روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 990|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چايدىكى كۆڭۈل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 18:45  

چايدىكى كۆڭۈل


چايلىرىڭغا سالغانمىدىڭ قەن،
دەملىگەنمۇ سېغىنىش بىلەن؟
پۇرىقىدىن كۆڭۈل خۇش بولدى،
ھوزۇرىدىن ئېرىمەكتە تەن.

سۆيۈملۈكۈم، مەس بولدۇممۇ مەن؟
پىيالەڭگە سالماپتىمەن زەن.
كۆيدۈرمىدى لەۋنى ئىسسىقى،
پارچىلاندى يۈرەكتەك مەدەن.

چايغا كۆڭۈل قوشقان چاغدا سەن،
ئىشارەت قىل، ئاستا پەم بىلەن.
بىر ئوتلاپلا تۈگەتسەم، ئەپسۇس...
بىلىنمەسكەن تاتلىق تەم دىگەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-16 22:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالىرىڭىزدىن گۈل ئۈنۈپتۇ. ياخىشى يېزىپسىز.
ۋاقتى: 2014-6-17 03:37:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ماۋۇ شىئىر قاپىيەلىرى ئالامەت كەپتۇ جۇمۇ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-17 10:56:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر مىسرالىرىڭىز ،قاپىيىلەر شۇنداق ماسلاشقان ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-6-17 18:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،تىخىمۇ تىرشىڭ
ۋاقتى: 2014-6-18 07:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چايلىرىڭغا سالغانمىدىڭ قەن،
دەملىگەنمۇ سېغىنىش بىلەن؟
پۇرىقىدىن كۆڭۈل خۇش بولدى،
ھوزۇرىدىن ئېرىمەكتە تەن.

بەك ياخشى چىقىپتۇ ،مەن بەكمۇ  ھوزۇرلاندى،سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 04:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش