روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1599|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سېنىڭ بىلەن ئامەتلىكمەن ئامرىقىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سېنىڭ بىلەن ئامەتلىكمەن ئامرىقىم

ئامرىقىم، ئۇزۇن چېچېڭ يارىشىپتۇ،
ئۆرۈمى مەجنۇنتالنىڭ شاخلىرىدەك.
قېشىڭدىن ئوسما ئۇزلۇق تالىشىپتۇ،
ئەگمىسى كۆركەم تەڭرى تاغلىرىدەك.

يۈرەكنى كۆيدۈرىدۇ چىمەن دوپپاڭ،
كۆڭلۈڭنى يىپقا ئۇلاپ چەگدىڭمىكىن؟
زەرەپشان تاڭ قالىدۇ مۇقام ئېيىتساڭ،
بىلمىدىم، ئاماننىسا تەكتىڭمىكىن؟

يۈزۈڭگە رەڭ بېرىپتۇ زىناقلىرىڭ،
لەۋلىرىڭ يېڭى پىشقان گىلاستەكلا.
چولپاندەك نۇر چاچىدۇ چاناقلىرىڭ،
تەبەسسۇم پەرىلەردىن مىراستەكلا.

تىۋىشىڭ دىل سەگىتەر، دىلرابادەك،
تارىتىپ لەئلى-ئىپار ھىدلىرىنى.
ئۇچاڭغا يارىشىپتۇ ئەتلەس كۆينەك.
سۇغىرىپ پەزىلەتنىڭ بىخلىرىنى.

تىللىرىڭ شەربەت بىلەن يۇغارغاندەك،
سۆزلىرىڭ بۇلبۇلدەكلا يېقىملىقتۇر.
سىر-ھېكمەت دەرياسىدا سۇغارغاندەك،
تامچىسى ئاشىقىڭغا تېتىملىقتۇر.

ئامرىقىم، سېنى سۆيگەچ ئامەتلىكمەن،
سېنىلا تىلەپتىكەن ئانام ماڭا.
ساداقەت سەيناسىدا ھەمراھىم سەن،
تۇرمۇشنىڭ داۋانىدا سىرداش يانا.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-14 20:42:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئەسىرىمۇ؟
ياخشى چىقىپتۇ.ئۇزىڭىز يازغانمۇيا؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 00:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ  ئىنكاسىغا رەھمەت. نۇرلان ئىمزاسىدىكى شېئىرلارنىڭ مەنبەئەسى مەن -نۇرلان.

باھا سۆز

ئۇز ياركەن رەببىم سىزگە ئاتا قىلغان، ساقلىسۇن ئاللاھ ئۇندىن يامان كۆزنى. ئىشتىياق تۇغۇلدىغۇ مەندىمۇ ھەم، كۆر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 00:59
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 00:38
تورداشلارنىڭ  ئىنكاسىغا رەھمەت. نۇرلان ئىمزاسىدىكى شې ...

ئۇز ياركەن رەببىم سىزگە ئاتا قىلغان،
ساقلىسۇن ئاللاھ ئۇندىن يامان كۆزنى.
ئىشتىياق تۇغۇلدىغۇ مەندىمۇ ھەم،
كۆرمەككە سىز دەۋاتقان ئۇ ئاي يۈزنى.

مەنغۇ بىر ئايالكەنمەن راۋا بولار،
باشقا يات ئەرلەرگىمۇ راۋامىدۇ؟
نىمىشقا ماختىغانسىز تاۋار كەبى؟
يا ماختاش يۈرەكلەرگە داۋامىدۇ؟

بىلىسىز بىر تەنتەكمەن گېپى ئىتتىك،
ئاغرىنماڭ سەۋەن ئۆتسە گۆدەك دەرسىز.
ئۈمۈدۈم كۆز تەگمىسۇن ئىككىڭلارغا،
بەخىتنىڭ ھوزۇرىدا شاد كۈلگەيسىز.
نۇرلان ئەپەندى.سەل چېچىلغۇدەك ئىنكاس بولۇپ قالدىمۇ ھە ئىنكاسىم.....شۇ ئەمدى......بىر ھەدىس ئېسىمگە كېچىپ قالغان.شۇڭا ئايالىنىڭ جامالىنى يات ئەرلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم.شېئىرىڭىزغا گەپ كەتمەيدۇ.مەن دىگەن مەن سىزنىڭ سادىق ئاڭلىغۇچىڭىز دەپ.بىراق شۇ....بۇنداق شېئىرلار قانداق بولار دەپ قالدىم.ئەگەر خاتا كەتكەن يەر بولسا ئەپۇ سورايمەن.

باھا سۆز

شېئىر يازغىن بىلىپ، بىلمەي ياز، تۇرۇپ چەكسىز سىرتىدا شارنىڭ. شەيئىلەرنى كۈزەت غەلىتە، زۆرۈرىيىتى يوقتۇر بۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 11:02
ياخشى چىقىپتۇ شېئىرىڭىز....قەلىمىڭىز ھارمىغاي...
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 01:05
نۇرلان ئەپەندى.سەل چېچىلغۇدەك ئىنكاس بولۇپ قالدىمۇ ھە  ...

ھەقنى سۆزلىگەن يامان ئىش ئەمەس بۇ كىشى ئۇنچە نادان ئەمەس رەنجىمەيدۇ  شۇنىڭدىن سزنىڭ پەزىلتىك ئىسىل مۆمىن مۇسىلم ئىكەنلىكىڭىزنى كۆگەندەك بولدۇم ياخشى يېزىپسز روھلانداشلار مۇشايىرە قىلساڭلامۇ بىر بىرىڭلادىن قېلىشمايدىكەنسىلە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 11:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 01:05
نۇرلان ئەپەندى.سەل چېچىلغۇدەك ئىنكاس بولۇپ قالدىمۇ ھە  ...

شېئىر يازغىن بىلىپ، بىلمەي ياز،
تۇرۇپ چەكسىز سىرتىدا شارنىڭ.
شەيئىلەرنى كۈزەت غەلىتە،
زۆرۈرىيىتى يوقتۇر بۇلارنىڭ.
                                     - م. خۇرسەندى

ئايشەمگۈلنىڭ ئىنكاسىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ھەممىمىز " روھلان" دىكى ئەسەرلەرگە مۇشۇنداق تەنقىدىي كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئاندىن " روھلان ئەدەبىياتى" يەنىمۇ روھلىناتتى.
مەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىم مۇتەللىپ خۇرسەندىنىڭ يۇقارقى بىر كۇبلىت شېئىرىنى ئايشەمگۈلگە جاۋاب تەرىقىسىدە سۇندۇم. مېنىڭچە، شېئىردىكى " مەن" مەن بولىشىم ناتايىن. گەپ سىزنىڭ قانداق چۈشىنىشىڭىزدە.
ئاياللارنى ماختاش مەسلىسگە كەلسەك، تىللىغاندىن ماختىغان ياخشىمىكىن دەيمىنا؟


باھا سۆز

مۇتەللەپ خۇرسەندى سىزنىڭ ئۇستازىڭىزمۇ،چاقچاقمۇ يا راسمۇ ھوي.مەن تونۇيتۇم بۇ كېشىنى؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 13:19
ياق تەنقىدى كۆز قاراش بىلەن يازاي دەپقۇ يازمىغان.شۇ ئازراق ئۆزۈمنى كۆرسىتىۋالغۇم كەلگەن چېغى،ئاران بىر قىلغ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 11:24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 11:26  
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 11:02
شېئىر يازغىن بىلىپ، بىلمەي ياز،
تۇرۇپ چەكسىز سىرتىدا ...


ياق تەنقىدى كۆز قاراش بىلەن يازاي دەپقۇ يازمىغان.شۇ ئازراق ئۆزۈمنى كۆرسىتىۋالغۇم كەلگەن چېغى،ئاران بىر قىلغۇدەك پۇرسەت كەلگەندە گەپ قىستۇرۋالاي دىدىم چوقۇم ھې ھې.....توغرا چۈشەنگىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.يەنىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن.ئامىن!

باھا سۆز

يا ئاللا..يەنە قانچىلىك كۆرسېتىۋالسىڭىز بۇلاتتى.نەپسىڭىز بالاكەنغۇ ھى ھى ھى. ئايشەمگۈل دىسە تونۇمايدىغان ئاد  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 13:16

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 01:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش