بولدى .
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى ،
پەزىلەتلىك جۈپتۇڭ بولدى .
كۆرەلمەسكە ئۆلۈم بولدى ،
دوستلىرىڭغا مەشرەپ بولدى
.
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى ،
زەپ مۇڭلۇق كۈيۈڭ بولدى .
ناتۇنۇش ئاشۇ كىشلەر ،
مانا ئەمدى تۇققان بولدى .
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى ،
ئەل ئالدىدا يۈزۈڭ بولدى .
ئاقىۋىتى ياخشى بولغاي دەپ ،
ئاتا -ئاناڭ دۇئا بەردى .
بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ بولدى ،
گۈزەل تىلەكلەر ھەمرا بولدى .
ئىلمىنۇر ھەدە ئىلىجان ئاكا ،
مانا بۇ مېنىڭ سوۋغام بولدى .
ئوسمىلارنى قويۇپسەن ،
توي كۆينەكنى كېيپسەن .
بەك چىرايلىكەن كۆينىكىڭ ،
ئۇنى نەدىن ئالغانسەن ؟
بوينۇڭدىكى مارجانمۇ ؟
يېنىڭدىكى ئاكاممۇ ؟
تەكلىپ قىلسام ئۇسۇلغا ،
كۆينەك سۆرلىپ قالارمۇ ؟
ئىلىجانمۇ ئىسمىڭىز ؟
نېلقىلىقمۇ ئۆزىڭىز ؟
بۇ توينى قىلغۇچە ،
ئاقارغاندۇ چىچېڭىز .
نېلقا دىگەن بۇ شەھەردە ،
بەك تۇققانلىق كېلىمىز .
تەكلىپ قىلساق ئۇسۇلغا ،
ياق دىمەي ئويناپ بىرەسىز ؟!
|