روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۇ جاھان-شۇنداق جاھان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ جاھان-شۇنداق جاھان

    ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

تۈلكە مەھكۇم قۇۋلىقىدىن قاپقانغا،
توسۇلماس كۈن ئېتەك بىلەن ياپقانغا،
كۈلۈپ باقار جاھان كۈلۈپ باققانغا،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

بولماس ھېچكىم ھېچكىشىگە يار-يۆلەك،
(ھەر كىشىنىڭ ئۆيى باشقا، يار بۆلەك)،
مۇراد تاپار شاد ۋىسالدىن چىن يۈرەك،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

ئىززەتلىنەر ئىززىتىنى بىلگەنلەر،
بەلكىم يىغلار ئاخشام قەھ-قەھ كۈلگەنلەر،
يەنە دەۋران سۈرىۋەرمەس سۈرگەنلەر،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

ھايات يولى ئەمەس ئەسلا تۈز-راۋان،
توراپ تۇرار مەنزىلىڭنى تاغ-داۋان،
ئالتۇن بېشىڭ بولسا ئامان، سەن ئامان،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

تۇرىۋەرمەس ئىلكىڭدىكى ئامەتلەر،
تۇرىۋەرمەس تاغدەك قاۋۇل قامەتلەر،
يېغىۋەرمەس ھېچكىمگە تىل-لەنەتلەر،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

ئۇچقانلارمۇ قانات قېقىپ ھارىدۇ،
ماڭغانلارمۇ مەنزىلىگە بارىدۇ،
تېپىۋاتقان دۇنيالىرىڭ قالىدۇ،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

كۈلىۋەرمەس كۈلىۋاتقان چولپانلار،
تۇغۇۋەرمەس تۇغۇۋاتقان چوكانلار،
بېقىۋەرمەس پادىسىنى چوپانلار،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

كۆكتە ئۇچقان قۇشمۇ يەردە دانلايدۇ،
بىراۋ سېنى سۆكسە، بىراۋ داڭلايدۇ،
تۇر!!! + مۇش!!!  سېنى ھەر قەدەمدە تاۋلايدۇ،
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

كېچە ئۇزۇن بولسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ،
نۇرلۇق قۇياش تاغ كەينىگە پاتىدۇ،
سۇلتانلارمۇ تار لەھەتتە  ياتىدۇ،
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ...
ئەلمىساقتىن شۇنداق جاھان، جاھان بۇ.

2014-يىل 3-ئىيۇل
كېيىنكى: قارا كۆز
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-3 22:06:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزاد  ئەپەندىمنىڭ پاساھەتلىك مىسرالىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. قەلىمىڭز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.
ۋاقتى: 2014-7-3 23:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزاتجاننى تۇنىغاندەك قىلدىمغۇ مەن
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 00:37:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altaxna يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 23:31
ئەركزاتجاننى تۇنىغاندەك قىلدىمغۇ مەن
来自安卓客户端

  رەھمەت، قېرىندىشىم. بەلكىم، گەرچە پۈتۈن ئالەمگە تۇتاش بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پىكىرداش دوستلار رىشتىنى مەھكەم  باغلاپ تۇرغۇچى بۇ تور ئالىمىدە قەلب سىرلىرىمىز ئەكىس ئەتكەن ماقالە-ئەسەر، يازمان-ئىنكاسلىرىمىز ئارقىلىق 10 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇڭدىشىپ كېلىۋاتقان بۇرادەرلەرىن بولساق كېرەك. ئامان بولغايسىز.
ۋاقتى: 2014-7-4 09:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەنىگە ئىگە، تېرەن مەزمۇنلۇق شېئىر ئىكەن. ئۆزىنى ئادەم سانايدىغانلار چوقۇم كۆرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش، رىغبەت- تەسەللىي تېپىپ تۇرسا بولغۇدەك گۆھەر مىسرالار ئىكەن، ھارمىغايسىز ئەركىزات ئەپەندى!

باھا سۆز

سىز ئىنكاسلارنى ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق يازىدىكەنسىز.  ۋاقتى: 2014-7-8 20:47
ۋاقتى: 2014-7-4 14:32:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز شۇنداق سۆيۇندىم شىئىرىڭىزنى ئوقۇپ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 22:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش