روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4394|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىلىمگە خىيانەت – ئەلگە قىيامەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلىمگە خىيانەت – ئەلگە قىيامەت
& ~9 p+ t) u" b  Zئابدۇرېھىم دۆلەت
% A" t& v% k  _1 Z* D6 b% Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% q* U: |5 I, ~; z; b1 Z$ p" L+ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا ، ھەم پۇلىمىز بولسا ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز . بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددىي مەنپەئەت ھاكىم – قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنە بىر پاجىئەسى بولسا كېرەك . پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ ؟ دېگەن سوئال بىردەك ھەممەيلەننىڭ : ياق ! دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەن ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ نەسىر ، نۇتۇقلىرىمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى ، رېئاللىق بولسا يەنىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى ئالىي رەۋىشتە نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز جەمئىيەتتىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى ، ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتىۋالىدۇ . مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ . ھەتتا ھازىر كىشىلەرنىڭ ۋىجدان ، ئىمانىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىر دومىلاپلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلىدۇ . دېمەك ، بۇ دەۋر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بارلىق ماددىي – مەنىۋىي ئېلېمېنتلاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان بىر دەۋر .
) r& V; k6 A" k% j/ t' v& {7 f( @2 o« جاھاندا ئەڭ قاتتىق نەرسە نېمە ؟ » _ «مۇھتاجلىق ! » . شۇنداق ، بۇ جۈملىنى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا . ئادەمنىڭ ئىنتىلىشتىن قىلغان ئىشلىرى بىلەن مۇھتاجلىقتىن قىلغان ئىشلىرى روشەن پەرقلىنىدۇ . ئىنتىلىش ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلسا ، مۇھتاجلىق پاسسىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىنتىلىش ئەركىنلىككە دالالەت قىلسا ، مۇھتاجلىق قۇللۇققا دالالەت قىلىدۇ . ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى . ئىنتىلىش _ مۇھتاجلىقنىڭ ئالىي ماقامدىكى مۇقەددەسرەك ئىپادىسى ، ئۇنىڭدا خىلمۇ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بار . ئەمما ، مۇھتاجلىق مەجبۇرلۇقتۇر ، بۇنىڭدا بويسۇنۇشلا بار ، تاللاش يوق ، مەن ئويلايمەنكى ، ئىنسان پائالىيىتى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىق بىرلىكىدىلا ئاندىن مۇكەممەللىككە يەتسە كېرەك . مۇھتاجلىق رېئاللىقنى ، ئىنتىلىش غايىنى كۆزدە تۇتىدۇ . مۇھتاجلىقنى بايقىيالماي ، ئىنتىلىپلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى نەتىجىسىز بولىدۇ ، ئەمما ، ئىنتىلىشنى تەرك ئېتىپ مۇھتاجلىق ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغۋار بولمايدۇ ، ھەتتا بەزىدە پەسكەشلىشىپ كېتىدۇ . ئەمما ھەممىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەمنىڭ نېمىگە ئىنتىلگەنلىكىدە ، نېمىگە مۇھتاجلىقىدا ، ئىنسان ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ سىناق .* K' `  W. i/ C6 K8 I; m5 ]) sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا ھازىر بىز شۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋېتىپتىمىزكى ، بىز ساناقسىز مۇھتاجلىقلار بىلەن قورشالغان ، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ئارمانلىرى نەلەردە ئۇنتۇلغان . مائاشقا مۇھتاج ، ئوقۇش ئارمان . خوتۇنغا مۇھتاج ، مۇھەببەت ئارمان . . .
% m4 Z  W4 L: {3 l( yئېنگلىز تىلى ئىگىلەش ئارمىنىم دەيسىز ، ئەمما ، نېمىشقا ؟ دەپ سورىسا ، دەۋرنىڭ تەلىپى دەيسىز ، مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئارمان ئەمەس ، ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . دەۋر تەقەززا قىلمىغان ، ئەمما ھەر قانداق دەۋردە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟ مېنىڭچە ، ياق ، بۇنداق كىشىلەر بەك ئاز .# l7 a0 G0 S7 B& R' Q: ^' P1 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسانلار ھەرقانداق بىر دەۋردە ياشاش ئۈچۈن ئىلىمگە مۇھتاج بولغان ، ئەمما بۇ خىل مۇھتاجلىق بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولمىغان . بىلىملىك بولغاننىڭ ئالامەتلىرى بولمىش دىپلوم ، ئۇنۋان – كىنىشكىلەر بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىختىراسى ، كىشىلەر ھازىرئۆز سالاھىيەتلىرىنى شۇلاردىن ئىزدەيدىغان بولدى . بۇ خىل سۈنئىي سالاھىيەتلەر قانچە خىلمۇ خىللاشقانسېرى ئەسلى ئىنسانلىق سالاھىيەت بارا – بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ ، ئادەملەر سەن كىم ؟ دېگەن سوئالغىمۇ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي ئېسەنكىرەپ قالىدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇلارنىڭ بولۇشى خاتا ئەمەس ، ئەمما ھەممىنى شۇنىڭدىن ئىزدەش ، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ ماركىسى قىلىۋېلىش خاتادۇر . چۈنكى ، ئىنسان ئۈچۈن ئىنسان دېگەن ماركىلا يېتەرلىك شەرەپ ، ئادەم بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا ، تاپتىن چىقىدۇ .
  P& {% V% s$ d+ Oساختىلىق _ قارا يۈرەكلىك بىلەن مۇھتاجلىقنىڭ مەھسۇلى . ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ساختىلىق ئىشلەتمىگەن ھېچنېمە قالمىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم – مائارىپقا ئىشلىتىلگەن ساختىلىق ئادەملەرنى ئەبەدىي پۇشايماندا قالدۇرىدۇ ، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز بۇنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تارتىمىز . ئۇنداقتا ، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسى ياكى مائارىپى قانچىلىك پاكىز ؟  Q0 ]: [* ^* mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەلكىم بۇ ساھەدىكى پاكىزلىقنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى بولمىسا كېرەك . رايونىمىزدا “ سەللە يوغان ئىمان يوق ، داستىخان يوغان بىر نان يوق “ دېگەن تەمسىل ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان . ھېچكىم خەنزۇ تىلىدا بەش يىل ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ بىرەر پارچە ئىلتىماسنى خەنزۇچە قاملاشتۇرۇپ يازالمىغىنىدىن بەك ھەيران قېلىپ يۈرمەيدۇ ( ھەيران قالماسلىق كۆنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى ، تولا ھەيران قېلىش بىلمەسلىكنىڭ ئالامىتى ، پەقەت ھەيران قالماسلىق غاپىللىقنىڭ ئالامىتى ( ./ q/ }; Z! U3 w: e) Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن دىپلوم ، ئۇنۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىم سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس ، بەلكى نان يېيىش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالدى . ھازىر دىپلومىڭىز يوغىنىسا ، قولىڭىزدىكى زاغرا كاكچىغا ، بېشىڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئالمىشىدۇ . مانا بۇ خىل زۆرۈرىيەت جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن تېزلىكتە جەمئىيەت ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەر قانداق بىر ساھە ، قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى . يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم . ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار بىرەر ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدىغۇ ، دەپ ئويلىغانىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنۋان دەۋاگىرى ئار – نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ “ جاپالىق “ خىزمەت شارائىتىدا “ ھارماي – تالماي “ ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن “ شانلىق “ نەتىجىلىرىنى ئېغىزلىرىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىدىكەن ( يازغان كەمچىلىك – يېتەرسىزلىكلىرى بىرەر ۋاراقمۇ چىقمايدۇ ) ، ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قايتا تىلغا ئېلىشىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ئۇنۋانىغا لايىقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىكەنمىز . ناۋادا بېرىلگەن سان نامزاتلارغا يېتىشمىسە ، ئويۇننىڭ قىزىقى شۇ يەردە ، ئۇ يەردىكى تالاش – تارتىشلارنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ، بىر قويۇپ بەرگىلى بولسا ، دەپ قالىمەن . مەن ئەسلىدە ئۇ تالاش – تارتىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەمەس ، بەلكى نامزاتلار ئارىسىدا بولىدۇ ، ئادەم ئۆز ئۇتۇقلىرىنى ئاشكارا دېيىش ، پەش قىلىشتىن يۈزى قىزىرىدۇ ، دەپ ئويلايتتىم ، ئۇلار ماڭا مېنىڭ خاتا ئويلىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويدى . ھەتتا ئۇلار شۇ تۈپەيلى بىر – بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ ، قاراشمايمۇ يۈرىشىدۇ . بەزىلىرى ھەتتا بۇ يىل نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . بۇ ، “ بۇلتۇر پالانى باھالانغاندا غىڭ قىلمىدىم ، ھازىر مېنىڭ ستاژىممۇ ئەڭ ئۇزۇن ، قىلغان خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس ، ئەمدى مەن بۇ يىل باھالىنىۋالالمىسام كېلەر يىلى يەنە بىر نەچچىسى چىقىدۇ ، دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال باھالىنىۋالاي ، تەشكىل بۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويسۇن “ دېگەنلىك ئەمەسمۇ ؟ بۇلارچە بولغاندا ئۇنۋان خىزمەتنىڭ سۈپىتىگە ئەمەس ، ستاژىغا كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەشكىلمۇ “ ئادىمىگەرچىلىك “ قىلىدۇ .
2 [6 P8 q1 T2 d4 f5 y  T5 xئۇنۋان ئۈچۈن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش ، ئۆزنامىدا ئېلان قىلدۇرۇش دېگەنلەر ھازىر ھېچكىم ئېغىر ئالمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى .
# g! ~% m- ~7 P$ B) t5 Q1998    – يىلى ساۋاقداشلىرىم ئۈرۈمچىگە دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغىلى كەلگەندە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە كەلدىم . ئۇلار دېگەن گەپلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى : “ سىز خوتەندىن كەلدىڭىزمۇ ؟ خوتەننىڭ ياڭىقى داڭلىق ھە “ دېگەندەك ئىما – ئىشارەتلەرنى قىلغانمىش ، ھەتتا بەزىلىرى خېلى ئاشكارىلا مەقسەتنى بايان قىلغانمىش ، دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنى خەققە يازدۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما يېتەكچىلىرىنى “ رازى “ قىلغانلارنىڭ ماقالىلىرى “ ئەلا “ باھالاندى . مانا بۇ ، رايونىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سەرخىللىرىنىڭ كومېدىيىلىرى ، بۇمۇ مۇھتاجلىقتىن كېلىپ چىققان پەسكەشلىكمۇ ؟
5 h  y, _( b% W7 Z! Y' aھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى تېلېغونلىرى ، دۇكانلارنىڭ ئەينەكلىرى ، ھەتتا ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ پەشتاقلىرى . . . ئىشقىلىپ ، كۆزگە تاشلىنىدىغانلا ھەر قانداق بىر يەرگە قارىسىڭىز ھەر قانداق دىپلوم ، كىنىشكا بېجىرىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . “ كىنىشكا بېجىرىمىز “ دېگەن خەتنى ھەر قانداق يەردىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇلار ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەي ، ئەنسىرىمەي ، يانفون ، چاقىرغۇلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى يېزىپ قويۇشىدۇ . بۇ يەردىكى ئېغىر مەسىلە ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ قانداق بولۇپ بۇنچە ئەركىن ئومۇملىشىپ كېتەلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىدا .
$ b- X1 W7 b8 `* G8 m“ ئىسرائىلىيە چوڭاملىرىغا خەت “ دېگەن فېليەتوندا مۇنداق بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىپتۇ : “ يۈز نەچچە نەپەر مائارىپ ئەربابى ، ئالىي ساقچى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە قاتلاملىرىدىكى سەرخىللار يالغان دىپلوم سېتىۋېلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قاپتۇ ، بۇ ئىش پۈتكۈل ئىسرائىلىيىنى زىلزىلىگە سېلىۋېتىپتۇ . دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار دەرھال كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ، لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى تارماق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بەش نەپەر خادىم ھەمدە ئىسرائىلىيە ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىنى رەسمىي قولغا ئاپتۇ . قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ ، يالغان دىپلوم سېتىۋالغان ئىسرائىلىيە ساقچى ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا بىر نەچچەيلەننى سوراق قىپتۇ . ھەتتا شىمال ساقچىلار قوماندانىنىمۇ دەرھال چاقىرتىپ كېلىپ ، ئىسرائىلىيە باش شتابىنىڭ ساقچىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سوراق قىپتۇ . ساختا دىپلوم ياسىغان لاتۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرىدىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى توختىتىپتۇ ھەم بۇ مەكتەپلەر تارقاتقان ھەر قانداق دىپلومنى ئېتىراپ قىلماپتۇ “ . ئەگەر بۇ ئىش جۇڭگودا يۈز بەرگەن بولسا قانداق بولار ئىدى ؟ ئىشقىلىپ ، چوقۇم ئىسرائىلىيىدىكىدەك بولمايتتى . ھەتتا شۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە ، (جۇڭگودىكى) مەلۇم بىر شەھەردە خىزمەت باھالىغۇچىلار شۇ شەھەردىكى %64 ئالىي مەكتەپ دىپلومىنىڭ يالغانلىقىنى بايقىغان . ئەمما ، ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان . جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇچاڭچىڭ ( ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان پارىخور ئەمەلدار ) جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىن ماگىستىرلىق دىپلومى ھەل قىلغان ( ئەگەر پارىخورلۇقى ئاشكارىلانمىغان بولسا ، بۇنى ھېچكىم بىلمەس ئىدى ) .7 ]; w7 c  X- K; N# Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە ئىسرائىلىيىدىكى ھېلىقى ۋەقە توغرىلىق مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئۇ : “ سىلەر ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنتايىن يامان بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار “ دېگەن . يەنە بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى : “ دىپلوم ئالدامچىلىقى ئىنتايىن رەزىل جىنايەت ، خۇددى ئەسكەرنىڭ دۈشمەنگە مىلتىقىنى ساتقىنىدەك ئىپلاس قىلمىش “ دېگەن .  M% \+ f) V2 S; C* Y% V2 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرىدا فېليەتون ئاپتورى لېي چاڭفېڭ كىنايە تەلەپپۇزىدا : “ دىپلوم ، كىنىشكا لازىم بولسا جۇڭگوغا كېلىڭلار ، تام – ستولبىلاردىكى چاقىرغۇ نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلساڭلارلا بىردەمدىلا ھەل بولىدۇ ، ھەم ئەرزان ، ھەم بىخەتەر “ دېگەن .
4 w3 |9 h2 K/ T0 h( T% x4 D. b+ }يەنە تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ قۇلاق سېلىڭ : مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوند جەمئىيىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، مۇپەتتىش ئىشخانىسى 2001- يىلىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكلەرنى ئېلان قىلغان . تاكى 2001- يىلى 31-دېكابىرغىچە بۇ ئىشخانا مۇشۇ خىلدىكى دېلودىن جەمئىي 76نى تاپشۇرۇۋالغان . ئۇنىڭ 54 پارچىسى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلدۇرىۋېلىش ،باشقىلاردىن كۆچۈرۈش ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئادىل بولماسلىق ، مۇكاپات سوممىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش . . .) d+ b% t; t& i" C  l- K2 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلىم ساھەسىدە ساختىپەزلىك قىلىش ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرىۋېلىش دېگەندەك چىرىكلىكلەر ئادەتتىكى ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغانلار ئىچىدە پروفېسسور ، ئاسپىرانتلار بولماستىن ، ھەتتا ئاكادېمىكلار ، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىمۇ بار ئىكەن . پۇلغا چىدىسىڭىزلا ئىنتېرنېتتىن ئىزدىسىڭىز باكلاۋىرلىق ئىلمىي ماقالىسى 10 كوي ، ماگىستىرلىقنىڭ 20كوي ، دوكتۇرلۇقنىڭ 30 كوي ئىكەن ( ئويلاپ كۆرۈڭ ، نەچچە يىل چاچ ئاقارغۇچە ئوقۇپ ، كېچە -كېچىلەپ ئۇخلىماي يازىدىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ باھاسى شۇنچىلىك بولسا – ھە ! ھازىر مەدىكارلارمۇ سائىتىگە 10 كويغا رازى بولامدۇ ، بۇ بىر گەپ ! ) بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر دوستۇم : بېيجىڭدا ماگىستىرلىق ، دوكتورلۇق دىپلوملىرىنى تاپماق ئاسان ، ئىشقىلىپ شۇ ئۇنۋاننى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ساتىدىغانلار بەك كۆپ . ئۇلار دىپلوم ، نىكاھ گۇۋاھنامىسى ، ئاجرىشىش خېتى ، ھەتتا ئۆلۈم ئىسپاتنامىسى . . . قاتارلىق 160 خىلدىن ئارتۇق كىنىشكە ياسىيالايدىكەن ، دېگەنىدى ، مەن تازا چىنپۈتمىگەنىدىم . مانا ئەمدى چىنپۈتمەي بولمىدى .& b. H% ?/ ^- y  E0 A: ~  wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمەلىيەتتە ئۇلار دىپلوم ، كىنىشكە ئەمەس ، بەلكى دۆلەتنىڭ ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى سېتىۋاتىدۇ . ئۇلار چىقارغان باھالار ۋەتەن ، مىللەتنىڭ تەقدىر – ئىستىقبالىغا چىقىرىلغان باھادۇر !
2 ]  \6 T. ~" J' W2 vبولۇپمۇ بۇ خىل چىرىكلىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر . ئوقۇغۇچىنى قەستەن ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەيدىغان ، ئۇقۇغۇچىلاردىن نەپ تاما قىلىدىغان ئىشلار تولا ، بۇنىڭغا ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ( بىر قىسمى ) كۆنۈپ كەتتى ، بۇ ئاللىقاچان ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى .
4 f2 l7 j7 E1 _" R: o& Q; Wئالىي مەكتەپ قانداق جاي ؟ ئۇ قانداق بولۇشى كېرەك ؟ بۇ مەسىلىلەر بەلكىم بىزنىڭ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگىمۇ تېخى ئايدىڭ بولمىسا كېرەك . بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە بولىدۇ
8 y1 f. K5 J/ g1 {2 Hبەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئون ئۇنىۋېرسىتېت مۇنداق ئورتاق تونۇشقا كەلگەن : دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇنداق ئاساسلىق ئىككى ئۆلچىمى بولىدۇ ، بىرى رايون ئىقتىسادى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالغا سۈرگۈچ رول ئوينىيالىشى ، يەنە بىرى ، شۇ رايون ، دۆلەتنىڭ مەرىپەت ، مەدەنىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك . ئومۇمەن مۇنداق ئورتاق قاراش بار : دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك :  j0 m& V! S1 F) ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 – خەلقئارادا زور تەسىرگە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىشى كېرەك .$ E& s, m: Y, K# b. e3 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا بىر تۈركۈم دۇنياۋى پېشىۋالار بولۇشى كېرەك .
. G& n5 y& p/ [2 I8 M1 R) ~- J3-  دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلىرى بولۇشى كېرەك .3 X. b: j& P+ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4-  ئىلمىي تەتقىقاتلىرى دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلالىشى ھەم دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى كېرەك .$ U8 r  q+ D9 g) I3 O1 ^! Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5-  جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك ، مەدەنىيەت ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇشى كېرەك . ( قارىغاندا ، مەن ھازىرغا قەدەر ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايمەن ) خې خەنلىن < دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ قانداق بولىدۇ ؟ > دېگەن فېليەتونىدا مۇنداق دەيدۇ : “ خارۋارد ، سىتانفورد ، يالى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ، كالىفورنىيە سانائەت ئىنىستىتۇتى ، ئوكسفورد ، كامبرىج ، توكيو ئۇنېۋېرسىتېتى دېگەنلەر دەل دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردۇر ، بۇلار نۇرغۇن خەلقئارالىق شەخسلەرنى يېتىشتۈرگەن ، مەسىلەن ، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 37 نەپەر ، ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىدىن 27 نەپەر ئادەم چىققان . ئاكادېمىك ، سىياسىئون ، بانكىر ، كارخانىچىلارنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . كالىفورنىيە سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئاران 2مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن ( ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 30مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى بارمىش ) .( w5 B0 P, B3 u0 S8 W; _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خې خەنلىن يەنە ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئۇنىۋېرسىتېت روھى ، خىسلىتى بولۇشى كېرەك ،ئۇ پۇل ، ھوقۇقنى ئەمەس ، ئەقىل – ۋىجداننى تۈۋرۈك قىلىشى كېرەك . ئۇ ، ئىنسانىيەت مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەددەس تۇپرىقى بولۇشى كېرەك . ئۇ ھەر قانداق چىرىكلىك ، پەسكەشلىكنى سىغدۇرالمايدۇ . ئۇ تارىخىي بىلىملەرنىڭ “ كۆۋرۈكى “ ياكى باشقىلارنىڭ بىلىملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئەمەس ، بەلكى ئىجادىيلىققا باي دەۋر روھىنىڭ بالىياتقۇسى ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە مەدەنىيەت يارىتىدىغان بۆشۈك بولۇشى كېرەك . ئۇ پاسسىپ ھالدا جەمئىيەت تەرىپىدىن يېتەكلەنمەستىن ، بەلكى ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك . ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلىم ئەھلىلىرىدىكى ، ھەرگىزمۇ “ ئىجتىمائى ئالاقىچى “ ، “ ئىلمىي پائالىيەتچى “ ئەمەس ، مۇدىرلىرى بولسا “ ئۇنىۋېرسىتېت روھى“نىڭ ئوبرازلىرى ۋە ئىلغار مائارىپشۇناسلاركى ، ھەرگىزمۇ “ سىياسىئون “ ئەمەس .0 k8 q! R3 b% W6 ^- f1 O& sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ئەرەب ماگناتىنىڭ ئۆز ئىسمىنى قويۇش بەدىلىگە بېرىدىغان غايەت زور ياردەم پۇلىنى رەت قىلغان ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا ، ئامېرىكىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى رېگاننىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مۇقەددەسلەشكەن بىر ئۇنىۋېرسىتېت روھى ، خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان پرىنسىپى شەكىللىنىپ بولغان .
/ r: w1 B, Y$ S8 ~; _" G3 J6 i& _قارىغاندا ، مائارىپ ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلىم چىرىكلىكىنى دەپ بولغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ . مەيلى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىكى پارىخورلۇق ياكى يالغان دىپلوم ، كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئوغرىلانغان ماقالە ، ئەسەرلەر مەسىلىسى بولسۇن ، بۇلار كىشىگە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاجايىپ “ كەڭ قورساق “ ئىكەنلىكىنى ، شۇنچىلىك ئالەمشۇمۇل رەزىللىكلەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ . مۇشۇ رەزىللىكلەرگە قارىتا بىر ئۈنۈملۇك نازارەت ، باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ بولماسلىقى ياكى بولسىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى كىشىنى ئاجايىپ ئېچىندۇرىدۇ .# j& C9 y0 q9 E5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋىي جيەنمېي < ئالىي مەكتەپلەردە نېمە كەم ؟ > دېگەن فېليەتونىدا بۇ مەسىلىلەنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : “ ئەڭ ئاددىي سەۋەب _ ئالىي مەكتەپلەردىكى بيۇروكراتلاشقان تۈزۈمدە . غەربتە مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پروفېسسور – مۇتەخەسسىسلەر باشقۇرىدۇ ، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىز بولسا باشقارما ، ئىشخانىلارغا تولغان ، ھېلىقى ئولتۇرسا ئۆيى ، ماڭسا پىكاپى تەييار باشقارما باشلىقى ، نازىرلارنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، مائارىپ بىلەن پەقەت ئالاقىسى يوق كىشىلەردۇر . بيۇرۇكرات باشقۇرۇش مۇھىتى ئەلۋەتتە بيۇروكراتلاشقان كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ پارتىيىگە كىرەلەيدۇ ، ئەلا باھالىنالايدۇ ، يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ . ھەقىقىي ئىلىم ساھىبلىرى ، ۋىجدان ئىگىلىرى بولغان پروفېسسور ، مۇتەخەسسىسلەر ھوقۇق چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ . بۇنداق “ رىقابەت “ مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قانداقمۇ جەمئىيەتتە ئادالەت بارلىقىغا ئىشەنسۇن ؟ ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇنلىرى شۇ چاغلاردىلا ئادالەت ، ھەقىقەتكە بولغان ئېتىقاد ، چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كېچىپ بولىدۇ – دە ، چوڭ ئېقىمغا قوشۇلىدۇ “ .
6 ^# ^+ G2 `. s" A; H: nھازىرقى زاماندا ئالىي مەكتەپ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، جەمئىيەتنىڭ مېڭىسىدۇر ، بۇ يەردىن چىققانلار جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى ، كىشىلەرنىڭ ئىلغارلىرىدۇر . ئۇلار جەمئىيەتنى ساغلام بىر نىشانغا يېتەكلەشكە ، ئاۋامنى ئاقارتىشقا ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە ، ئۇلار چۈشىنەلمىگەننى چۈشەندۈرۈشكە ، بىلمەي قالغاننى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك . ئۇلار خۇددى تۇزدەك پۈتكۈل جەمئىيەتكە تېتىشى كېرەك . بولمىسا شەخس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى ئىكەنلىكىدەك زاكۇنلارنىمۇ چۈشەنمەي يۈرۈيدۇ .& Y: W, h! c: y4 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەپسۇس ، بىز ھازىر سىتودېنتلىرىمىزدىن بۇلارنى كۈتەلەمدۇق ؟ ئۇيغۇلار ھازىر بۇلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈك بوپقالماي ئۆزىنىڭ جېنىنى باقالىغانلىقىدىن خۇش . ئاتا – ئانىلار قىزلىرى ئالىي مەكتەپتىن “ ساق “ قايتىپ كەلگىنىدىن ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتمىگىنىدىن خۇش ، ئوغۇللىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالمىغىنىدىن خۇش . دېمەك ، بۇلاردىن بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق بىر نەرسىنى كۈتكىلى بولمىغاچقا ، بىز تەلەپ – ئۆلچەملىرىمىزنى شۇنچىلىك قىلىشقا مەجبۇر . بىز ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسىمۇ ، يامانلىق قىلمايدىغان ئادەملەرنى ياخشى دەپ ئاتايمىز . مۇتلەق كۆپ سانلىق سىتودېنتتىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ، غايە ، نىشان كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس .
0 F1 a0 e/ w/ O% Lكرىزىس ھەرخىل بولىدۇ ، ئەمما بۇ كرىزىسلار شۇنىڭ ئۈچۈن پاجىئەلىك ، تەخىرسىزكى ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ، خەلقنىڭ ، ۋەتەننىڭ مېڭىسىدە .2 H  r2 [! e( b3 K! d, hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېڭىسىدىن چاتاق چىققان ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن !
$ O& y+ r& k; F
1 s! q3 g+ H9 j& [* v7 ?9 {مەنبە : http://www.mutellipiqbal.com/?p=209
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-9 21:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇقۇپ چىقاي رەھمەت
ۋاقتى: 2014-6-9 21:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدۇ. ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-6-10 01:08:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما،ياخشى ماقالە!رەھمەت!ئوقىۋالدىم.ھارمىغايسىز.....ھەي...../ M/ T& T$ X* Z: U) lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش