روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1260|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزەمگە
تۇغۇلدۇم مۇھەببەت جۈپلەشكەن روھتىن،
مۇھەببەت تاراتقىن كۈنى –تۈنىدە.
ئالەمگە يۈك ولماي ياشىغىن كۈلۈپ،
بالقىىن،چاقنغىن يۈرەك-يۇرەكتە.
قەلبىمدە بىر سۈيگۈ ئاقىدۇ دائىم،
ئىنسانغا ئىنسانچە ھېممەتتە بول دەپ.
باسقان ھەر قەدىمىڭ گۈللىسۇن،كۈلسۇن،
ئەل ئۈچۈن ھەمىشە خىزمەتتە بول دەپ.
كۆزلىزىڭ نۇرلىر يۈتمەستىن بۇرۇن،
سۈيۈپ قۇي سۈيگەۈگە تەشنا دىللارنى.
مۇھەببەت ئۇ قۇياش تۇغىدۇ دۇنيا،
قىسقارتىپ بارىدۇ يىراق يوللارنى.
خەلقىمىنڭ ئۇغىلىمەن،سۆيگۈگە تولغان،
بىر يۈرەك تۇتىمەن گۈلى –گۈلىمىگە.
بىر قەتىرە تەرىمىدن گۈلىستان ياساپ،
تۇتىمەن ئۈمىدلىك قەيسەر ئىلىمگە.


يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر

يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر؟
سۆيگۈ نىمە،مۇھەببەت نىمە؟!
ئىشىقلارغا دۇرا بىھاجەت،
كۆيسەڭ  ئەگەر بىرنى سۆيگىنە.
يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
تقدىر نىمە،ھاياتلىق نىمە؟!
مۇھتاجلىقتىن تۇغۇلماس سۆيگۈ،
مۇھەببەت ئۇ سېتىلماس مەڭگۈ.
يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
‹‹مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ››
ئۇقىمىغان سەنمۇ –مەنمۇ ھەم
ھېكمىتى كۆپ كەلدۇققۇ سۆزلەپ.
يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
جۈپ كۆزىڭدا بارمىكىن تۇرقىم؟!
سىنى شۇنداق سۆيگەنلىكىم  راسىت،
يەنە سۈيۈپ ياشايمەن ئۇمىقىم.
يغرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
نەدىن كەلدۇق كىتىمىز نەگە؟!
ھايات –تاتلىق ،مۇھەببەت –ئازاپ،
ئايلانساق گەر سۈيۈملۈك تەنگە.
يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
مۇھەببەتسىز كۆكلەمدۇ گۈللەر؟!
ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايمىز ئەبەت،
سۇ ئىچكەندە كۆڭۈلدىن –كۆڭۈللەر.
يۈرىكىڭدىن سۇراپ باق دىلبەر،
سېغىنىدىڭمۇ مېنى سەنمۇھەم.
بىر تەڭرىدىن تىلەپ بەختىڭىنى ،
مەن سەن ئۈچۈن ياشايمەن ئەركەم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-27 14:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى پىششىقلاشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسىڭىز.
باسقان قەدىمىڭىز خەيىرلىك بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-5-27 18:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. داۋاملىق تېرىشىڭ .كىينكى ئەسرڭىزدە ئىملاغا دىققەت قىلارسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-27 19:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ،پىشمىغان تىمىنى يوللاپ ۋاقتىڭىزنى ئالغانلىقىمدىن خىجىلمەن!ئۆزەمگە كۆپرەك قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ،داۋاملىق تىرىشىمەن
ۋاقتى: 2014-5-30 21:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىلىپتۇ ، ماڭا بەك ياقتى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 20:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش