روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1602|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روھلاندا ھېيىت نەزمىسى (ھېيىتلىق تىلەكلەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         روھلاندا ھېيىت نەزمىسى
          (ھېيىتلىق تىلەك)

بەركەت تىلەپ ئەھلى ئالەمگە،
مېھىر چېچىپ كۇللى خانەمگە.
سۇلغۇنلارنى چۆمدۈرۈپ رەڭگە،
يېتىپ كەلدى ئۇلۇغ روزا ھېيىت.

قۇتلۇق ئاينىڭ شاپائىتى ئۇ،
رامىزاننىڭ ساخاۋىتى ئۇ.
كۆڭۈللەرنىڭ ھارارىتى ئۇ،
دەل-دەرەخلەر توقۇيدۇ بېيىت.

بالىلاردا ئالەمچە شادلىق،
ساما سالار بولۇپ قاناتلىق.
ھېيىت ئاقچىسى ئاجايىپ تاتلىق،
كۈندە نېسىپ بولماس بۇ بەخىت.

ئانلارنىڭ چېھرى قۇياشتەك،
داستىخانلار دىلغا تۇتاشتەك.
ھويلا-ساراي، گىلەم ئوتقاشتەك،
پاكىزلىقى ئىمانغا تەخىت.

ئاتىلارنىڭ چىرايىدا نۇر،
دوپپىسىدا ئاقىدۇ غۇرۇر.
سەنمۇ كۈلگىن، ساڭا ئايەمدۇر،
ئاپئاق ساقال ئەزىز مويسىپىت.

ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلار جەم،
دىللار دىلدىن سۇ ئىچەر بۇ دەم.
قىيداشلارغا كىرەر يېڭى تەم،
ئاداۋەتكە قويۇلۇپ چېكىت.

كوچا-كوينىڭ جامائىتى سەل،
ئەجدادلاردىن ئەنئەنىدۇر دەل.
قىرائەتلەر قەلىبلەرگە ھەل،
يادلىنىدۇ ياتقانلار-مېيىت.

سالام بەرگەن كۆكرەكلەردە زەر،
ئىلىك ئالغان يۈرەكلەر گۆھەر.
كىمنىڭ ھېيتى ئۇلۇغ بۇ قەدەر؟
تەرىپىنى كۈيلە، ناخشا ئېيىت.

ئالەم پاتماي قىنى-قىنىغا،
سۆيگۈ چاچار ھەر بىر يېىنغا.
ھېيىت گۈزەللىك ئىسلام دىنىغا،
تېچلىق ئامەت، ئىناقسىزلىق زىت.

بۈگۈن بايرام، بىزگە خاس بولسۇن،
ھېيىتلىرىمىز ئۇنتۇلماس بولسۇن.
ۋەتەن، ئەل-يۇرت گۈللەرگە تولسۇن،
ئېتىقادلىق بولسۇن قىز-يىگىت.

قەدرىگە يەت دوستلىرىم، زوقلان،
ھېيىتنى ئۇلۇغ بىلىدۇ نۇرلان.
ھېيىت بىلەن تەڭ ياشىغىن «روھلان»،
ھېيىت بېرىدۇ ھەممىمىزگە دىت.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +40 ئىناۋەت +55 تەڭگە +19 بايلىق +55 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
ADiL + 40 + 40 + 10 + 55 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى  يىزىپسىز  ئاپىرىن   
رەخمەت ياخشى يىزىپسىز تېخىمۇ تىرشىڭ.
روھلاندىكىلەرنىڭ ھېيتلىقى ئوبدان بۇلىۋاتىدۇ، ھە.
ياخشى يېزىپسىز! قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!
ۋاقتى: 2014-7-27 20:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز! قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي
ھەممەيلەن ياخشى يېزىپسىز دەپلا ئىنكاس يازماي بىرەر كۇبلىتتىن يېزىپ قويغان بولساق تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاتتى ئەسلى. باشتىكى ئىنكاسلار ئىلھامىمنى قاچۇرۋەتتى

باھا سۆز

ئىلھامىڭىز بۈگۈنگىچە قاچقان يىرىدىن كەلمەپتۇ، دە. كەل، مۇبارەك! مۇسۇلمانغا ھېيت بۈگۈن، چوڭۇ-كىچىك، كەڭ ئاۋا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-28 21:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-27 23:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتەشنا ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلۇق ئىنكاسىغا كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-7-28 12:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تېرشىڭ
ۋاقتى: 2014-7-28 13:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايەم مۇبارەك. ھەممەيلەننىڭ ھەر بىر كۈنى ئايەمدەك بولغاي
ۋاقتى: 2014-7-28 14:34:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان توردىكى بارلىق دوستلارنىڭ ئايىمىگە ،ئەتىدىكى روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 14:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش