ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن
مۇھەممەتجان راشىدىن

توختاڭا ، تىك چىكىت -ئۇندەشقۇ دەيمەن ،
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم، ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
مۈچەلدە ھايۋانلار ئونبەشقۇ دەيمەن ،
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
 تۆت « ئو » نىڭ بەلگىسى چىققىنى راستمۇ ؟
خەنزۇچە « تۇڭ » دېگەن چۆگۈنمۇ ، داسمۇ ؟
سورىسام دەپ قالماڭ : بۇ ئايال گاسمۇ ؟
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

كۈندىن ئاي چوڭ دىسەم ،« ياق » دېدى بىرى ،
سىزمۇ كۈن چوڭ دەمسىز ، قويۇڭە نېرى .
ھە، راستلا ئۇيغۇرمۇ مەھمۇت كەشغارى ،
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم، ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
 ئىيتىڭا ،لامپۇچكا كىمنىڭ ئىجادى ؟
« يىللارغا جاۋاپ » نى كىم يازغان زادى ؟
لېنىننىڭ نەچچىدە چىققان ساۋادى ؟
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ئا ڭلىدىم ئادەملار ئايغا چىقتى دەپ ،
ئېيتىڭا ، بۇ ئۆزى قانداقلارچە گەپ .
گېزىت يا ژورنالغا يىزىلسامچۇ خەپ ،
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
 كەچۈرۇڭ ، بىر چاغلار سوئاللار سوراپ ،
مېنىمۇ كۆپ كىشى ئالاتتى ئوراپ .
مەن بۈگۈن سىزنىمۇ ئالدىم ھەم توراپ ،
ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
مۇھەممەتجان راشىدىن شىئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى
كومپيۇتېر ئالدىدا پىنھار ...
|