روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر تال چوغدەك يېنىپ تۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر تال چوغدەك يېنىپ تۇر

ئىلھاملىرىم تارتىنماستىن كېلىپ تۇر،
يۈرەكلىرىم كۈندە چوغدەك يېنىپ تۇر.
ئارمانلارنىڭ يۈكسەكلىكى بىباھا،
سۆيگۈ تېرىپ، سۆيگۈلەرگە قېنىپ تۇر.
مەنسىتمىسە مەيۈسلەنمە قەلىمىم،
ھەسەتخورنىڭ رەسىمىنى سىزىپ تۇر.
ھىممەتلىكتە يېتىشىۋال سېخىيغا،
بويۇنلارغا گۈلدەستىلەر تىزىپ تۇر.
نائەھلىلەر شەيتان بىلەن سىرداشمىش،
ئىمانى يوق ئىبلىسلاردىن قېچىپ تۇر.
ھەۋەس قىلماي قۇياش بىلەن چولپانغا،
شام بولساڭمۇ يۇرىقىڭنى چېچىپ تۇر.
كۈلگىنىڭدىن كۆرگىنىڭ كۆپ كۆزلىرىم،
ھەقىقەتكە ھامىي بولۇپ يېنىپ تۇر.
كۆپ سۆزلىمەك ياراشمايدۇ ئەركەككە،
شۇڭا تىلىم، ئەزۋەيلىمەي جىمىپ تۇر.
ئەلنى سۆيگەن ئەزىمەتلەر ئاز ئەمەس،
سالام بەرگىن، ھۆرمىتىنى قىلىپ تۇر.
شەربەت ئىزدەپ بولۇپ يۈرمەي ئاۋارە،
چاڭقىغانغا بىرەر تاۋۇز تىلىپ تۇر.
قىرىق ياشتا ئادەم ئەقىل تاپارمىش،
ئېسىڭنى تاپ، سەنمۇ ئەقىل تېپىپ تۇر.
ئەلدىن تايغان مەلئۇنلارغا لەنەت، دەپ،
يۇرتنى سۆيمەس مەككارلاردىن قېچىپ تۇر.
تاما قىلما، شائىرلىقتا دەريانى،
مىسرالاردىن بىرەر ئېرىق ئېچىپ تۇر.
ھەق پۇرىسۇن خام بولسىمۇ يازمامدىن،
ئاچچىق ياشلار قەلىمىمدىن تېمىپ تۇر.
ھاياتلىقنىڭ يولى ھەردەم ئىگىز-پەس،
قورقما نۇرلان، تەمتىرىمەي مېڭىپ تۇر،
سەن سۆيگەنلەر مېھرى بىلەن يار-يۆلەك،
يۈرىكىڭگە ئىرادىنى تېڭىپ تۇر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-24 21:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ناھايتى ياخشى يېزىپسىز.......تېخىمۇ تىرىشىڭ
ئىلھاملىرىم ئانچە -مۇنچە كېلىپ تۇر،
ئۆچۈپ قالما گاھ ئۇچقۇنلار چېچىپ تۇر.
بۇرۇختۇرما بولۇپ قالما بىمەھەل،
پەيتى تېپىپ سىرتقىمۇ بىر تېپىپ تۇر.

قاپىيەنى زورلاپ تېڭىپ بولسىمۇ ئانچە مۇنچە ئويناپ قوياي.
ياخشى يېزىپسىز.ھەقىقەتەن.قەلىمىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك،ئۆتكۈر بولىشىغا تىلەكداشمەن
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-8-25 22:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىنىڭ ئىلھاملىرى تېخىمۇ نۇرلانغاي. مۇبارەك بولسۇن، ياخشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-9-15 19:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ئۆتكۇركەن .داۋاملىق نادىر يازمىلىڭىزنى كورۇپ تۇرغايمىز.رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 22:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش