روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1728|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يولۇڭغا قاراپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يار قاياقتىن كەپ قالاركىن دەپ،
ئىشىكلەرگە قارىدىم بىر پەس
تامدىكى شۇ ئوماق سۈرىتىڭ،
كۆڭۈللەردە قوزغىدى ھەۋەس.

خىياللىرىم كەتتى ئۇزاققا،
ئۇنتۇدۇممەن ئۆزۈمنى شۇ دەم.
سەن كەتكەنسەن يارىم قاياققا،
تۇيۇلماقتا غېرىپلا كۈلبەم.

كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە غۇر-غۇر،
ياشلىقتىكى ھەربىر دەقىقە.
ھەربىر نازۇك ھىسياتلارمۇ ھەم،
(ئۇنتالمايمەن ئۇنى ئەلۋەتتە)

مەن ئۇنتۇغان ھەممىنى شۇ چاغ،
سەنمۇ ھەمدە ئۇنتۇغان بەلكىم.
ئەي سوغۇقتا تىترىشىپ غال-غال،
كۈتكەن ئىدۇق ئۆزئارا جىنىم.

بۈگۈن كەتتىڭ قاياقلارغا سەن،
تۇتقىنىدا مېنىڭ خۇمارىم.
ۋەدىلەرنى ئۇنتىمىغىن سەن،
ئايدۇر ئاشۇ مېنىڭ تۇمارىم.

قاراپ قويغىن كۆكلەرگە پات-پات،
ئەسلىرىڭگە سالار مېنى ئاي.
مەن يولۇڭغا قارايمەن جېنىم،
سۈرىتىڭگە باقىمەن قانماي.

ئەمەتجان سايىت 2014-يىلى 6-ئاينىڭ15-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-15 21:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز!
ۋاقتى: 2014-6-15 23:31:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىي تىل، چىن ھىسيات بىلەن يېزىلغان ناھايىتى مەنىلىك شېئىر بولۇپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-16 00:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلار كۆپىيىۋاتىدۇ مۇنبىرىمىزدىمۇ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-16 10:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان ئۇكام ياشلىقنى ئەسلەتتىڭىز جۇما
دىمەك ئاشىقلىقتىن شائىرلىق كەپ چىقىدىغنى بىكار ئەمەسكەندە
ياخشى يېزىپسىز تېرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-16 12:58:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 12:59  

شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، مۇراد-مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ناخشا:  يولۇڭغا قاراپ   (يەنە گەپ تاپىدىغانلار گەپ تېپىڭلار)

            

باھا سۆز

بىرسى گەپ تېپىۋاتامدا؟ ياكى باشقىلارنى گەپ تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۋاتامسىز  ۋاقتى: 2014-6-16 22:24
ۋاقتى: 2014-6-16 14:48:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ مۇنبىرمىزدە شائىرلار كۈندىن - كۈنىگە كۆپىيپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ ،ئادەمنى خىيالغا سەپ قويۇپ
ۋاقتى: 2014-6-16 16:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېما پاخاللىقى بولمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە، ئوخشىمىغان تور بىكەتلەردىن ئوخشىمىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇساق بەك ياخشى بولاتتى.  بۇ شئېر بايقاش مۇنبىرىدىمۇ باركەن، ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ؟

  

باھا سۆز

ئۆز ئەسىرى بولغاندىكىن يوللىسا ھېچنىمە بولماس.  ۋاقتى: 2014-6-16 22:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 21:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مەن دەل روھلاندىكى ئىزچىمەن ،بايقاشتىكى قاراكۆزئايىم بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مومكىن مەن باققاشتىكى بىر ماتىريال ئۈچۈن تىللا يىغىش مەخسىتىدە روھلاندىكى ئەسىرىمىنى بايقاشقا كۆچۈرۈردۈم ،لىكىن روھلان مەندىن ۋاز كەچمىسىلا ،مەن روھلاندىن ۋاز كەچمەيمەن .

باھا سۆز

خاتا چۈشنۈپ قالغاندەك قىلىسىز، مەن سىزنى تور بېكەتلەردىن ۋاز كېچىڭ دىمىدىم، قايسى تور بېكەتكە كىرسىڭىز ئىخ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-17 12:58
ۋاقتى: 2014-6-16 22:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېما پاخاللىقى بولمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە، ئوخشىمىغان تور بىكەتلەردىن ئوخشىمىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇساق بەك ياخشى بولاتتى.

ئۆز ئەسىرى بولغاندىكىن يوللىسا ھېچنىمە بولماس.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 09:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش