روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1491|ئىنكاس: 19
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مېنى سورىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         مېنى سورىما

سىر تۆكۈشكەن ساھىل قىرىدىن،
مۇڭغا چۆمگەن بۇلاق تۈۋىدىن.
قۇت تىلىگەن كاككۇك گۈلىدىن،
نۇرلان دىمە، مېنى سورىما!

تېلفونۇمغا قالدۇرمىغىن خەت،
خالىي قويغىن مېنى بېرەر رەت.
مۇھەببەتكە بايلىق ئەمەس شەرت،
ۋايىم يىمە، مېنى سورىما!

سۈرۈشتۈرمە دوستلاردىن ئۇچۇر،
ئاچتۇرمىغىن رەمباللارغا قۇر.
مەندىمۇ بار سەندىكى غورۇر،
تەمتىرىمە، مېنى سورىما!

بوپ قاپتىمەن ساڭا «زاتى پەس»،
راست، نەسەبىم مۈلۈكدار ئەمەس.
بايلىققىلا قىلامسەن ھەۋەس؟
سەن بىر نىمە، مېنى سورىما!

ئەقىدەمگە ئېيتىپ قويدىڭ خوش،
تۇتقانلىرىڭ ئالتۇن بولسۇن قوش.
خەيىر ساڭا رومانتىك تۇرمۇش،
كەت، بەزلىمە، مېنى سورىما!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-12 22:34:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە ئالاھتىن بەرىكەت تىلەيمەن.

باھا سۆز

ئەركىن ئەپەندىمنىڭ مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگىنىگە رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-12 23:05
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-12 23:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkinjuma يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 22:34
قەلىمىڭىزگە ئالاھتىن بەرىكەت تىلەيمەن.

ئەركىن ئەپەندىمنىڭ مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگىنىگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-8-13 10:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى سىزنى ئىزدەپ ئارام بەرمەپتۇدە
شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
ۋاقتى: 2014-8-13 10:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى سىزنى ئىزدەپ ئارام بەرمەپتۇدە
شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
ۋاقتى: 2014-8-13 14:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قاپىيداش يېزىپسىز ، مەزمۇنىمۇ ياخشى چىقىپتۇ . تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز .
ۋاقتى: 2014-8-14 08:49:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىمنىڭ يۈرەكى20نەچچە ياشلىق يىگىتلەرنىڭكىدەك شوخ ھە!

باھا سۆز

ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى 20 نەچچە ياشلىق يىگىتلەرنىڭكىدەك شوخ، 40 ياشلىق نەۋقىرانلارنىڭكىدەك سالماق، 60 ياشتىن ئاشق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-14 09:06
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-14 09:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulpikar0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 08:49
نۇرلان ئەپەندىمنىڭ يۈرەكى20نەچچە ياشلىق يىگىتلەرنىڭكى ...

ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى 20 نەچچە ياشلىق يىگىتلەرنىڭكىدەك شوخ، 40 ياشلىق نەۋقىرانلارنىڭكىدەك سالماق، 60 ياشتىن ئاشقان پىشقەدەملەرنىڭكىدەك تەمكىن بولۇشىنى تىلەيمەن.
يۈرەك دىگەن بىر خىللا بولۇپ قالسا بولمايدۇ- دە.
ۋاقتى: 2014-8-14 10:06:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن يىزىلغاندەك يىزىلىپتۇ مۇنۇ شىئىر ...............ئوغۇرلاپ كىتەيمىكىن ..........

باھا سۆز

ياقتۇرغان بولسىڭىز ئوغۇرلىمايلا، ئاشكارە ئېلىپ كېتىۋېرىڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-14 11:46
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-14 11:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھار يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 10:06
مەن ئۈچۈن يىزىلغاندەك يىزىلىپتۇ مۇنۇ شىئىر ...............{:6_2 ...

ياقتۇرغان بولسىڭىز ئوغۇرلىمايلا، ئاشكارە ئېلىپ كېتىۋېرىڭ.

باھا سۆز

رەھمەت جۇمۇڭ .تارتىنمايلا ئېلىپ كەتتىم ..  ۋاقتى: 2014-9-10 13:34

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 07:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش