روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1376|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تەكشۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 01:54  

تەكشۈرۈش
ساتىرا
باشلىق قاپاق تۇرۇپتۇ كىلەر ئىكەن  تەكشۈرۈش،
پۇقرالارغا ئۇۋال قىپ سانجىپ تىكەن تەكشۈرۈش.
دەم ئېلىشنى بىلمەمدۇ بىزلەر كۈتكەن تەكشۈرۈش،
تۈنۈگۈنلا ئۇھ دىگەن كۆزدىن يۈتكەن تەكشۈرۈش.

دۇشەنبىدە كەلسەك بىز جۈمە كۈنى كېتەلمەي،
تۈننى تاڭغا ئۇلايمىز كۆزلىگەنگە يىتەلمەي.
شەنبىلەرمۇ قالماس بوش شۇ تۈگۈچنى يىشەلمەي،
باشلىق ئاكام سەكرەيدۇ كىملەر دۆتكەن تەكشۇرۇش.

خىزمەت جىددى بولغاچقائىشلەپ كەتتۇق سورىماي،
ئۈلۈشكىمۇ رۇخسەت يوق باشقىلارنى دورىماي.
ھەپتە ئون كۇن ئىشلىسەك بىر كۇرۇشكە يارىماي،
ئىشىڭ تىزدا يېرىمكەن تىللاپ كەتكەن تەكشۇرۇش.

قانداق خىزمەت تۈگەيدۇيا ئويلەرگە بارمىساق،
باشلار ئېغىر غەم تولا شۇ ئۇيقۇغا قانمىساق.
تەخسىكەش بۇپ لىگەننى يوغان داپ قىپ چالمىساق،
بولدى دىمەي كېتەرمىش بىزلەر كۈتكەن تەكشۇرۇش.

توختاپ قالدى شۇ خىزمەت،يالغانچىلىق دەستىدىن ،
باللىرىمىز يىغلىدى ئەپچىقالماي يەسلىدىن.
ھەممە ئىشلار چىكىندى سامان قورساق قەستىدىن،
يالماۋۇزدەك يەپ قاچار تازاجۇتكەن تەكشۇرۇش.

ھەپتە بەش كۈن كەلسەڭدى يۈرەك چىدار ئۇنۇڭغا،
شەنبىلەردە ئوت بەرگىن قوتاندىكى قۇيۇڭغا.
يەكشەنبىدە ئويلاپ قوي بالاڭ بولسۇن قۇلۇڭدا،
ئائىلىگە ۋاپا يوق ھەجەپ خەقكەن تەكشۇرۇش.

تۈزەش ئىمىش مەخسىدى تەكشۇرۇشنڭ ئەسلىدە،
بۇزۇپ قۇيۇپ كەتمەكتە شۇ ھۇقۇقنڭ قەستىدە.
باشلىقلارمۇ بار يەنە شۇم پىلاننىڭ كەينىدە،
پۇقرالارنى قىيناشقا پەرمان يەتكەن تەكشۇرۇش.

بىلسە ئەگەر ئاشۇلار خىزمىتىنى ئورنىنى،
ئەمىليەتنى كورمەستىن قاس چىقارماس قۇلىنى.
دەپتەر كورمەي سان كورمەي ئىزدەپ باقار ھۇلىنى،
يەپ ئىچىشنىڭ دەستىدىن ھېرىپ كەتكەن تەكشۇرۇش.

قانداق قىلسا توۋەننى قاقشىتىشقا چىش بىلەپ،
قۇسۇرلارنى ئىزدەيدۇ نۇمۇر تارتسام نەدىن دەپ .
شۇ سەۋەپتىن سەمىرەر ھارامدىنلا بېكار يەپ،
ياش ئەللىككە بارماستىن قېرىپ كەتكەن تەكشۇرۇش.

مەيلى كەلسەڭ كەلگىن بەس دۇشەنبىدىن جۈمەگە،
ئىسرىق سېلىپ ئوت ياقاي يىغىپ قويدۇم كۆنەگە،
ئەمدى بالا تەگمىسۇن دەم ئېلىشتا شەنبىگە،
يەكشەنبىمۇ بىزنىڭكى تىزراق كەتكىن تەكشۇرۇش.

شەھرى كۈسەن2014-3-16
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-2 09:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدان چىقىپتۇ داۋاملىق تېرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-2 09:17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئاپرىن تىخمۇ تىرشىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-2 09:45:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ دىھقان بالىسى، شۇنداق بولسىمۇ
ھازىرقى كادىرلار دىھقانلارغا پەقەت يۈز
بەرمەيدۇ. تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت
گۇرپىسى بىلەن كەنىت كادىرلىرىنىڭ تىلى
بىركەن، ئۇلارنىڭ دىھقانلارغا پەقەت پايدىسى
تەگمىدى بىز تەرەپلەردە،
ئۆتكەندە، ئىسمايىل تىلىۋالدى كەلگەندىمۇ
ئەڭ باي بىر سودىگەر يۇرداشنىڭ ئۆيىگە
تەكلىپ قىلىپ باشقا بۇلۇڭ پۇشقاقتىكى
كەمبەغەل دىھقانلارنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرسەتمەي
يولغا سىلىپ قويدى.....

ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ شىئىرىڭىز، تىخىمۇ
تىرىشىڭ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-2 11:06:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەن ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت بولغاي.
بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇڭ...نىم بولدىكى بۇ باشلىقلارغا
ۋاقتى: 2014-6-2 19:26:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 19:33  

شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ شېئېر سىزگە تەشەككۇر .....
ۋاقتى: 2014-6-2 19:39:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ روھلان تورىنى باشلىقلارغا كۆپرەك تەشۋىق قىلسام بولغۇدەك ھىچ بولمىغاندا يېزىدىكى كادىرلارغا چۇقۇم تەشۋىق قىلىمەن، ئاشۇلار بىر كۆرگەن بولسا مۇشۇنداق قامچىدەك تىگىدىغان شىئېرلارنى. رەھمەت ئۇستاز قەلىمىڭىز ھارمىغاي.
ۋاقتى: 2014-6-3 00:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 10:59  



باھا سۆز

ئىنكاسنى ئىنكاستەك يازايلى قېرىنداشلار.نىمە بۇ ئەمدى؟  ۋاقتى: 2014-6-4 20:17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 01:53  

رەخمەت! ياخشى تېملىرڭىز ئۈزۈلمگەي! سەممىي ئەسكەرتىش: «ۇ»ھەرپنىڭ ئىشلىتىش ئورنىغا دىققەت قىلغايسىز! تىلفۇندا چىققاچقا تەھرىرلەشكە ئامال قىلالمىدىم!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 02:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش