روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 18
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قېيدىشىمغا قىلغىن ئىجازەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قېيداپ قالدىم بەلكىم ئەي جېنىم،
قېيدىماقچى ئەمەستىم ئەسلى.
تەما قىلدىم بەلكىم سېنىڭدىن،
ئوتلۇق مېھىر،ئازراق تەسەللىي.

كۆيۈنۈشكە مۇھتاجمەن بىلسەڭ،
سېنىڭدىنلا كۈتەرمەن مېھىر.
باشقىلارغا مۇھتاج ئەمەسمەن،
ئىشلەتتىڭمۇ ماڭا يا سېھىر؟

كۆڭلۈڭ ماڭا ئايان تۇرۇپمۇ،
قېيداپ قالدىم بىلىپ بىلمەيلا.
تەنە گەپنى قىلىپمۇ سالدىم،
چوڭ مېڭىدىن تەستىق كۈتمەيلا.

قېيداپ بولۇپ چىدىماي يەنە،
سېغىنىمەن سېنى باشقىچە.
كەلسەڭچۇ يار بولغىن قېشىمدا،
كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاققۇچە.

قېيداپ قالسام كەتمە يىراققا،
مېنى يالغۇز مەيلىمگە قويۇپ.
تۇت قولۇمنى،باققىن كۆزۈمگە،
كۆزلىرىڭگە مەنا تولدۇرۇپ.

قېيدىشىمغا قىلغىن ئىجازەت،
سېنى سۆيگەچ قېيدايمەن جېنىم.
قۇچاغلاپ قوي قېيدىغىنىمدا،
پىچىرلىغاچ"ئەي نازۇك خېنىم".

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +25 ئىناۋەت +25 تەڭگە +10 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 25 + 25 + 10 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى چىقىپتۇ.ھارمىغايسىز

باھا سۆز

رەھمەت.ئىنشائاللاھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-26 15:17
ۋاقتى: 2014-7-26 13:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لېرىكىڭىز شۇ نداق ياخشى چىقىپتۇ، ئاپىرىن سىزگە.

باھا سۆز

ئالدىراڭغۇ،نازۇكلۇق قىلىپ، بىلىپ،بىلمەي قېيداپ ساپتىمەن. ساقلاپ باقسام ياردىن خەۋەر يوق، پۇشايمانغا ئۆزۈم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-26 15:00
ۋاقتى: 2014-7-26 13:28:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېيداش بېرەر مۇھەببەتكە رەڭ ،
قېيدىمىغان ھىسياتسىزغا تەڭ.
قېيداپ بولۇپ، مېھىر بەرسەكلا،
ئالەم ئاچار قۇچىقىنى كەڭ.

بۇ شېئىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.


باھا سۆز

قېيداش بېرەر مۇھاببەتكە رەڭ، قېيدىغاننىڭ مەناسى كۆپ، كەڭ. چۈشەنمىدى بىراق ئۇ يارەن، قېيداپ قالدى مېنىڭ بىلە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-26 15:11
ۋاقتى: 2014-7-26 14:33:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزدىن سۈيۈندۇم. ئەمما بەزى مىسرادىكى مەجبۇرى قاپىيە ھەم تىل ئىشلىتىش جەريانى يازمىڭىزغا بەزى نوقسانلارنى قوشۇپ قويغاندەك قىلدۇ. بۇ بىر تەكلىۋىم خالاس.

باھا سۆز

ھې ھې...ھەئە.شۇنداقراق چىقىپ قالدى.كۆپ تەھرىرلىمەيلا يوللىۋىتىپ قالدىم.بۇ قېتىم دىققەت قىلاي ئىنشائاللاھ.رەھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-26 15:13
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:24
بۇ لېرىكىڭىز شۇ نداق ياخشى چىقىپتۇ، ئاپىرىن سىزگە.

ئالدىراڭغۇ،نازۇكلۇق قىلىپ،
بىلىپ،بىلمەي قېيداپ ساپتىمەن.
ساقلاپ باقسام ياردىن خەۋەر يوق،
پۇشايمانغا ئۆزۈم قاپتىمەن.
كۆرۈڭ ئاكا چىدىماي يەنە،
دەرت تۆككىلى قەلەم ئاپتىمەن.

باھا سۆز

مانا قىز دېگەن سىزدەك بولسا. مەن بىچارە تولا دەردىمنى تۆكۈپ،شېئىرلار يېزىپ ئۆزۈمنى ئوتقا ئۇرۇپ يۈرسەم،ۋاي—ئ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-26 23:36
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:28
قېيداش بېرەر مۇھەببەتكە رەڭ ،
قېيدىمىغان ھىسياتسىزغا  ...


قېيداش بېرەر مۇھاببەتكە رەڭ،
قېيدىغاننىڭ مەناسى كۆپ، كەڭ.
چۈشەنمىدى بىراق ئۇ يارەن،
قېيداپ قالدى مېنىڭ بىلەن تەڭ.
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 14:33
يازمىڭىزدىن سۈيۈندۇم. ئەمما بەزى مىسرادىكى مەجبۇرى قا ...

ھې ھې...ھەئە.شۇنداقراق چىقىپ قالدى.كۆپ تەھرىرلىمەيلا يوللىۋىتىپ قالدىم.بۇ قېتىم دىققەت قىلاي ئىنشائاللاھ.رەھمەت سىزگە
لوپجان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:20
ياخشى چىقىپتۇ.ھارمىغايسىز

رەھمەت.ئىنشائاللاھ
ۋاقتى: 2014-7-26 15:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 09:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش