روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سۆيۈملۈك ساراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        سۆيۈملۈك ساراڭ

ئامرىقىم گاھى مېنى «ساراڭ» دەيدۇ،
قىلمىڭە، خىجالەتلىك پاراڭ، دەيدۇ.
كۈنىمىز ئىجىللىقتا ئۆتەر شۇنداق،
چېقىشسام: يۈزى قېلىن قاشاڭ، دەيدۇ.

كەلسىمۇ كۈندە نەچچە سۆيمەكلىكىم،
ئۈندىسە سۆيمەككە شاش تەنتەكلىكىم.
دالىدا سۆيۈپ يۈرسەم -ئۆلمەكلىكىم،
دالدىدا سۆيسە تاتلىق ئاھاڭ، دەيدۇ.

يار مېنى ساراڭ دىسە دىسۇن، مەيلى،
سۆيۈشمۇ ھايا بىلەن شىرىن ئەسلى.
ساراڭنىڭ سۆيۈملۈكتۇر مىجەز-پەيلى،
قەدرى يوق سۆيۈشلەرنى ۋاشاڭ دەيدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۇف،دەرتلىك يۈرۈكۈمگە يەنە دەرت قوشۇلدىغۇ،كونا ئەسلىمىلەر كىلۋالدى ئەمەسمۇ بۇ شىئىرنى ئوقۇپ.
نۇرلان ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئۆتكۈر جۇمۇ.بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئىلھامىمنى ئوغۇرلاپ كەتتىمېكى دەيمەن ھى ھى ھى ھى..چاقچاق ھە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 21:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقتىكى ئەسلىمىلىرىمنى يېزىپ قويدۇمغۇ، نەپرەتجان.
يۈرەكتىكى دەرتلەرگە دەل ۋاقتىدا داۋا ئىزدەڭ.
ۋاقتى: 2014-7-15 23:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى كۆرۈپ، ياشلىقنىڭ بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان دەۋرىمدە ئاڭلىغان قايسىبىر ناخشا ئېسىمگە كېلىپ قالدى دېسە
بۇ شئىرىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ ياشلىقتىكى ئەسلىمىلىرىنى ئىسىگە سالامدۇ نىمە؟  مىنىڭمۇ كونا ئەسلىمىلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى دىسە
ۋاقتى: 2014-7-26 14:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا دەرىتلەر قوزغالدى يەنە........................
ياخشى يېىزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 06:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش