روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاكامغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىددىيەڭنى سەن ماڭا تاڭماقچى بولۇپ،
سىياسەت قىلىسەن بېسىمىڭ قاتتىق.
ئۆتمەيدۇ كاللامدىن غەزەپكە تولۇپ،
لەۋچىشلەپ دىماغدا كۈلىمەن ئاچچىق.

نوپۇزدا ئاكاسەن مېنىڭدىن ئۈستۈن،
ھەرسۆزۈڭ مەن ئۈچۈن ئىشارەت يارلىق.
بوي سۇنۇپ كەلدىممەن ئەي ساڭا پۈتۈن،
خىلاپلىق قىلمىدىم سۆزۈڭگە چاغلىق.

سەن مېنى كۆرمىدىڭ قېرىندىشىڭدەك،
تەبەسسۇم قىپ ماڭا باقمىدىڭ زىنھار.
مەن كىچىك ئەمەسمەن ئويلىغىنىڭدەك،
قەلبىمدە قانداشلىق مۇھەببىتى بار.

ھەر ئاخشام سۆزلەيمەن كۆكلەرگە بېقىپ،
دەردىمنى تۆكىمەن يۇلتۇزغا ئايغا.
تىڭشاپ باق قەلبىمنى قۇلاقنى يېقىپ،
مېھىردەپ سوقىدۇ ،ھەرچاغ ھەرجايدا.

مېھىر بەر ئەي ئاكا تەڭ كۆرگىن مېنى ،
ئىتتىپاق تۈزەيلى ئەبەدىل ئەبەد.
خوش بولسۇن بوۋامنىڭ ،ئانامنىڭ روھى،
خەقلەرمۇ بىز ئۈچۈن قىلمىسۇن غەيۋەت.

ئەمەتجان سايىت 2014-يىلى 5-ئاي 29-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-15 23:33:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىي تىلغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بەرسىڭىز، سىزدە ئۈمىد باركەن. تېخىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-16 00:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە بىرەر ئىش تەسىر قىلغاندەك ھە
شىئىر مەزمۇنىدىن چۈشەندىم چۈنكى ماڭىمۇ بىرەر نەرسە تەسىر قىلسا ئىلھام بەك كېلىدۇ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-16 01:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، ئاكىلار ئىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. چۇنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئوز قىرىندىشىڭلار. ئىنىڭلار سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ.سىلەرگە دىمەكچى بولغىنىم چوڭ ئوينى يوخلاپ تۇرۇڭلار،ئىنىڭلار سىلەردىن مەڭگۇ ۋاز كەچمەيدۇ، بەك ياخشى يىزىپسىز ،تەغدىرداشكەنمىز رەخمەت
ۋاقتى: 2014-6-16 10:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ھېسياتىڭىزنى قەلەمدە تۇللۇق ئىپادىلەپسىز. ئەمما نۇرلان ئەپەندى ئېيىتقان تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرسىڭىز سىزدىكى قەلەمدە ئۈمۈد بار ئىكەن.
چۇقۇم تېرىشىڭ. ئويلىغىڭىزنى خەق نىمە دەپ قالاركىن دىمەي يېزىڭ. ئۈچ چى قېلىنلىقتىكى مۇز بىر كىچىدىلا قاتىدىغان ئىش يوق.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 21:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مېنىڭ بەلكىم دەرت تۆكىدىغانغا قەغەزدىن باشقا كىشىم بولمىسا كىرەك.
ۋاقتى: 2014-6-16 22:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 22:23  

ئۇنداقمۇ دىمەڭ. دەرىدىڭىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولمىسا تاھارەتنى كامىل ئېلىپ جايناماز ئۈستىگە چىقىڭ . ئەنە شۇ چاغدا دەردىڭىزنى ئۈنسىز ئاڭلاپ ھەل قىلىدىغان زاتنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشسىز قېرىندىشىم.
بەزىدە ھەم قەغەزگە مۇشۇنداق ئىلھام بىلەن مىسرالارغىمۇ ياندىشىڭ. ئىشقىلىپ ئۈمۈتسىز بولماڭ. ئۈمۈتسىز ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆزىنى خوش قىلىشمۇ كەلمەيدۇ.

باھا سۆز

سەمىمى ۋە پەلسەپىيۋى تەلىملىرىڭزگە رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-17 00:20
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 00:20:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 22:22
ئۇنداقمۇ دىمەڭ. دەرىدىڭىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولمىسا ...

سەمىمى ۋە پەلسەپىيۋى تەلىملىرىڭزگە رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 02:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش