بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 16:34
مەن شېئىر يازغاندا خىيالىم غەرق،
بوپ چۇڭقۇر دېڭىزغا كىرىپ كېتىمەن .
تەسەۋۋۇر چېچەكلەپ ئۇرىدۇ بەرق،
دەل ئاشۇ چېچەكتىن مىسرا تېزىمەن.
كۆكلەرگە باقىمەن ئىلھامنى ئىزدەپ،
گاھ بولار تەبىئەت ئىلھامغا پىلتە.
كىچىك بىر چۆمۈلە ئاستا ئۆمىلەپ،
شېئىرنى باشلايدۇ گۈزەل رەۋىشتە.
قەلبىمنى ئېرىتىپ باغلايدۇ يارغا،
جىمىرلاپ ئاسماندا ئاي بىلەن يۇلتۇز.
گاھ مېنى ئاسىدۇ ۋىجدانىم دارغا،
دەپ ماڭا «ھەقنى ياز، روھىڭنى قۇتقۇز!».
بىر مىسرا پۈتكۈچە ياشلار تامچىلاپ،
مەڭزىمنى بويلايدۇ بولىدۇ- ئېرىق.
بىر مىسرا ئۈچۈن مەن تۇرىمەن ئايلاپ،
كار قىلماس ئەي ماڭا تەڭلىسەڭ مىلتىق،
بىر مىسرا ئارزۇ بوپ قالىدۇ ماڭا،
لايىق بىر سۆزلەرنى تاپالماي ئەبەد.
بىر مىسرا دىلىمنى قىلىدۇ يارا،
قانداقتۇر بىراۋچۈن چەككەندە ھەسرەت.
ئەمەتجان سايىت 2014-يىلى -ئاينىڭ 8-كۈنى
|