روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] پۇتبول سۆيگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        پۇتبول سۆيگۈسى

پۇتلىرىم « پۇتبول تەپ» دەپ شىۋىرلايدۇ،
قەلىمىم پۇتبول ئۈچۈن پىچىرلايدۇ.
پۇتبولنىڭ بەرگىنى كۆپ، ئىشەنسەڭلار،
شۇ سەۋەب مەستانىسى جىمىرلايدۇ.

ياپيېشىل چىملىقلاردا ئەزىمەتلەر،
توپ بىلەن تۇلپار كەبى غۇيۇلدايدۇ.
ئەقىلدە توپ تەپكۈلۈك، چۈشەنسەڭلار،
تېخنىكا كىتابتىلا ئوقۇلمايدۇ.

پاس بېرىش، توپ ئوينىتىش نەپىس شۇنچە،
كاللا توپ دەل جايىدا، ئېغىشمايدۇ.
بوشلۇقتا كۈرەپ تەپسەڭ ۋاراتاغا،
بېسىمى مىناميۇتتىن قېلىشمايدۇ.

غەلبە دەپ بوپ تۇرىدۇ سۈركىلىشلەر،
چىملىقتا يىقىلسىمۇ، يېتىشمايدۇ.
يۈرەكتىن پۈشتەك چالار رېپىرلارمۇ،
قائىدىگە مۇددىئانى قېتىشمايدۇ.

ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىرى ئارسىلاندەك،
مۇداپىيە قىلغانلىرى ھۇدۇقمايدۇ.
ھۇشيارلىق مۇجەسسەمدۇر سالماقلىققا،
ئالدىراپ مەغلۇبىيەتكە يۇلۇقمايدۇ.

سېرىق ۋە قىزىل كارتا سۆيۈملۈكتۇر،
ئىزدىسەڭ دوللارغىمۇ سېتىلمايدۇ.
ھاياجان رەڭ بېرىدۇ چاۋاكلارغا،
چۇقانلار نۇقتا توپقا قېتىلمايدۇ.

پۇتبولنىڭ سېھرى ئەسلى ئۇيۇشۇشتا،
تىل، جىنىس،مىللەت ئۆلچەم قىلىنمايدۇ.
ھەممىگە قورقۇنۇچتا قارايدىغان،
چاشقانلار قىلچە قارشى ئېلىنمايدۇ.

يېشىلرەڭ تۇيغۇ بېرەر ھەر بىر ھەركەت،
زەن سېلىپ كۆرسەڭ ئىچىڭ سىقىلمايدۇ.
ئۈمىدنى ياشارتىدۇ توقسان مىنۇت،
ئۆچكەن شام چوغ ئالىدۇ، پىلىلدايدۇ.


پۇتبولدا ماھارەت بار، ھارارەت بار،
ئويۇن ئۇ، سىياسىيغا چېتىلمايدۇ.
پۇتبولدا رىقابەت بار، ئادالەت بار،
مەيدانغا ئوق-زەمبىرەك ئېتىلمايدۇ.

مەنمۇ دەل پۇتبولچىنىڭ ئەۋلادىدىن،
قاندا بار پۇتبول روھى يېلىنجايدۇ.
توپ بىلەن تاۋلىغۇلۇق ئىرادىنى،
يەر شارى پۇتبولنى دەپ تىپىرلايدۇ!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: غەزەللەر
ئالدىنقى: تەكشۈرۈش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىپ ، باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە دېكلاماتسىيە قىلغۇدەك شېئىر بوپتۇ ماۋۇ.
يەنە 11 كۈن قالدى باشلىنىشقا، تەرجىمە قىلىپ ئۈلگۈرەلەمسىز؟
ۋاقتى: 2014-6-2 17:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى چىقىپتىكەن ما  شېئىر   بۇ  يىلقى  دۇنيا  لوڭقىسىنىڭ  ناخشىسىنى پەقەت  ياختۇرمۇدۇم  
خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلساڭلار، مەن ئېنگىلىزقا تەرجىمە قىلىپ بېرەي
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-2 20:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، خەنزۇچىلا يازاركەنمەن بۇ شېئىرنى ئەسلى.
ۋاقتى: 2014-6-3 00:17:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، قەلەم تولپارىڭىز ھارمىغاي !
ۋاقتى: 2014-6-3 00:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياىشى يىزىپسىز
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-3 01:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندىم قاتارلىق دوستلارنىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا تەشەككۈر.
بەك ياخشى يېزىپسىز،بارىكاللا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-3 16:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ رىغبەتلەندۈرگىنىگە رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 18:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش