روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4478|ئىنكاس: 26
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

"چانايمەن"گە جاۋاپ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم روھلان ئەھلى،شېكەر شەنبە يەكشەنبىللىرىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!چانايمەن دىگەن شېئىر ئارىمىزدىكى كۆپىنچە كىشلەرگە تونۇشلۇق،ئۇنىڭغا ھەرخىل جاۋاپلار چۈشتى ۋە ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى.شۇ قاتاردا مەنمۇ قىززىقچىلىقتا جاۋاپ يېزىپ باققان.تۈنۈگۈن تۇيۇقسىز ئۇ جاۋابىمنى ئۇچرىتىپ سىلەرگىمۇ كۆرسەتكۈم كىلىپ قالدى.جاۋاپ پەقەت چاخچاق تەرىقىسىدە يېزىلدى،ئۇ شېئىرنىڭ ئاپتورىنىڭ جاۋابنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

چانايمەن
ئاناڭنىمۇ چانايمەن،داداڭنىمۇ چانايمەن،
قارشىلاشسا مەن بىلەن ھەدەڭنىمۇ چانايمەن،
تەگمىگۈچە سەن ماڭا بۇ پەيلىمدىن يانمايمەن،
ئۆيلىرىڭغا ئوت قويۇپ موماڭنىمۇ چانايمەن

ئاقچى دەپتۇ ئاپاڭمۇ،كۆكچى دەپتۇ داداڭمۇ،
كۆرمىگەندەك ياشلىقنى قارشى چىقتى ئاچاڭمۇ،
ئويلاپ باقسۇن ئۇلارمۇ ياخشى كۆرۈش ئاسانمۇ،
تولا غەۋغا قىلمىسۇن ئاكاڭنىمۇ چانايمەن.

ئوخشاتقاندۇ دۈشمەنلەر مېنى ياكى ئاقچىغا،
يامان كۆرۈپ تايىنلىق سېنى بېرەر ياخشىغا،
جېدەل قىلدى دەپ مېنى تۇتۇپ بېرەر ساقچىغا،
توسسا بەلكىم ئالدىمنى زۇڭتۇڭنىمۇ چانايمەن.

داداڭ سېنى بېرەرمىش قارىلارغا تويلۇشۇپ،
ماقۇل دەپتۇ بەس بەستە تۇققانلىرىڭ قوللۇشۇپ،
ئەركىنلىكىڭ ئۆزەڭدە باقتىڭمۇ سەن ئويلىشىپ،
كەلسە ئەگەر ئالاي دەپ قارىنىمۇ چانايمەن.

ماڭا ئەمدى نىمە كۈن سەن داداڭنىڭ قولىدا،
مېنى ئويلاپ قويساڭچۇ خۇدايىمنىڭ يولىدا،
پەرۋايىڭ يوق ئوينايسەن ئاقسۇ قەشقەر غۇلجىدا،
جىم يۈرمىسەڭ ئەگەردە ئۆزەڭنىمۇ چانايمەن.
ئاپتورى:ئەنۋەر ئەمەت


    "چانايمەن"گە جاۋاپ

خېتىڭ كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ئەي "يىگىت"!
نوچىلىقىڭ مۇشۇمۇ؟پىسەنتىمگە ئالمايمەن.
جاۋاپ بېرەي پورىڭغا،مەھكەم تۇتقىن يادىڭدا،
بۇنداق پۇرسەت كەلگەندە مەن گاڭگىراپ  قالمايمەن.

ئانام دادام نامىنى قانداق تىلغا ئالغانسەن؟
بىر چەت تۇرسۇن ئوغۇللار مەن ئاغزىڭنى يامايمەن!
ئاچام ئۆزى بىر پەرى،كۆڭلى يۇمشاق،قاردىن ئاق،
تىل سېپ سالما ئۇنىڭغا،ئاغزىڭغا پوق چىڭدايمەن.

ئاكام ئۆزى ئەركەكتۇر،ئىسمى جىسمى خوپ كەلگەن،
ئۇندىن پەشۋا يەپ قالساڭ ھەرگىز توسۇپ قالمايمەن.
مومامنىمۇ بوش قويماي قېتىپ ساپسەن شېئىرغا،
ئەگەر قارغىش ئېپ قالساڭ ھەرگىز ھەيران قالمايمەن.

نەدىن كەلدى ساقچىلار؟شەيتان شېرىك باخشىلار؟
ئېقىم تازا كېلىشمەس ،سەندىن ئۈلگە ئالمايمەن.
ماڭا كەتمەس ياردىمى ،ئاللاھىم بار يۆلەنچۈك،
سەندەك كۆڭۈل ئارزۇ دەپ مەن دىنىمدىن تانمايمەن!

قارىم دەپتىڭ يۈرىكىم كەتتى سەكرەپ ئويناقلاپ،
تەقۋا ئىلىم ئەھلىگە كۆزۈم يەردىن ئالمايمەن.
تۇققانلىرىم ھەم دادام بەختىم تىلەر ھەقىقى،
شۇڭا قارىم دەپ قالسا،بولمايدۇ دەپ سالمايمەن.

قىلىقلىرىڭ ئەسەبىي نەرىڭ كامدۇر ئاقچىدىن؟
ئاقچى كۆكچى دەپ سالسا شۇڭا ھەيران قالمايمەن.
يامانلىقتىن يانمايسەن،تۆۋبە قىلىپ قالمايسەن،
سەن توغۇرلۇق ھەرگىزمۇ ئارزۇلاردا بولمايمەن.

خىجىل بولماي خۇدانى ياد ئېتىپسەن ئاخىردا،
سەندەك نىيتى بۇزۇققا ئىچ ئاغرىتىپ سالمايمەن.
غۇلجا كۆنەس دەپ قاپسەن،ئويۇن پەقەت ساڭا خاس،
بىسوراقسىز دادامدىن سىرتقا قەدەم ئالمايمەن.

گېپىم ئوچۇق بولغاندۇ؟كەشىڭ تۈزەپ كېتىپ قال،
سەندەك تەلۋە ساراڭنى كۆز قىرىمغا ئالمايمەن!
ئىشەنمىسەڭ كېلىپ باق،قوقاقنىمۇ سېلىپ باق،
تەلۋىلىكتە مەن سەندىن ئازراقمۇ كەم قالمايمەن!

ئىنساپ ئىمان ھىدايەت... تىلە ئاللاھ رەھماندىن،
مەنمۇ تىلەي، ئىنسانغا ئاداۋەت ھەم تۇتمايمەن.
ئاجىز ئىنسان سەنمۇ بىر ،پونى ئەمدى ئاز ئاتقىن،
"چانايمەن"گە  جاۋاپنى شۇنداق  تامام ئەتكەيمەن.

ئاپتور:ئايشەمگۈل
来自安卓客户端

باھا سۆز

بەك ياخشى جاۋاپ بوپتۇ بۇ.  ۋاقتى: 2014-6-7 15:42
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-7 13:21:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئالامەت كەپتۇ جۇمۇ چانايدىغانلار ئەمدى سەلپەل ئويلىشىپراق چانىمىسا بومماپتۇ
ۋاقتى: 2014-6-7 15:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە دېسىلا چانايمەن دەپ پو ئاتىدىغان جىدەلخۇرلار، ئەمدىغۇ چانىمايدىغان بولاسىلەر ھە! بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزمۇ چانايدىغانلاردىن قورقۇپ قالمايدىكەن  مانا.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
Eliyar410 + 5 + 5 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-7 17:25:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل ئەسلى شائىرە ئىكەن ئەمەسمۇ، ‹‹چانايمەن›› نىڭ ھەر بىر كۇپلىتلىرىغا كەلتۈرۈپسىز، رەھمەت ھارمىغايسىز.
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن !!! ئايشەمگۇل سىڭلىم ، ھەقىقەتەن تەقۋادار قىز ئىكەنسىز .دىيانىتىڭىزگە ئاپىرىن . ئەھلى - ئىلىملەر بولسا تۇرمۇش قۇرۇشقا رازى دەپسىز . ئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجىرلەرنى بەرسۇن
ۋاقتى: 2014-6-7 17:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چانايدىغانلار نېرى تۇرۇڭلار جۇمۇ ماۋۇ قىزدىن
ۋاقتى: 2014-6-7 20:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چانايدىغانلار ئاقىۋېتىڭلارنى ئويلۇشۇپراق ئىش قىلىڭلار جۇما
ۋاقتى: 2014-6-7 21:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ كەپتا ما ناخشا  ئاپلا شىئىر دەيمەن دەپ .
ئەمما ناخشا قىلىپ ئوقىسا ، لەپەر قىلىپ .
چاقچاق ھە ئەمما راس كەلتۈرىپسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-7 21:45:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قاتناشتۇرغىنىغا رەھمەت!ئۆزەمچىمۇ شۇ خېلى  بولىدىغان جاۋاپتەك ھېس قىلىپ يوللىغۇم كەلگەن.بىر خىل ئاخسا ھە؟ لىكىنغۇ  ئاخسالىقنى قوغلاشمايتىم.شېئىر ئۆزى شۇنداق يېزىلغاچ جاۋابىمۇ شۇنداق چىقتى ئەينا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-7 21:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
naser发表于2014-06-07 17:38:19
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن !!! ئايشەمگۇل سىڭلىم ، ھەقىقەتەن تەقۋادار قىز ئىكەنسىز .دىيانىتىڭىزگە ئاپىرىن . ئەھلى - ئىلىملەر بولسا تۇرمۇش قۇرۇشقا رازى دەپسىز . ئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجىرلەرنى بەرسۇن
ھەممىمىزگە ئامىن!
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 05:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش